ھاياتلىق قەھرىمانى-دوختۇر كېرەم ئابدۇرېھىم

دوختۇر ئىسمى: ھاياتلىق قەھرىمانى-دوختۇر كېرەم ئابدۇرېھىم | ئۇنۋانى: | بۆلۈم ئايرىمىسى:
خىزمەت ئورنى: | ئاۋاتلىقى: قېتىم

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلغان، ساغلاملىق گېزىتخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2016- يىللىق مەملىكەتلىك تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى ھاياتلىق قەھرىمانلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كېرەم ئابدۇرېھىم «ھاياتلىق قەھرىمانى − پەن- تېخنىكا چولپىنى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ شىنجاڭدىكى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر تېببىي مۇتەخەسسىس.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ساغلاملىق گېزىتخانىسى 2013- يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت مىقياسىدا «تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى ھاياتلىق قەھرىمانلىرى» بويىچە تىپىك شەخس (كوللېكتىپ)لەرنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغانىدى، بۇ پائالىيەت ئۈچ يىللىق تەرەققىيات ۋە تەجرىبە توپلاش نەتىجىسىدە كەسىپكارلار ئارىسىدا ماركا بولۇپ شەكىللەندى. «ھاياتلىق قەھرىمانى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى ھازىرقى زامان سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى چوڭقۇر نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرماقتا ۋە يېتەكلىمەكتە.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ساغلاملىق گېزىتخانىسى 2016- يىلى «ھاياتلىقنى ئاسراشقا باغلانغان چوڭقۇر مۇھەببەت» باش تېمىسىدىكى 4 - نۆۋەتلىك «تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى ھاياتلىق قەھرىمانى»نى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى باھالاشقا قاتناشتى، ئاخىرىدا 14 شەخس(كوللېكتىپ) داۋالاش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىگەن، تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان 1- سەپتىكى «ئاددىي قەھرىمان» مۇكاپاتىغا؛ ئون شەخس(كوللېكتىپ)تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تەتقىقات ساھەسى، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا ياكى تېببىي مائارىپ ساھەسىدە دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشكەن «پەن- تېخنىكا چولپىنى» مۇكاپاتىغا؛ ئون شەخس(كوللېكتىپ)كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، ساقلىق ساقلاش- نازارەت قىلىش ساھەسىدە خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ «جامائەت ساقلىقى ئاۋانگارتى» مۇكاپاتىغا؛ ئالتە كوللېكتىپ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا جاپادىن قورقماي، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان ياكى ئۇزاق مۇددەت خالىس تۆھپە قوشۇپ، جامائەت پاراۋانلىقىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان «پىدائىي كوللېكتىپ» شەرىپىگە ئېرىشتى.
كېرەم ئابدۇرېھىم دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان كېرىلىش كۈچى يوق چۇقۇقنى ياماش ئوپېراتسىيەسىدىن 1000دىن ئارتۇقنى ئىشلىدى ھەم بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى 500دىن كۆپرەك كېڭەيتتى؛ «شىنجاڭدا كېرىلىش كۈچى يوق چۇقۇقنى ياماش ئارقىلىق يېرىق چۇقۇقنى داۋالاش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش»، «قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق جىگەر، بۆرەك خالتىلىق ئىششىقنى تېشىپ داۋالاش تېخنىكىسى» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، 20گە يېقىن پەن تەتقىقات نەتىجىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 100دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى جۇڭخۇا تېببىي پەن ژۇرنىلى، SCT قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، سەككىز تۈرلۈك قوللىنىشچان يېڭى تېخنىكا پاتېنتقا ئېرىشتى؛ 40قا يېقىن دوكتور ئاسپىرانتنى تەربىيەلەپ، شىنجاڭنىڭ مىكرو زەخمە تاشقى كېسەللىكلىرى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلدى؛ «مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى»، «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پەن- تېخنىكا خىزمەتچىسى»، شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سىستېمىسى بويىچە «چېگرا رايوندىكى ساغلاملىق مۇھاپىزەتچىسى»، «ئاپتونوم رايون بويىچە 9- تۈركۈمدىكى گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى؛ «جۇڭخۇا ئاشقازان- قىزىلئۆڭگەچ كىسلاتاسى يېنىش كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى، «جۇڭخۇا چۇقۇق ۋە قورساق دىۋارى تاشقى كېسەللىكلەر ژۇرنىلى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىكرو زەخمە ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە ئوتتۇرا- غەربىي رايون ئورۇقلىتىش ۋە مېتابولىزم تاشقى كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، جۇڭخۇا تاشقى كېسەللىكلەر جەمئىيىتى چۇقۇق ۋە قورساق دىۋارى تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خەلقئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئاشقازان- قىزىلئۆڭگەچ كىسلاتاسى يېنىش كۆپ پەنلەر شۆبە ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى، ئۇنى ھەر مىللەت ئامما يېقىملىق ھالدا «ياخشى دوختۇر كېرەم» دەپ ئاتايدۇ.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: تەقدىرلەنگەنلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى ھازىرقى زامان سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتنى قەدىرلەش، پەن- تېخنىكىغا ھۆرمەت قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەشتەك دەۋر روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەزمۇنى، شۇنداقلا سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ كەسىپ روھى تەلىپىنى جانلىق شەرھلەپ، ھازىرقى زامان سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنى «ساغلام جۇڭگو» قۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.


سۈرەتتە: كېرەم ئابدۇرېھىم مۇكاپات تارقىتىش مەيدانىدا.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار