سۈيدۈك تېشى دوختۇرى-ئابلىز ئىسمايىل

دوختۇر ئىسمى: سۈيدۈك تېشى دوختۇرى-ئابلىز ئىسمايىل | ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ | بۆلۈم ئايرىمىسى: سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلىرى مەركىزى
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى | ئاۋاتلىقى: قېتىم


ئىسىم-فامىلىسى: ئابلىز ئىسمايىل
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى
بۆلۈم: سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلىرى مەركىزى
كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرۇس
ئوبدان ئىگىلىگەن كەسپى ساھەسى: سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى تاشنى پارچىلاپ يوقىتىش، ئوپېراتسىيە قىلىپ تاشنى ئېلىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى غەيرى تۈزۈلۈشنى ئوڭشاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ئومۇمەن، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ھەرخىل تاش كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايتىشقا ماھىر.
 


قىسقىچە تەرجىمىھالى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ دوختۇرى ئابلىز ئىسمايىل 1982-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 2005 -يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ 2006-يىلى ش ئۇ ئا ر  خەلق دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش(سىستېمىسى كېسەللىكلىرى) مەركىزىگە ئىشقا چۈشىدۇ. 2014-يىلى 2-ئايدىن 2015-يىلى 4-ئايغىچە گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا مىكرو زەخىم مەركىزىدە بىلىم ئاشۇرغان.2015-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن(ھازىر خىزمەتتە تۇرۇپ ئوقۇماقتا). 2015-يىلى ئۇ ئېلان قىلغان <<ب تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ياردىمىدە بۆرەك ئەينىكىدىن پايدىلىنىپ زىيادە مىكرو يولدىن تېرە ئارقىلىق تاشنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ كىچىك بالىلارنىڭ يۇقىرىقى سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى داۋالاش>>ناملىق  ماقالىسى جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىلىمى ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يېڭىچە تېمىدىكى ماقالە يەنە كەپ 2015-يىلى مەملىكەتلىك سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش يىللىق يىغىنى ھەمدە 2015-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش يىللىق يىغىنىدا ئوقۇلغان. شۇ يىلى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تېخنىكا ئىجاد قىلىش بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە جۇڭخۇا سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى قاتارلىق داڭلىق تېببىي ژۇرناللاردا بىرقانچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئابلىز دوختۇر خەلقئارا سۈيدۈك تېشى كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ياش ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ  تېبابەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن بولۇپمۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈشنى داۋالاش جەھەتتە قېتىرقىنىپ ئىزدەنمەكتە.

 مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوختۇر ئابلىز ئىسمايىلدىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار