يېڭى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 8 ئۈلۈشى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقتۇرىۋالغان

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنخۇا تورى | ۋاقتى: 2011/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 2011 - يىلى جۇڭگودا يېڭى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 48 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولىنى ئانالىز قىلغاندا، %81.6 تى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە غەيرىي جىنىسلىقلار ئارا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقالغىنى %52.2 نى، ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارا جىنىسىي مۇناسىۋەتتىن تارقالغىنى %29.4 نى ئىگىلىگەن.
ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى يىلسېرى ئاشقان بولۇپ، 1985 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە %11.6 بولغان بولسا، 2007 - يىلى %42.3 گە ئۆرلەپ، ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان. بۇ نىسبەت 2009 - يىلى %55.7 گە، 2010 - يىلى %75 گە، بۇ يىل بىراقلا %81.6 گە چىققان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئوخشاش جىنىسلىقلار (ئەر ھەمجىنىسۋازلار) ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى 2010 - يىلىدىكى %13 دىن، بۇ يىلقى %29.4 گە ئۆرلىگەن.

ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، جىنسىي ھەمراھ قانچە كۆپ بولسا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، ھالال ياشاش كېرەك. ئىپپەت-نومۇس، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ساداقەت ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان ئەڭ يارقىن تېمىلاردۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر