ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق 4-دوختۇرخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

دوختۇرخانا نامى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق 4-دوختۇرخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى | دەرىجىسى | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق 4-دوختۇرخانىسى يەنى شىنجاڭ روھى ساغلاملىق مەركىزى 1938-يىلى قورۇلغان بولۇپ 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر قانچە ئەۋلاد كىشلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ھازىر داۋالاش، تەتقىقات، ئوقۇتۇش، ئەسلىگە كەلتۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان غەربى شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كەسپى دوختۇرخانىغا ئايلاندى. 2007-يىلى 4-ئايدا خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى (Iso9001 ) نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، غەربى شىمال رايونىدىكى ئوخشاش دوختۇرخانىلار ئىچىدىكى بىردىن بىر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن دوختۇرخانا بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايون، بىڭتۋەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېكىتكەن ئورگان، شىنجاڭ تېببي ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسى ھەمدە پسىخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچىلەر تەربىيىلىنىدىغان كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيلەش، پراكتىكا بىلەن شۇغۇللىنىش ئورنى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئىدارە ساھىبى. دوختۇرخانىنىڭ يەر كۆلىمى 31 مىڭ 144 كۋادىرات مېتىر بولۇپ 26 مىڭ 111.5كۋادىرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئىگە. ئومۇمى مەبلىغى 119 مىليون 40 مىڭ يۇۋەن، كۆكەرتىش كۆلىمى %45 دىن يۇقىرى بولغان ئارام ئېلىش، كۆڭۆل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرلەشتۇرۇلگەن باغچا شەكىللىك دوختۇرخانا. ھازىر 800 كارۋات، 509 نەپەر شىتاتلىق خادىم 126 نەپەر تەكلىپلىك خادىم، نەچچە ئون بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە ئىختىساس ئىگىسى بار بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپى خادىمدىن 56 سى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى خادىمدىن 114 ى، تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپى خادىمدىن 214 ى بار.
كۆپ يىللاردىن بىرى، دوختورخانا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم-پەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك بىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۆلەتلىك ئاكادىمىك، سەھىيە بۆلۈمىنىڭ سابىق بۆلۈم باشلىقى لېكسىيە سۆزلىگەن، ھەم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مېھمانلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرغان. بىر قىسىم دوختۇرلارنى بىرازىلىيە، ياپۇنىيە، گىرمانىيە، شاڭگاڭ قاتارلىق رايونلارغا ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرگەن.
دوختۇرخانىدا: جىددي قوتقۇزۇش ئونىۋىرسال بۆلۈمى، ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش بۆلۈمى، پسىخىك كلىنىكا بۆلۈمى، بەدەن تەكشۈرۈش مەركىزى، پسىخىكىلىق ئۆلچەش بۆلۈمى، نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ھاراق تاشلاتقۇزۇش بۆلۈمى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى، ئۈرۈمچى ئۇيقۇ تەتقىقات داۋالاش مەركىزى، بالىلار پسىخىكىسى ۋە تور خۇمارلىقىنى كونترول قىلىپ داۋالاش بۆلۈمى، ياشانغانلار بۆلۈمى «686»تۈر ئىشخانىسى قاتارلىق بۆلۈم ۋە مەركەزلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر بۆلۈم ۋە مەركەزلەردە يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپىي خادىم ۋە سېسترالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىمارلارنىڭ كېسەللىك پسىخىكىسىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ ئەلا مۇلازىمەت ۋە مۇكەممەل داۋالاش پرىنسىپىنى بىرىكتۈرۈپ دىيارىمىزدىكى مەيلى خىزمەت بېسىمى، تۇرمۇش بېسىمى ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئېغىر، ئوتتۇرا ۋە يىنىك دەرىجىدە بولغان روھىي كېسەللەرنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاش ھەم پسىخىك جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشنى ئاساس قىلغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر