• يېڭى ماقالىلەر

دۆلەتنىڭ ئەيدىزنى ھەقسىز داۋالاش تەدبىرلىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: دۆلەتلىك ھەقسىز ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش قوللانمىسى | ۋاقتى: 2011/11/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

داۋالاش تەدبىرلىرى ھەققىدە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىزچىل داۋاملىشىدىغان تېببىي غەمخورلۇق، داۋالاش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش ئارقىلىق، پۈتكۈل كېسەللىك جەريانىدىكى ھەرخىل ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا موھتاج. ئىزچىل داۋاملىشىدىغان غەمخورلۇقلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان مۇداخىلە؛ ئىختىيارىي مەسلىھەت ۋە تەكشۈرتۈش جەريانىدىكى HIV سېرولوگىيىسىنىڭ دەسلەپكى دىئاگنوزى؛ داۋالاش غەمخورلۇقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تەربىيىلەنگەن كەسپىي خادىملار ئارقىلىق داۋالاش ۋە غەمخورلۇق ئېلىپ بېرىش؛ پسىخىكىلىق ياردەم؛ ئىجتىمائىي قوللاش ۋە زۆرۈر بولغاندا ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، ئائىلىدە كۈتۈش، سەكرات غەمخورلۇقى ۋە مەدەت بېرىش قاتارلىقلاردۇر.
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئادەتتە ئۇزۇن بىر مەزگىل ئالامەتسىز جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا، يۇقۇملانغۇچىلار قەرەللىك ھالدا كلىنىكىلىق ۋە لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي قوللاشقا ئېرىشەلىگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ. ئىممۇنتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارغا دۇچار بولىدۇ.ئەيدىزۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش بولسا غەمخورلۇق ۋە داۋالاشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، ئىممۇنتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىنى كېچىكتۈرۈشكە، شۇنداقلا ئەيدىزدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق (تەپسىلاتىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش تەرتىپ جەدۋىلىدىن كۆرۈڭ). ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بالدۇر بايقاپ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، ئېغىر پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارغا گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىپ، بىمار ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالىتىش ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار