شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى

دوختۇرخانا نامى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى | دەرىجىسى | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

1. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

1) تېببىي ئوقۇتۇش ۋە ئەمەلىيەتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ، يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەش
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-كلىنىكىلىق تېببىي پەن ئىنىستىتۇتى ۋە 1-دوختۇرخانا گۈزەل غەربىي رايوندىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى داۋالاش، تېببىي ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنى بىر گەۋدە قىلغان چوڭ تىپتىكى، ئۇنىۋېرسال، زامانىۋىلاشقان دوختۇرخانا ھېسابلىنىدۇ. دوختۇرخانىمىز ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، ئىلمىي تەتقىقات، تېببىي ئەمەلىيەت ساھەلىرىدە، بىمارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مەركەز قىلىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە پەنلەرنى تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يادرولۇق رىقابەت كۈچى، ئىلمىي تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭىلىق ياراتقان تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭدى.


دوختۇرخانىمىز 1956-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانى ئىچىدىكى ئەسلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان، جۇڭگونىڭ 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دوختۇرخانىمىز قۇرۇلغان 53 يىلدىن بۇيان، «مەدەنىيەتلىك دوختۇرخانا قۇرۇش، قانون ئارقىلىق دوختۇرخانا باشقۇرۇش، دوختۇرخانىنى پەن تېخنىكا بىلەن گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كۈچەيتىش» تەك دوختۇرخانا باشقۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەنلەر قۇرۇلۇشىنى قەدەممۇ-قەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مول پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى؛ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى يىلسېرى ئاشۇرۇپ كەلدى.
پۈتۈن مەملىكەتلىك « دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش يىلى» تەكشۈرۈشىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈزگە يېقىن چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئورگانلىرى ئىچىدىن «ئالدىنقى ئونىنچى» ، غەربىي شىمالدىكى 1-ئورۇن قاتارىغا ئۆتتى. كۆپ قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ، ئوخشاش داۋالاش ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالدىن تاللايدىغان داۋالاش ئاپپاراتىغا ئايلاندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر