شىۋېيتسارىيەدە دوختۇرخانا ئاچقان پىسخىك دوختۇرى ئابلىز راخمان

دوختۇر ئىسمى: شىۋېيتسارىيەدە دوختۇرخانا ئاچقان پىسخىك دوختۇرى ئابلىز راخمان | ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ | بۆلۈم ئايرىمىسى: روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش بۆلۈمى
خىزمەت ئورنى: شىۋېيتسارىيە جەنۋە شەھىرىدە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش شەخسىي دوختۇرخانىسى | ئاۋاتلىقى: قېتىم

(يازما ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستۇتىسى دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، ئەلپىدا تاراتقۇسىدىن ھەمبەھرىلەندى)
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس بار، ئۇ پىسخىك دوختۇر، پىسخىك مۇتەخەسىس ئابلىز راخمان. ئابلىز راخمان نۆۋەتتە شىۋېيتسارىيە دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شىۋېيتسارىيە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى، جەنۋە دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شىۋېيتسارىيە كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن چېكىندۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى.

پىسخىك مۇتەخەسىس ئابلىز راخمان 2014-يىلى شېۋىتسارىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دۆلەتلىك ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، «روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى» دېگەن ئۇنۋانغا ھەمدە دوختۇرلۇق قىلىش ئىجازەتنامە كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش شەخسىي دوختۇرخانىسى ئاچقان.
ئابلىز راخمان 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قومۇل شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قومۇلدا ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئالتە يىل ئوقۇش جەريانىدا نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، 1987-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان، 1989-يىلدىن 1990–يىلغىچە، جۇڭگو شىئەن تېببىي ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق فاكۇلتېتىدا مەملىكەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالىي دەرىجىلىك قانۇن دوختۇرلىرى سەۋىيە ئۆستۈرۈش كۇرسىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەپتىش ۋە سوت مەھكىمىسى تامغىسى چۈشۈرۈلگەن «قانۇن دوختۇرلىرى بېكىتىش كەسپى گۇۋاھنامىسى» ئالغان.


1987–يىلىدىن 2000-يىلغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 2000–يىلى دۆلەتلىك چەت ئەلگە چىقىش فوند جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە شىۋېيتسارىيە لوسان ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات مەركىزىدە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. لوسان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات مەركىزىدە ئۆگىنىش ۋە ئىشلەش جەريانىدا، «خېروئىندىن زەھەرلىنىپ ئۆلگۈچىلەر» توغرىسىدا دوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم بۇ ھەقتە ئىلىمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان، دوكتورلۇق تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن كېسەللەر بىلەن نەق مەيداندا ئۇچرىشىش ئارقىلىق تەجرىبە توپلىغان.
خىزمەت جەريانىدا «خېروئىننى تاشلىتىش تەتقىقاتى»نىڭ زور تەسىر ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە تېما ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، 2003-يىلىدىن 2010–يىلغىچە شىۋېيتسارىيە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرسىدا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان، بۇ جەرياندا شىۋېيتسارىيە دۆلەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ھەر يىللىق ئىمتىھانلىرىدىن ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئۆتكەن. 2014-يىلى شىۋېيتسارىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دۆلەتلىك ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، روھىي كېسەللىكلەرنى روھىي جەھەتتىن داۋالاش مۇتەخەسسىسى ھەمدە دوختۇرلۇق ئىجازەتنامە كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش شەخسىي دوختۇرخانىسى ئاچقان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، شىۋېيتسارىيە دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شىۋېيتسارىيە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى، جەنۋە دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شىۋېيتسارىيە كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن چېكىندۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى قاتارلىق ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار