تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى (مۇكاپاتلىق)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 1- كۈنى، 24- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدۇر. بۈگۈنكى دۇنياۋىي شۇئارىمىز «0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!» . يەنى، يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمىنى 0 گە، ئەيدىز تۈپەيلى قازا قىلغۇچىلار سانىنى 0 گە، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنى 0 گە يۈزلەندۈرۇش ئۈچۈن بارچە جەمئىيەت ئورتاق كۈرەش قىلىشتۇر!

 


«ئەسىر ۋاباسى» دېگەن نام بىلەن كۆڭۈللەرنى شۈركەندۈرگۈچى ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا ئاللىقاچان مىليۇنلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىنسانىيەت ئەيدىز خىرس قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ كەلدى. ئەمما ھازىرغىچە، نە ئەيدىزنىڭ شىپاسى، نە ئەيدىزنىڭ ۋاكسىنىسى يوق. دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايون. شۇ تاپتا، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلمەكتە. بىزدە «ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەن قايسى جەڭدە يېڭىلگەن؟» دېگەن گەپ بار. دەرھەقىقەت! ئەيدىز ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى يەنىلا ئۇنى بىلىش، ئۇنى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈشتۇر.


ئەلداۋا ساغلاملىق تورى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچىراق خاتىرىلەش، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئەيدىز مەسىلىسىگە بۇراش ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تور دۇنياسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نى ئۇيۇشتۇردى.
پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى:
1. ئورنى: ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» مەخسۇس بېتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قېنى بۇ يەرنى بېسىڭ!
2.  ۋاقتى: پائالىيەت 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدۇ. 12 – ئاينىڭ 5- كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ، تېگىشلىك مۇكاپات ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
3. سوئال شەكلى: ئەيدىز ساۋاتلىرىغا دائىر جەمئىي 50 پارچە يەككە تاللاش سۇئالى بولۇپ، بېرىلگەن جاۋابنىڭ پەقەت بىرىلا توغرا. تورداشلار توغرا دەپ قارىغان جاۋابنى تاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا سوئال ئىشلەشنى تاماملاپ جاۋابنى تاپشۇرسا بولىدۇ. جاۋاب تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سىستېما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاپتوماتىك نومۇر قويۇپ بېرىدۇ.
4. مۇكاپاتلاش: مەزكۇر سۇئالنى تولۇق ئىشلەپ نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغان تورداشلار ئارىسىدىن، سوئال ئىشلىگەن ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى ۋە نومۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك قاتارى بويىچە 20 نەپەر تورداش تاللاپ چىقىلىپ، ھەربىر ماھىر ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم 50 يۈەندىن سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
تورداشلار سۇئالنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئىسمى ياكى تور ئىسمىنى، ئىشلىتىۋاتقان يانفون نومۇرىنى مۇناسىپ رامكىغا توغرا تولدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئاخىرقى مۇكاپات يانفون نومۇرىغا ئاساسەن نەقلىشىدىغان بولغاچقا، يانفون نومۇرى چوقۇم چىن، توغرا بولۇشى كېرەك (سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئەلداۋا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قەتئىي ساقلايدۇ) . نومۇر توغرا بولماسلىق تۈپەيلى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە ئىمكان بولمىسا، بۇ ئىشقا ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مەسئۇل بولمايدۇ.
ئاخىرىدا، گەرچە مۇكاپاتلىنىدىغانلار ۋە مۇكاپات سومما سانىنىڭ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتراك قىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىمىنى بىر دەڭسەپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 - كۈنى
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر