كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز

دوختۇرخانا نامى: كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز | دەرىجىسى 0 | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ.
1. قىزىش، يۆتىلىش، بەلغەم پەيدا بولۇش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، قان تۈكۈرۈش، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، نەپەس ئىچكى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
2. كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش، قەۋزىيەت، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، كۆپۈش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئىشتىھا نورمالسىز بولۇش، ھېق تۇتۇش، قان قۇسۇش، چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كېلىش، سېرىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھەزىم قىلىش ئىچكى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
3. يۈرەك سېلىش، كۆكرىكى سىقىلىپ نەپىسى قىسىلىش، بارماق ئۇچى، كالپۇك كۆكىرىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۇقىرى ۋە تۆۋەن قان بېسىم، تومۇر سوقۇشى نورمالسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۈرەك، قان تومۇر ئىچكى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
4. كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى، مىقدارى نورمالسىز بولۇش، قان سىيىش، بۆرەك ئەتراپى بىئارام بولۇش، پات - پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۆرەك ئىچكى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
5. باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈز قىسمى سەزمەس بولۇپ قېلىش، پالەچ، مۇسكۇللار كۈچسىزلىنىش، ھۇشىدىن كېتىش، تارتىشىپ قېلىش، باش قېيىش، مۇسكۇللار يىگىلەش، ھەرىكىتىنى كونترول قىلالماسلىق، نورمال ماڭالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، نېرۋا ئىچكى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
6. سېمىزلىك، ئورۇقلاپ كېتىش، ئۆسۈپ يېتىلىشى بىنورمال بولۇش، سۈيدۈك قەنتى ئۆرلەپ كېتىش، قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىش، قالقان بەز ئىششىقى، كۆز پولتىيىپ چىقىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.


7. قاناش، قان ئازلىق، سۆسۈن داغ، قىزىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، قان كېسىلى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
8. قورساق ئاغرىش، كۆپۈش، چوڭ تەرىتى قارامتۇل كېلىش، قورساقتا مونەك پەيدا بولۇش، سۈت بېزى ئىششىش، مەقئەت - ئۈچەي كېسىلى، پۇت ۋىنا تومۇرى ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئادەتتىكى تاشقى بۆلۈمگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
9. قان تۈكۈرۈش، كۆكرەك ئۆسمىسى، قىزىل ئۆڭگەچ كېسىلى، قوۋۇرغا سۇنۇقى، قوۋۇرغا ئارىلىقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كۆكرەك تاشقى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
10. دوۋساق، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كېسەللىرى، تاشقى جىنسىي ئەزا غەيرىيلىكى ياكى يارىلىنىش، ئەرلەردىكى تۇغماسلىق، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللەردە سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
11. بەل، پۇت ئاغرىش، سۆڭەك زەخىملىنىش، بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەردە سۆڭەك بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
12. سەكتە، مېڭە ئۆسمىسى، باش يارىلىنىش، ئەتراپ نېرۋا زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللەردە نېرۋا تاشقى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسا بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر