جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ بىلىگ دوختۇرخانىسى

دوختۇرخانا نامى: جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ بىلىگ دوختۇرخانىسى | دەرىجىسى | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

شىنجاڭ بىلىگ دوختۇرخانىسى 2009-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە تېببىي داۋالاش پەن تەتقىقاتى، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاشنى بىر گەۋدە قىلغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال 2-دەرىجىلىك داۋالاش ئورگىنىدۇر.

 


 

دوختۇرخانىمىزدا تىزىمغا ئېلىنغان كېسەل كارىۋىتىدىن 128 ى تەقلەنگەن، ئالىي ئۇنۋانلىق خادىمدىن 12 سى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە خادىمدىن 16 سى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىدا مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەت ئەزاسى ۋە دائىمىي ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خادىمدىن 3 ى بار؛ يەتتە كلىنىكىلىق بۆلۈم-ئىشخانا ۋە تۆت داۋالاش تېخنىكا بۆلۈم-ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان، بۇرمىسىمان ئايلانما CT ئاپپاراتى، چوڭ تىپتىكى C يەلكىلىك X نۇر ئاپپاراتى، GE رەڭلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ئامېرىكا روسسى E170 تىپلىق پۈتۈن ئاپتوماتىك ئېلېكتروخىمىيىلىك نۇر ئارقىلىق ئانالىز قىلىش ئەسۋابى، گېرمانىيىدىن كىرگۈزۈلگەن سۈنئىي يۈرەك ئۆپكە تەكشۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.


 

دوختۇرخانىمىز تۇنجى بولۇپ «جۇڭگودىكى ئوزوننى كلىنىكىدا قوللىنىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. دوختۇرخانىمىز ئوزون «O3» قوللىنىشنى داۋالاشتىكى ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا تۈرلۈك پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكلەرنى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا داۋالىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىش، كۆمۈرچەك، سىڭىر كالتسىيلىشىش، قېرىش، جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان نېرۋا ئاغرىقى، ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى مۈچە، بويۇن، بەل ئاغرىقلىرىنى O3 نى ئىشلىتىپ مىكرو جاراھەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالايدۇ، داۋالاش ئۈنۈمى ئىشەنچلىك ۋە سىزنى رازى قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە، دوختۇرخانىمىز دائىم خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۇلارنى دەرس سۆزلەپ بېرىش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش قاتارلىقلارغا تەكلىپ قىلىدۇ.

 


دوختۇرخانىمىز باشتىن-ئاخىر «پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دېگەن ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ كەلدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ئوزوننى كلىنىكىدا قوللىنىش چوڭ يىغىنى» غا ئىشتراك قىلىپ، ئالاقىدار كىتابنى تۈزۈپ تەھرىرلەپ چىقتى ھەمدە ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوختۇرخانىمىزدا ئۆسۈملۈك ئادەم غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، يۇلۇن زەخمىسىگە قىلدام ئۆتكۈزگۈچ نەيچە سېلىپ راۋانلاشتۇرۇش، ئوزونلۇق بوشاپ پارچىلانغان نېرۋا غول ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، كۆكرەكنى يېرىپ غەيرىي ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى شەكلىنى تۈزەش ئوپېراتسىيىسى، بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ شەكلىنى تۈزەپ گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، مەنپىي تىپلىق مىكرو جاراھەتلىك ئوپېراتسىيە، ۋېنا تومۇرىدا نۆكچە ئېرىتىش، ئارتېرىيە تومۇرىدا نۆكچە ئېرىتىش، كەم قانلىق ئاپوپلېكسىيە جىددىي خاراكتېرلىك قوزغالغان چاغدا قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار تېخنىكىلىق يېڭى تۈرلەرنى قانات يايدۇردى.

 

 

نۆۋەتتە، دوختۇرخانىمىزدا مۇھىم نۇقتىنى ئىلىم-پەنگە قاراتقان، ئالاھىدە مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈمى قۇرۇلۇشى مۇكەممەل بولغان پەن سىستېمىسى شەكىللىنىپ، بىلىملىك نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر پەن-تېخنىكىدا باشلامچى بولغان، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق تېخنىكا غوللۇق خادىملىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن سەر خىل داۋالاش كوللېكتىپىغا ئايلاندى.
 

ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

 


ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى شىنجاڭ بىلىگ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇھىم بۆلۈملىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭدا ئالىي ئۇنۋانلىق دوختۇر يىل بويى دىئاگنوز قويىدۇ. ئىچكى كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى يۈرەك قان تومۇر، نەپەس، قان، ئىچكى ئاجراتما، نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى دىناگنوز قويىدۇ ۋە بۆلۈمدە ئولتۇرۇپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، پەرۋىش قىلىش ئەترىتى بار.

 


 

شىنجاڭدا تۈنجى بولۇپ «ئوزۇن ئارقىلىق ئۆز قېنىدا داۋالاش ئۇسۇلى»دىن پايدىلىنىپ قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، قان كېسىلى، جىگەر ياللۇغى، مېڭە تېقىلمىسى ۋە ئۆسمىنى قوشۇمچە داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئوزۇن ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە «نەپەس ئۇيقۇ تەكشۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىزلىق دەردىنى تارتقان بىمارلار ئۇخلىغان چاغدا ئوكسىگېن كەملىك دەرىجىسى ئارقىلىق داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە «ICU» كېسەلخانىسى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سەۋىيىسى بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىدا مۇھىم رول ئوينىدى.


ئاياللار كىسەللىكى بۆلۈمى

 


ئاياللار كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش ۋە ئوپېراتسىيە يولغا قويۇلدى:
1. ئوپېراتسىيە تۈرى
(1) بالىياتقۇنى بىراق ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى
بالىياتقۇنى ئىككىنچى قېتىم ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى
بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى
بالىياتقۇنى ئوڭشاش ئوپېراتسىيىسى
بالىياتقۇنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىۋېتىش + داس بوشلۇقى لىمفا تۈگۈنلىرىنى كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى


(2) قوشۇمچە ئەزالار ـــــ تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى
تۇخۇمداننى ئوڭشاش ئوپېراتسىيىسى
تۇخۇمداننى شىنا شەكىللىك ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى
تۇخۇمدان تۇخۇم نەيچىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ئوپېراتسىيىسى + تۇخۇم نەيچىسىنى ئوڭشاش ئوپېراتسىيىسى


 (3) بالىياتقۇ بوينى:
بالىياتقۇ بوينىنى ھالقا شەكىلدە ئېلىۋېتىش
بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشىنى ئېلىۋېتىش


(4) داس بوشلۇقى:
داس بوشلۇقىدىكى چوڭ ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش


(5) جىنسىي يولى:
جىنسىي يولدىكى غەيرىي نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش
يېرىلغان جىنسىي يولنى تىكىش ئوپېراتسىيىسى
جىنسىي يولدىكى كونا يېرىقلارنى ئوڭشاش ئوپېراتسىيىسى

ئېغىز كېسەللىكىلىرى بۆلۈمى:

 

 

بىلىگ ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى بۆلۈمى سىزنىڭ ھەرخىل چىش كىسەللىكلىرىڭىزنى داۋالايدۇ.
ساغلام چىشىڭىز بولغاندىلا ئاندىن ساغلام بولغان روھى كەيپىياتىڭىز بولۇدۇ، يوقىرى سەۋىيىلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقىىنىڭىزدا چىشىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلالىدىڭىزمۇ؟ ھەر قېتىم چىشىڭىز قاتتىق ئاغىرغاندىلا ئاندىن دوختۇرخانىغا كېلىش ئىدىيىسىگە كەلدىڭىزمۇ؟ چىش كىسەللىكىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ بىلىگ ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى ئاغرىتماي چىش داۋالاپ، سىزنىڭ چىش داۋالىتىشىڭىزغا بولغان قورقۇنىچىڭىزنى يوقۇتۇپ ساغلام بولغان چىشقا ئېرىشەلىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ.


داۋالاش تۈرلىرىمىز:
1. چىش يۇيۇش

2. چىش يىتىزىدىن داۋالاش

3. چىش زاماسكىلاش

4. چىش تارتىش
5.بالىلار ھەرخىل چىشلىرىنى داۋالاش

6.چىش ئېرىقچىسىنى ئېتىش

7.ھەر خىل سەدەپ چىش سېلىش

8.ھەر خىل ئېلىپ-سالىدىغان چىش سېلىش

9.پۈتۈن تامغاقلىق چىش سېلىش

10.چىش گۈزەللەشتۈرۈش.


بۆلۈمىمىز ئالاھىدىلىگى:
1. داۋالاش باشتىن ئاخىر مىكروپسىز ئېلىپ بېرىلىپ ئۆز-ئارا كىسەل يوقوملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
2. داۋالاشتىن ئاۋال ناركوز قىلىپ ئاغرىتماي داۋالايمىز.
3. ئەسلى چىشنى ئاساس قىلىپ داۋالايمىز،ئامال بار چىش يۇلمايمىز.
مەسئول دوختۇر:ئارزىگۈل،نۇرۇنگۈل

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر