شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى

دوختۇرخانا نامى: شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى | دەرىجىسى 2A | ئالاقە نومۇرى: 0903-6518885
دوختۇرخانا ئادرېسى: قاراقاش ناھىيە يىپ بازار يۇلى 23-نۇمۇر(قاراقاش چوڭ جامە يېنىدا)

لوقمان دوختۇرخانىسى  -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى دوختۇرخانىغا ئايلاندى، لوقمان دوختۇرخانىسى رايونىمىز تەۋەسىدىكى 16 يېزا-بازار خەلقى ۋە باشقا ناھىيە شەھەرلەردىكى بىمارلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىمارلارنى ئەڭ ئەلا، ئادىمىيلىك ئاساسىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەرزان ھەق ئېلىپ، نامرات بىمارلارنى ھەقسىز داۋالاشقا ئېرىشتۈرۈپ، جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق.


دوختۇرخانىمىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يەتتە قەۋەتلىك ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا بىناسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق كېسەل كارۋىتى بار، كېسەلخانىلارغا ئاپتوماتىك چاقىرىش سىستېمىسى، ئوكسىگىن تەمىنلەش سىستېمىسى قاتارلىق ھازىرقى زامان دوختۇرخانا ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان، تورلاشقان باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. دوختۇرخانىمىزدا 485 تىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، مۇكەممەل يېتىشكەن، يۇقىرى ساپالىق داۋالاش قوشۇنىغا ئىگە. نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزنىڭ يىللىق ئامبۇلاتورىيە مىقدارى 90 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق، يىلدا بالنىستتىن چىقىدىغان كېسەل سانى 20 مىڭ ئادەم ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق، يىللىق ئوپېراتسىيە مىقدارى 4000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇۋاتىدۇ.


دوختۇرخانىمىزدا تاشقى كېسەللىكلەر سىستېمىسى، ئىچكى كېسەللىكلەر سىستېمىسى، ئاياللار، تۇغۇت كېسەللىكلەر سىستېمىسى، بالىلار (يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار) كېسەللىكلىرى سىستېمىسى، تېز قۇتقۇزۇش سىستېمىسى، ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۈزىتىپ داۋالاش سىستېمىسى، جۇڭيى، ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكلىرى بويىچە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، تېببىي تېخنىكا تەكشۈرۈش بويىچە ھەرقايسى بۆلۈملەر قاتارلىق داۋالاش ۋە تەكشۈرۈش بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغان. دوختۇرخانا داۋالاش سايمانلىرىنى يېڭىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا بولغان سېلىنمىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ ئىلغار بولغان ھەرخىل داۋالاش ئۈسكۈنلىرىنى كىرگۈزۈپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەرخىل چوڭ-كىچىك تاشقى كېسەللىك ئوپراتسىيىلىرىنى قانات يايدۇردى، ھەرتۈرلۈك ئىچكى كېسەللىكلەر بويىچە ئېغىر، خەتەرلىك مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ، بىمارلارنى كېسەللىكنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، "بارلىقىمىز بىمارلار ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى" دېگەن نىشان ئاساسىدا، سەمىمىيلىك بىلەن بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە مەدھىيىلىشىگە ئېرىشتۇق. دوختۇرخانىمىز نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 -دوختۇرخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى دوختۇرخانا لوقمان ئالاھىدە ماركىسىنى ياراتتى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر