دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1-دېكابىرنىڭ «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» ئىكەنلىكى دۇنيا ئەھلىگە، بولۇپمۇ بىزدەك ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىگە ئانچە يات بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. مەزكۇر كۈن 1988-يىلى 1-ئايدا «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ھەر يىلى 1- دېكابىرنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى مەقسەت، 1981-يىلىدىن باشلاپ يېڭىدىن يامراۋاتقان ئەيدىزئەھۋالىدىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلىپ، شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق تەبىرلەرنى قوللىنىش، شۇ ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى......
مانا شۇ كۈندىن كېيىن، بۈگۈنكى 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىمۇ ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، «ئەيدىز» ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن تۇنجى بولۇپ ئۇچراشقىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغدىكى ئۇچۇر چەتئەللەردىكى ۋەقەلىك بويىچە ئېلىنغاچقا، ئەيدىزنى بىزدىن خېلىلا يىراقتا دەپ پەرەز قىلاتتىم. ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا، بىز بىر قارار ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم سائەتتەك «ئەيدىز» ھەققىدە لېكسىيە بېرىلگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا، ئەيدىزنىڭ يىراق چەتئەللەردىن دىيارىمىزغا قەدەم باسقانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.

 


مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىدە قىلغان خىزمىتىم دەل ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ قالدى. 2004-يىللىرى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلمى يوق دىيەرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان كەمسىتىشى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بۇنداق شارائىتتا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى قەتئىي خالىمايتتى، شۇنداقلا ئەيدىز ھەققىدىكى پاراڭلاردىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇراتتى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر