ئەيدىز ئېغۋاسى تاراتقانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭلىق 4 كىشى بىرتەرەپ قىلىندى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئاسىيا كىندىكى تورى | ۋاقتى: 2011/11/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، مۇخبىر 宗合 نىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېگىلىشىچە، شىنجاڭلىق 4 كىشى « شىنجاڭلىق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى قان تېمىتىش ئارقىلىق ئەيدىز تارقاتتى» دەيدىغان زىيانلىق پىتنە-ئېغۋانى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان.
يېقىنقى كۈنلەردە، بەزى تورداشلار مىكرو بلوگ، QQ توپى، قىسقا ئۇچۇر، مۇنبەر قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، «يېقىنقى كۈنلەردە ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقىپ غىزالانماڭ، بولۇپمۇ چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى، زىخلىق كاۋاب ۋە سوغۇق سەي قاتارلىقلارنى يېمەڭ، چۈنكى شىنجاڭلىق بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغان قېنىنى تېمىتقان يېمەكلىكلەرنى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرگە تارقىتىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇ ئىش جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى» دېگەندەك مەزمۇندىكى ئېغۋا ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ئىدى.
بۇ ئېغۋا ئۇچۇر تارقىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك ۋەھىمە پەيدا قىلدى. سەھىيە مېنىستىرىلىكى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئېغۋا، دەپ ئېنىق ئىنكاس قايتۇردى.

 


ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، تاشئېرىق شەھەر (شېخەنزە) لىك مۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ليۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىلىق جاڭ، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىلىق گەن قاتارلىق 4 كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يانفون ئۇچۇرى، مىكروبلوگ، QQ توپى ئارقىلىق يۇقارقى ئېغۋا ئۇچۇرنى كۆپلەپ تارقىتىپ، ئاممىۋىي تەرتىپنى بۇزۇپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.
جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى» بويىچە، بۇ 4 كىشىگە ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازا بەرگەن، بۇ 4 كىشى بىردەك گۇناھىنى تونۇپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان.
جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ سەمىگە پىتنە-ئېغۋالارغا ئىشەنمەسلىكنى، پىتنە-ئېغۋا تارقاتماسلىقنى، نورمال ئاممىۋىي تەرتىپنى ئاڭلىق ھالدا قوغداشنى سالىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر