نەپەس يولى كېسەللىكلىرى دوختۇرى-زۇلپىيە ئەبەيدۇللا

دوختۇر ئىسمى: نەپەس يولى كېسەللىكلىرى دوختۇرى-زۇلپىيە ئەبەيدۇللا | ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ | بۆلۈم ئايرىمىسى: نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمى
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى | ئاۋاتلىقى: قېتىم


ئىسىم-فامىلىسى:  زۇلپىيە ئەبەيدۇللا
خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمى
كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: زىققا، توسۇلۇش خاراكتېرلىك سوزۇلما ئۆپكە كېسەللىكى، ئۆپكە قان-تومۇرلىرى توسۇلۇش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى، ئۆپكە راكى، خورەك سەۋەبلىك نەپەس توختاش، ئۆپكە تالالىشىش، نەپەس زەئىپلىشىش قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى دىياگنوزلاش ۋە داۋالاشقا ماھىر.
 


قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى زۇلپىيە ئەبەيدۇللا 1981-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشكەن. 2010-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس خورەك سەۋەبلىك نەپەس توختاپ قېلىش كېسەللىكىنى دىياگنوزلاپ داۋالاش بويىچە نۇقتىلىق تەربىيەلەنگەن، 11 يىللىق كىلىنىكىلىق خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا، كەسپىي بىلىم ۋە داۋالاش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىرگە، كاناي ئەينىكى ئارقىلىق دىياگنوزلاش-داۋالاش تېخنىكىسى، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى پىششىق ئىگىلىگەن، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە دائىر تەتقىقاتلارغا قاتناشقان ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ يېقىندىن بۇيان، دوختۇرخانىدا جاپالىق ئىشلەش بىلەن بىرگە تور ۋە ئۈندىداردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىمارلارغا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بويىچە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىپ كەلمەكتە.

مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوختۇر زۇلپىيە ئەبەيدۇللادىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار