• يېڭى ماقالىلەر

ئاچا، ماڭا ماقۇل دەڭ، ئۇ دۇنيادا ماڭا تىگىڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: 39 ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/11/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: كروران | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تېلېفۇننى قويدۇم، گەرچە سىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ناھايىتى خاتىرجەم بولسىڭىزمۇ، بىراق مەن يەنىلا سىزنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىنىڭىزنى ھېس قىلدىم. مەنمۇ ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغاندەكلا بولۇپ قالدىم، كاللام قوپقۇرۇق. شۇئان چاپىنىمنى سېلىپ تاشلىدىم، مەن سىز ماڭا توقۇپ بەرگەن ھېلىقى پوپايكىنى كۆرمەكچى، مەن سىزنىڭ ھەقىقەتەن يېنىمدىلا ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلماقچى ئىدىم. ئاپامدىن باشقا پەقەت سىزلا ماڭا مۇشۇنداق قىشتىن ئۆتەلەيدىغان پوپايكا ۋە ئىشتان توقۇپ بەرگەن. قىش كەلمەكتە، سوغۇق يېقىنلاشماقتا، پەقەت شۇ پوپايكىلا ماڭا ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، مەن ھېلىھەم شۇنداق ئىسسىق تۇرىمەن، سىز بۇنى سېزەلىدىڭىزمۇ؟ سىز ئەزەلدىن مېنى ئۆلچەپ باقمىغان، لېكىن بۇ پوپايكا خۇددى ماڭىلا ئۆلچەپ توقۇلغاندەك شۇنداق ماس كەلدى، سىز مېنىڭ بەدەن ئۆلچىمىنى قانداق بىلگەنسىز؟ توساتتىن ياش تامچىسىنىڭ پوپايكا ئۈستىگە تامغانلىقىنى سېزىپ قالدىم، ئۇ  خۇددى مەرۋايىتتەك شۇنچە سۈزۈك، لېكىن بارا بارا خىرەلىشىشكە، ئاخىرىدا قارىداشقا باشلىدى ۋە پوپايكىغا سىڭىپ كەتتى.
نەپىس گۈللۈك ئىستاكان قاتتىق يەرگە چۈشۈپ پارا-پارا بولۇپ كەتتى، شۇ تاپ ئۆي ئىچىدە نەپەستىن باشقا ھېچقانداق تىۋىش يوق، قار پەردىسى جاھانغا يېيىلغان، ئېلېكتىر ھەرىسى ئاق قىيىن دەرىخىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرىمەكتە. كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ لەختە-لەختە قىلىۋېتىدىغان ئاۋازدا مەن ھېچنىمىنى كۆرەلمەيمەن، سىز بىلەمسىز ئاچا مەن ھازىر قەيەردە؟
 ئىككەيلەن باشقىلارغا ئوخشاش ئىنتايىن ئادەتتىكى بىر ئاچا-ئۇكىمىز، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىگە ۋە ھاياتلىققا قانداق تاقابىل تۇرىمىز، ھەتتا ھېيتتا ئۆيگە قايتىش –قايتماسلىقنى ئويلاشمۇ مەن ئۈچۈن بەك ئازابلىق ھەم ھەسرەتلىك ئىش.
ئاشۇ كۈنى گۇگۇمدا، ئىككىمىز كۆزلىرىمىز ئارقىلىق سىرداشقاندا، مەن سىزنى بۇ ئۆمرۈمدىكى ئاچام دەپ جەزىملەشتۈردۈم.
ھېلىقى يازدا، ئسسىق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئۆتەتتى. ئېگىز بىنانىڭ دالدىسىدا مەندەك بىر ئېگىز كېلەڭسىزنى سىز ئەشۇ نازۇك گەۋدىڭىز بىلەن قۇياش نۇرىدىن توستىڭىز. توختىماي ئۆتۈپ تۇرغان ماشىنىلار ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا بەدىنىمگە تارقىغان ئەشۇ ئەزەلدىن بوپ باقمىغان خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى مەن مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن، ئۇ مېنىڭ بارلىق ئازابلىرىمنى ۋە  ئۇۋالچىلىقلىرىمنى يۇتۇپ كەتتى. سىز مېنى تاماققا ئاپاردىڭىز، لېكىن مېنى بىر تىيىنمۇ چىقارغىلى قويمىدىڭىز، سىز دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە مەن سىزگە ئاران بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ ئېلىپ بەردىم، سىز بىلەن يېگەن شۇ تاماق مەن ئۈچۈن مەڭگۈ تېتىملىق. گۇگۇم پەردىسى يېيىلدى، مېنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يۈرىكىمنىڭ قات قېتىدىكى ئازاب ۋە بېسىملار بىراقلا پارتىلاپ چىقتى .
ئايرىلىدىغان چاغدا مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك، شۇ كۈنكى ئاي شولىسىدەك ناھايىتى خاتىرجەم. گۇگۇم پەردىسى ئاستىدا بىز قول تۇتۇشتۇق،  ئاي نۇرىدا بىز قۇچاقلاشتۇق، شۇ كۈنى كېچىسى مەن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ تاتلىق ئۇيقۇنى ئۇخلىدىم، چۈنكى مېنىڭ سىزدەك بىر ئاچام بار بولدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر