ئارىشاڭ تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

دوختۇرخانا نامى: ئارىشاڭ تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى | دەرىجىسى | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

         ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆتىنچى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئارىشاڭ تارماق دوختۇرخانىسى ئۈرۈمچى رايونىدىكى بىردىنبىر مەخسۇس سالامەتلىكنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈش بويىچە داۋالش دوختۇرخانىسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ شۈيمۇگۇۋ مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ھازىر بۇ دوختۇرخانىدا 167داۋالىنىش كارىۋىتى79 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بار. دوختۇرخانىمىزغا بىر تۈركۈم ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە خادىملار يىغىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيىدە ئوقۇپ كەلگەن دوكتوردىن بىرى، مۇدىر ۋراچتىن ئۈچى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچتىن 4ى، مەسئۇل ۋراچتىن 15ى بار. دوختۇرخانىمىز ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىشلىتىش ئورگىنى، مېيىپلار سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنى داۋالاش، تېببىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋاملىق تەربىيىلەش ئورنى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىلارغا يۇقىرى ساپالىق، غوللۇق، تېببىي خادىملارنى تەربىيلەپ بەرگەن ۋە ئەۋەتكەن .

 

 

 

 

        دوختۇرخانىمىزدا، داۋالاپ ساقايتىش بۆلۈمى، داۋالاش بۆلۈمى، تېببىي تېخنىكا بۆلۈمى، داۋالاش بۆلۈمى، فىزىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى، (تەكشۈرۈش، پەۋقۇلاددە تەكشۈرۈش، رادىئاتسىيە ) سۇ بىلەن داۋالاش گورۇپپىسى، دورىگەرلىك گورۇپپىسى، قاتارلىقلار بار بولۇپ، پايدا ئالمايدىغان پاراۋانلىق تىپىدىكى ئورۇن.

 تېببىي داۋالاپ ساقايتىش بۆلۈمى- كلىنىكا، تەتقىقات، ئوقۇتۇش، بىرلەشتۈرۈلگەن كلىنكىلىق داۋالاش بۆلۈمى بولۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونى، ئامبۇلاتورىيە ۋە يۇقىرى بېسىملىق ئوكسېگىن ئامبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 167 كارىۋات ۋە بىر گۇرۇپپا لاياقەتلىك، كەسپىي تېخنىك خادىملارغا ئىگە. دوختۇرخانىمىز كۆپ يىللىق  ئىزدىنىش،تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە كېلىنكىلىق تەجرىبىلەر ئاساسىدا، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باھالاش سېستېمىسى ۋە بىر قاتار داۋالاش قائىدىلىرىنى (تەرتىپلىرىنى )  تۈزۈپ چىقتى، ھەمدە ھەرقايسى بۆلۈملەردىن غوللۇق خادىملارنى، كۆپ قېتىم «جۇڭگو سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقات مەركىزىگە تەربىيلىنىشكە ئەۋەتتى. سىستېمىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپلىگەن مېيىپ ۋە ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بىمارلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. داۋالاش ئۈنۈمى%80تىن يۇقىرى بولۇپ، كەڭ بىمارلارغا ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. ئاساسلىق داۋالايدىغان كېسەللىكلەر: 1.نېرۋا سېستېمىسى كېسەللىكلىرى؛ مېڭىگە قان چۈشۈش كېسەللىكلىرى؛ مېڭە قان-تومۇر توسۇلۇش؛ مېڭە نېرۋىلىرى ئۆلۈش؛ تورسىمان پەردە ئاستى ياللۇغى، قاناش، مېڭە سىرتى جاراھىتى، مېڭە ئۆسمىسى ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى كېسەللىك، يۇلۇن ياللۇغى، يۇلۇن ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى كېسەللىك، كۆپ قوزغىلىدىغان نېرۋا قېتىشىش كېسەللىكى، يۇلۇن زەخمىلىنىش، بالىلار مېڭە پارالىچى. 2.سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرى. سۇنۇق ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى كېسەللىك، زىيادە ھەرىكەتتىن زەخمىلىنىش (مۇسكۇل، پەي، سىڭىر)، سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى. 3.بويۇن مۈرە كېسەللىكلىرى. بويۇن ئۇمرۇتقا كېسەللىكلىرى. ھەرخىل جىددىي، سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل-پۇت ئاغرىقى، بەل-ئۇمرۇتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، ئومۇرتقا يانغا پولتىيىپ چىقىش. 4.كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەندىن كېيىنىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر ھەمدە ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان تىل ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش؛ بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر. 5.تېرە كېسەللىكلىرىدىكى داۋالاش، كۆيۈشتىن كېيىنكى داۋالاش.

  دوختۇرخانىمىز تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش كېسەللىكلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار كېسەللىكلىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالايدۇ. يۇقىرى بېسىملىق ئوكسېگىن بىلەن داۋالاش بۆلۈمى دوختۇرخانىمىزنىڭ ئالاھىدە بۆلۈمى بولۇپ، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش، زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىققان مېڭە كېسەللىكى، باش مېڭە سىرىتقى جاراھىتى، مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە كەپلەشمىسى، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسەللىكى، ئۇخلىيالماسلىق، ئەسەبىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كېسىلى قاتارلىقلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمى، فىزىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۆيى، ئۇۋلاپ داۋالاش ئۆيى قاتالىقلار بار بولۇپ، ئۇلترا دولقۇن، قىسقا دولقۇن، كاشىلىچى توك، تۆۋەن چاستوتىلىق ئاۋاز دولقۇنى، ئاۋاز چاستوتىسى، ئىللىتىش ئەسۋابى، تۆۋەنكى مۈچىلەرنى ھورداققا چۈشۈرۈش، تور ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن . فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ تۈرلىرىدىن: بويۇن ئۇمرۇتقا كېسەللىكلىرى، بويۇن ئۇمۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ قېلىش، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى چىقىش، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى، يۇمشاق توقۇلمىلار زەخمىلىنىش، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، ئەتراپ نېرۋىلىرى پالەچلىنىش، نېرۋا ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، تارتۇق، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ ۋە ئاغرىش، مۇسكۇل يىگىلەش، بەلۋاغسىمان قاپارتما قاتارلىقلار بار.

 سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش بۆلۈمىگە دۆلىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن. تەكشى سۈرەتلىك مۇسكۇل چېنىقتۇرۇش ئەسۋابى بەلگىلەنگەن مۇسكۇللار ئۈچۈن ئۆلچەملىك مەشق ئۈنۈمىگە ئىگە، توكلۇق تۇرغۇزۇش كارىۋىتى، بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش مەشىقلەندۈرۈش ئەسۋابى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئورۇنلىرىغا داۋالا ئېلىپ بارالايدۇ.

 سۇ ئارقىلىق داۋالا گورۇپپىسى 1989-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۆلۈمى. ئارىشاڭ سۈيىدە ئوتتۇرا قويۇقلۇقتىكى ھىدروسۇلفىد بار بولۇپ، قان-تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق.  ئارىشاڭ سۈيى يەنە كۆيۈك كېسەللىكلىرىنىڭ جاراھەت يۈزىنى قاتۇرۇش، تارتۇقنى يوقىتىش،تېرە،بوغۇم كېسەللىكلىرىگە قارىتا روشەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە.
 دوختۇرخانا ئىستىلى:
ئىتتىپاقلىق، پۇختا قەدەم، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات!
دوختۇرخانا يۆنىلىشى:
چوڭ كۆلەمدە مەخسۇسلاشقان، كىچىك كۆلەمدە ئونۋېرساللاشقان دوختۇرخانا بەرپا قىلىش!
سۈپەت ئەندىزىسى:
بىمارلار ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇلازىمەتنى ئەتراپلىق قىلىش!
بىخەتەر داۋالاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەشغۇلات نىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىش!
تېخنىكا تەتقىقاتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش!
ئىلغارلىشىشىنى مەقسەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سەۋىيەنى يۇقىرى كۆتۈرۈش!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر