شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى

دوختۇرخانا نامى: شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى | دەرىجىسى 0 | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، «جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى» 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى.
مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلىمىزدىكى ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانا 1236 بولۇپ، شەرقىي رايونلارغا جايلاشقىنى 561، ئوتتۇرا جۇڭگوغا جايلاشقىنى 380، غەربىي رايونغا جايلاشقىنى 295 بولۇپ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا ئىچىدە شەرقىي رايونلاردىكىسى 64، ئوتتۇرا رايونلاردىكىسى 19، غەربىي رايونلاردىكىسى 17 ئىكەن. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسى، سىچۈەن خۇاشى دوختۇرخانىسى ئېلىمىزدىكى ئالدىنقى 3 كۈچلۈك دوختۇرخانا ھېسابلىنىدىكەن.
ئەلداۋا ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا كۆرە، بۇ نۆۋەت ئېلان قىلىنغان دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى قاتارى دوختۇرخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى، تېخنىكا كۈچى، داۋالاش سەۋىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە چىقىرىلغان. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر شۇكى، دىيارىمىز شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىرگەن.
تورداشلارنىڭ مەزكۇر كاتتا خۇشخەۋەرنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!

1. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى
جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىدا 63-ئورۇنغا تىزىلغان.


شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى گۈزەل غەربىي رايوندىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 1956-يىلى قۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانى ئىچىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان، جۇڭگونىڭ 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر دوختۇرخانا شىنجاڭدىكى داۋالاش، تېببىي ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنى بىر گەۋدە قىلغان چوڭ تىپتىكى، ئۇنىۋېرسال، زامانىۋىلاشقان دوختۇرخانا ھېسابلىنىدۇ.

2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى
جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىدا 93-ئورۇنغا تىزىلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن چوڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا ھېسابلىنىدۇ.


تورداشلارنىڭ مەزكۇر كاتتا خۇشخەۋەرنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!
جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ!
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر