ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان سىتۇدېنت قىزنىڭ لېكسىيەسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: سىنا بلوگى | ۋاقتى: 2011/11/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: كروران | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئۇچىسىغا قىسقا قارا يوپكا، قارا كوپتا كىيگەن بىر قىز جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى يىغىن زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ دەل  جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە، ھازىرغىچە بىردىنبىر ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان قىز، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇلىيە ئىدى. ئۇنىڭ مۆرىسىگە چۈشكەن قاپقارا چاچلىرى، ئېنىقكى بۈدۈر قىلىنغانىدى، قارىماققا ئۇ باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيتتى.
( جۇلىيە، قىز، 1983-يىلى تۇغۇلغان، ۋۇخەندىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 2004-يىلى 4- ئايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان  ۋە  ئوقۇشتىن چېكىنىشكە نەسھىيەت قىلىنغان، 2005-يىلى، ئۆزلۈكىدىن سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنى ئەيدىزدىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىگەن. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى  قايتا سادىر قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ، «ئەيدىز قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» نى نەشىر قىلدۇرغان). 


«مەنمۇ ئىلگىرى سىلەر بىلەن ئوخشاش، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم ۋە ئەيدىزنى مەندىن ناھايىتىمۇ يىراق دەپ ئويلايتتىم». بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى  ۋە ناھايىتى تىزلا يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى، « مەن بىلمەسلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ خاتالىقىمنى يەنە تەكرارلاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» .
ئىككى يىل بۇرۇن، جۇلىيا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان چاغدا، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى ئەلاچى قىز ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئەنە شۇ ئوغۇل بالىدىن يۇقۇملانغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى باشلىدى.
بۇ ھېكايە ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلانغانىدى، بۇ ھىكايىنى ئۇ ھازىرغىچە 20 نەچچە ئالىي مەكتەپتە سۆزلىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. « مەن ئاخشىمى يېتىشتىن قورقىمەن، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىشتىن، ئىككىنچى كۈنى شۇ پېتى تۇرالماي قېلىشىمدىن قورقىمەن.»-دەيدۇ، ئۇ « دەسلەپتە كېسىلىم بايقالغاندا، مەن ھەر كۈنى ئۆيدىن چىقماي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم، ئۆيگە دېرىزىدىن قۇياش نۇرى چۈشكەنىدى، مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ بىر پارچە قارا لاتا سېتىۋالدىم ۋە دەرىزىنى قارا لاتا بىلەن چىڭ ئېتىۋەتتىم. كۈن نۇرىنى كۆرمىسەم دەيتتىم. نۇرغۇن ئادەملەر، ئەيدىزنى ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ھەر كۈنى بىرەر تاسادىپىي ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتسەمكەن دەپ ئويلايتتىم ۋە شۇنداق پۇرسەتنى ئىزدەيتتىم. مەسىلەن: ماشىنا ۋەقەسى، راك دىگەندەك...  ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىشلار ئىدى.

ئۇنداقتا، جۇلىيە بىزگە يەنە نېمىلەرنى دېمەكچى؟ قېنى بىرلىكتە دىققەت قىلىپ باقايلى!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر