نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر

دوختۇر ئىسمى: نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر | ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ | بۆلۈم ئايرىمىسى: نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى | ئاۋاتلىقى: قېتىم

ئىسىم-فامىلىسى: ئايتىللا قادىر
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس، خىزمەتتىكى ماگىستىرانت
ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: تۈرلۈك نېرۋا كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، باشنىڭ يارتىسى ئاغرىش، باش قېيىش، تۇتقاقلىق قاتارلىقلارنى دىياگنوزلاش ۋە داۋالاشقا ماھىر.
 


قىسقىچە تەرجىمھالى:
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئايتىللا قادىر 1980-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشكەن. 2014-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسىدا بىلىم ئاشۇرغان، 2016-يىلى سەھىيە نازارىتىنىڭ «تۈمەن دوختۇر يېزىغا چۈشۈپ ياردەم بېرىش» ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا چۈشكەن. ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن 1 گە قاتناشقان، ئۆزى مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن 1 نى، شەھەر-ۋىلايەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن 1 نى تاماملىغان، بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.

مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوختۇر ئايتىللا قادىردىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار