يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى - ئايشەم ئەسەت

دوختۇر ئىسمى: يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى - ئايشەم ئەسەت | ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ | بۆلۈم ئايرىمىسى:
خىزمەت ئورنى: | ئاۋاتلىقى: قېتىم

 ئىسىم-فامىلىسى: ئايشەم ئەسەت

خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى
كەسپىي ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، سوزۇلما جاھىل خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى، رېماتىزىم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى، تۇغما يۈرەك كېسەللىكى، ئېغىر يۈرەك رىتىمسىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى دىياگنوزلاش ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسى.
 


قىسقىچە تەرجىمھالى:
مۇتەخەسسىس دوختۇر، مۇدىر ۋىراچ ئايشەم ئەسەت 1970-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ ئۇچتۇرپانغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، ئاساسىي قاتلامدا 10 يىل كېسەل كۆرگەن. 1981-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكۈلۈپ، 2008-يىلىغىچە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇزۇن يىللىق كىلىنىكىلىق داۋالاش خىزمىتى جەريانىدا، ئۆزىنىڭ مول كىلىنىكىلىق داۋالاش تەجرىبىسى ۋە يۇقىرى كەسپىي بىلىمى بىلەن سانسىزلىغان بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

ئايشەم دوختۇر 2017-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى يۈرەك كېسەللىكلىرى 3-بۆلۈمىدە تەكلىپ بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:

18195820770

مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
يۇقىرىقىدەك نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار