شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

دوختۇرخانا نامى: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە | دەرىجىسى | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، تەتقىقات، باشقۇرۇشنى بىر گەۋدە قىلغان، زەنجىرسىمان، ئۇنىۋېرسال خاراكتىردىكى خۇسۇسىي داۋالاش ئورگىنى.

   بوغدا دوختۇرخانىسى دەسلەپتە بوغدا ئامبۇلاتورىيىسى نامىدا 1997-يىلى يانۋاردا قۇرۇلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئىشخانا كۆلىمى 200 كۋادىرات مېتىرغا يەتمەيتتى، بەشلا ئىشچى خىزمەتچى بولۇپ داۋالاش ئەسلىھەلىرىمۇ ئاددى ئىدى. ئاساسلىقى ئەرلەر كېسىلى، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايتتى. بوغدا ئامبۇلاتورىيىسى «بارلىقىمىز بىمارلار ئۈچۈن» دېگەن شوئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىپ، پىشقان تېخنىكا سەۋىيىسى، قىزغىن ئەتراپلىق مۇلازىمىتى، مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە يۈكسەك تېببىي ئەخلاقى بىلەن كەڭ بىمارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت قاينىمىدا ئۆزلۈكسىز زورايدى ۋە تەرەققىي قىلدى. كېيىن 1998-يىلى ئاقسۇدا، 1999-يىلى قەشقەردە بوغدا ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ تارماقلىرى قۇرۇلدى. 2000– 2002-يىلغىچە كەينى-كەينىدىن ئۈرۈمچى بوغدا دوختۇرخانىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بوغدا دوختۇرخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك بوغدا دوختۇرخانىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك بوغدا دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلدى. 2004- يىلى تۆت تارماق دوختۇرخانا بىرلىشىپ شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. 2001-يىلى دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش كومىتېتى كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلىپ، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈملەرنى تەسىس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بوغدا دوختۇرخانىسى كۆپىيىش سىسىتېمىسىغا ئالاقىدار كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى غول لىنىيە قىلىپ، ئىچكى، تاشقى كېسەللىكلەرنى داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال داۋالاش مۇلازىمىتى يولىغا قەدەم قويدى.

 

   دوختۇرخانىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كۋادىرات مېتىر، جەمئىي 299 كېسەل كارۋىتى، 338 ئىشچى-خىزمەتچى بار. ئۇلار ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۆلۈمدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم 35 بولۇپ، ئۇمۇمىي ساننىڭ % 9.2 نى، تىببى خادىملاردىن 229 ى بولۇپ، ئۇمۇمىي ساننىڭ % 68.1ىنى ئىگەللەيدۇ. دوختۇرخانا بويىچە 5 ئادەم ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا، 12 ئادەم مۇئاۋىن ئالىي دەرجىلىك ئۇنۋانغا، 23 ئادەم ئوتتۇرا دەرجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە. 2005-يىلى 4-ئايدا دوختۇرخانىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا ئىشخانىسى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى. سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، پىراكتىكا قىلىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. باش دوختۇرخانا باشلىقى ئەركىن ھاشىم 2004- يىلى 10- ئايدا 6-قېتىملىق «شىنجاڭ بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئون مۇنەۋۋەر ياش» ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە يۈز ئىگىلىك تىكلەش چولپىنى» نامىغا ئېرىشتى. 2006- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەركىن ھاشىم جۇڭگو دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى خۇسۇسىي دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش كەسپىي كومىتېتى تەرىپىدىن مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەتلىكىگە سايلاندى. يەنە شۇ يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خۇسۇسىي دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى، خۇسۇسىي دوختۇرخانىلار كەسپى كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەتلىكىگە سايلاندى. 2006-يىلى 10-ئايدا چاڭجاڭ سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

 

   شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى قىسقىغىنا نەچچە يىلدىلا تەرەققىي قىلىپ زور ئەمەلىي كۈچكە ئىگە زامانىۋىلاشقان خۇسۇسىي دوختۇرخانىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە كەسپىي سەۋىيە، تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۈسكۈنە ئەسلىھەلەر، مۇلازىمەت سۈپتى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.  ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېسىلى، تۈرلۈك ئەرلەر جىنسىي كېسلىنى داۋالاش كەسپىي دوختۇرخانىمىزنىڭ غوللۇق داۋالاش كەسپى، ئاياللار بۆلۈمى تۇغماسلىق، بالىياتقۇدىكى ئۆسمە، بالىياتقۇ سىرتىدا قالغان ھامىلىنى ئېلىۋېتىش ۋە ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ. 

  نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىز باشقۇرۇش تۈزۈمى جەھەتتە باش دوختۇرخانا باشلىقى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يول قويغان بولۇپ، باشقۇرۇش قاتلىمىدا باش ئورگان تەسىس قىلغان. باش ئورگان تەۋەسىدە باش دوختۇرخانا ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقارمىسى، كەسىپى باشقارما، مالىيە باشقارمىسى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقارمىسى قاتارلىق بۆلۈملەر بار، دوختۇرخانا ئىلمىي قارار چىقىرىش ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانا باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىدىكى ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پارتىيە ياچېيكىسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسى، ئىشچىلار ئويۇشمىسى قاتارلىق پارتىيىۋى تەشكىلاتلار بار. ھەر قايسى تارماق دوختۇرخانىلار، دوختۇرخانا رەھبەرلىك بەنزىسى، تارماق دوختۇرخانا باشلىقى، كەسپىي دوختۇرخانا باشلىقى،  داۋالاش بۆلۈم مۇدىرى، ئىشخانا مۇدىرى، سىستىرالار باشلىقى، مالىيە بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق خادىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەر قايسى تارماق دوختۇرخانىلاردا داۋالاش بۆلۈمى، پەرۋىش بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ئىشخانا، دورىخانا قاتارلىق بۆلۈملەردىن باشقا يەنە ئەرلەر بۆلۈمى، ئاياللار بۆلۈمى، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم قاتارلىق تۆت داۋالاش بۆلۈمى، رېنتگېن بۆلۈمى، ئېلېكتىرو كارىدىئوگرامما بۆلۈمى, Bتىپلىق تەكشۈرۈش ئاپاراتى بۆلۈمى، لابوراتورىيە بۆلۈمى قاتارلىق ئۈچ تېببىي تېخنىكا بۆلۈمى بار. ھەر قايسى تارماق دوختۇرخانىلار دۆلەت ئىچىدىكى نىسبەتەن ئىلغار بولغان 500 مىكرو ئامپېرلىق رېنتگېن ئاپپاراتى ۋە ئىتالىيە،ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغانBتىپلىق تەكشۈرۈش ئاپاراتى،  ياپونىيەدە ئىشلەنگەن ئاپتۇماتىك ئېلېكترو-كارىدىوگرامما ئانالىز ئاپپاراتى، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن يېرىم ئاپتوماتىك بو خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، ئىسپىرما ئانالىز ئاپپاراتى، باكتىرىيىلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، فېرمېنت ئۆلچەش ئاپپاراتى، قان ئويۇتۇش ئاپپاراتى، گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن سۈيدۈكنى 10 تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، ناركوز ماشىنىسى، ئېلېكترو-كاردىئوگراممىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى، ئوپراتسىيە ئۈسكۈنىلىرى، مىكرو دولقۇنلۇق داۋالاش ئاپپاراتى، جىنسىي ئىقتىدارىنى داۋالاش ئاپپاراتى، ئەنگىلىيىدە ئىشلەنگەنSP ،PK تىپلىق تەڭ ئىئونلۇق مەزى بېزى ئوپراتسىيە پىچىقى ئۈسكۈنىسى، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش پىچىقى ئۈسكۈنىسى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. بۇ داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشى دىئاگنوزنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ بىمارلارنىڭ ساقىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

   بوغدا دوختۇرخانىسى ئىزچال ھالدا دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە تېببىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. دوختۇرخانا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نوپۇزلۇق پەن-تېخنىكا داۋالاش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، ئىلغار داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، داۋالاش چارىسىنى يېڭىلىدى. مۇستەھكەم باشقۇرۇش مىخانىزىمىنى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئورناتتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشتە ياخشىلىرىنى تاللاپ، لاياقەتسىزلىرىنى شاللىۋېتىپ، رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا مەدەت بەردى. كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، بىمارلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

   بوغدا دوختۇرخانىسى سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي تەرەققىيات ئىستراتىگىيىسىنى تىكلىدى. 2002- يىلى دوختۇرخانا باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق ھەيئەتلەر ئۇمۇمىي يىغىنىدا تەرەققىيات ئىستراتىگىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىساسلىقلار قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى بېكىتتى. دوختۇرخانا داۋالاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، تېببىي ساۋاتلاردىن مەسلىھەت بېرىش، پەن-تېخنىكىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى، دوختۇرخانىمىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پەن-تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. دوختۇرخانا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، بىمارلار ئۈچۈن پسىخىك مەسلىھەت بەردى، بىمارلارنىڭ سۇئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننى يېشىشكە تىرىشتى. باش دوختۇرخانا باشلىقى ئەركىن ھاشىم دائىم شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭدىكى ئالي مەكتەپلەردە بىلىم ئاشۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، ئۇ كۆپ يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، باش چۆكۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، زور جىسمانىي ۋە روھىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاخىرى مۇۋۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىنىڭ قوزغىلىش مودېل ئاپپاراتى» نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ۋە 2006- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ئىدارىسى تارقاتقان «يېڭى تىپتىكى پاتېنىتىنى ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى» گە ئېرىشتى. بۇ ئاپپارات مۇشۇ تۈردىكى ئەرلەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ پسىخىكىسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، بۇ ئاپپاراتنى يەنە ئەرلەر كېسىلى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ ئوقۇتۇش قورالى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

   بوغدا دوختۇرخانىسى «ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش» دىن ئىبارەت كارخانا مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر خادىم ئۈچۈن ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ كۆيۈندى، ئۇلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، شۇ ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ دوختۇرخانىنى ئائىلەم دەپ بىلىپ، بارلىقىنى دوختۇرخانىغا بېغىشلىدى. دوختۇرخانا ئىقتىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىقتىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، قوشۇننىڭ مۇستەھكەملىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    بۈگۈنكى كۈندە، ماركا ئېڭى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە. ماركا ئۈنۈمدارلىقىمۇ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. بىر ياخشى ماركا كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ياخشى يولباشچىدۇر، باش دوختۇرخانا باشلىقى ئەركىن ھاشىم دوختۇرخانىمىزنىڭ ماركا مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 1997-يىلى بوغدا ئامبۇلاتورىيىسى قۇرۇلغاندىلا ئەركىن ھاشىم يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ماركىنىڭ مۇھىم رولىنى تۇتۇپ يەتكەن ئىدى. 2000-يىلى بوغدا ئامبۇلاتورىيىسى بوغدا دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەندە ماركىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى كۆزدە تۇتۇلۇپ بوغدىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى 博格达 دىن 宝科达غا ئۆزگەرتىلدى. ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى يەنىلا «بوغدا» بولدى. «بوغدا» ماركىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 2001-يىلى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا «بوغدا» ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى. 2002-يىلى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى تارقاتقان «بوغدا» ماركىسىنىڭ رويخەت گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. 2004- يىلى 10-ئايدا دوختۇرخانىمىز يەنە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا 21 تۈردە قوغداش خاراكتىرلىك رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئوخشىمىغان، تۈرلىرىدە «بوغدا» ماركىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپىئىتىنى قوغدىدى. 2005-يىلى دوختۇرخانىمىز «داڭلىق ماركىغا ئىلتىماس قىلىش» خىزمىتىنى رەسمىي قانات يايدۇرۇپ، «بوغدا» دىن ئىبارەت بۇ كۆزىنى چاقنىتىپ نۇر چېچىپ تۇغان ئالتۇن كوزۇرنىڭ سېھرىي كۈچى يەنە بىر قېتىم نايامان قىلدى.

   بوغدىلىقلار ئىزچىل ھالدا جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىشتەك ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى. چەت-ياقا رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز زور مەبلەغ چىقىرىپ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق نىسبەتەن نامرات ئۈچ ۋىلايەتتە كەينى-كەينىدىن دوختۇرخانا قۇرۇپ چىقتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كېسەلخانىسىنى تەسىس قىلىپ، بىمارلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى. ئېنىق بولمىغان سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز نامرات، قىيىنچىلىقى ئېغىر بىمارلارنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن. دوختۇرخانىمىز يەنە چەت، رايونلاردىكى يېزا-قىشلاقلارغا چۈشۈپ ھەقسىز تېببى مەسلىھەت ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللاندى بەھرىمانلانغۇچىلار 140 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. دوختۇرخانىمىز ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، داۋالاش ئەترىتى، دورا ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن ھال سوراشنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى. يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز نامرات، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى تەمىنلىگەن داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە تېببىي دورىلارنىڭ قىممىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىكى تارماق دوختۇرخانىلار يەرلىكتىكى ئۈمىد قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي ياردەم بەردى. 2000-يىلىدىن بۇيان تۆت تارماق دوختۇرخانىلار جەمئىي 204 ئوقۇغۇچىغا ياردەم پۇلى ئىئانە قىلدى. ئىئانىنىڭ ئۇمۇمىي سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە بارىدۇ.

   2005- يىلنىڭ ئاخىرىدا، دوختۇرخانىمىز باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ چاقىرىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، «ئىللىقلىق» يەتكۈزۈپ، «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش » پائالىيىتىدە 27 مىڭ 302 يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بوغدىلىقلارنىڭ تولۇپ-تاشقان مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. 2006-يىلى 8-ئايدا ئىلى ئوبلاستىدىكى «نۇرتاي ھاجى يېتىملار مەكتىپى» گە 25 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى يۆلەپ ئاپەتكە ئۇچىرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى ۋە باشقا جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا سالغان مەبلىغى 704 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى، بوغدا دوختۇرخانىسى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ كەلگەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى. يۇقارقىدەك بىر قاتار سان-سىفىرلارغا بوغدىلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھرى-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇق ھېسسىياتى سىڭگەن، ھەممىدە جەمئىيەتنى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپىئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاۋال باشقىلارغا مەنپىئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بوغدىلىقلارنىڭ قەلب ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

   بوغدا دوختۇرخانىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ تېببىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىمارلارنى ئازادە، پاكىز، راھەت داۋالاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ ئىلىمىي تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىنى تېخنىكىسى يۇقىرى ۋە ئىلغار داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە ئىگە، چوڭ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىدۇ.     

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر