دىيارىمىزدىكى زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز ۋە مېتادون

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/08/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئىسكەندەر جىلىل، مەلىكەم ساتتار | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ھەممىمىزگە مەلۇم، نۆۋەتتە دىيارىمىزدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەيدىز، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، شۇنداقلا جەمئىيەت ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زەھەر توشۇش، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق دېلولىرى، ئائىلە ماجرالىرى ۋە ئائىلە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆز ئالدىمىزدا دىگۈدەك يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، سەھىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە تەشۋىقات، شپىرىس ئالماشتۇرۇش، مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش قاتارلىق ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، 2000-يىلى شىنجاڭدىكى ج خ تارماقلىرى ئەنگە ئالغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى 12590 نەپەر بولۇپ، 2009-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، بۇ سان بىر ھەسسىدىن كۆپىرەك ئۆرلەپ، 26765 نەپەرگە يەتكەن. مۇنداقچە ئيېتقاندا، بۇ سان شىنجاڭ ئومومىي نوپۇسىنىڭ ‰1.31 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر ئەنگە ئېلىنمىغان، يوشۇرۇن چېكىۋاتقان ۋە يېڭىدىن زەھەر چېكىش سېپىگە قوشۇلىۋاتقان ياشلارنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا، بۇ سان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن بىرگە، ئەيدىزمۇ رايونىمىزدىكى ئەڭ ئەشەددىي يۇقۇملۇق كېسەللەردىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۈنجى ئەيدىزئەيدىز يۇقۇمدارى 1995-يىلى قومۇلدا بايقىلىپ، تاكى 2010-يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 32532 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئېنىقلاندى.

ئەيدىزئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى قاندىن (ئورتاق شپىرس ئىشلىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئىكەن.

شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، قان ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇش يولى «شپىرىس ئالماشتۇرۇش» ۋە «مېتادون بىلەن داۋالاش» تۈرلىرى ئارقىلىق مۇئەييەن كونترول قىلىنغاچقا، نۆۋەتتىكى يۇقۇش يولى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا يوللار ئارقلىق ئاددىي پۇقرالارغا، ئاياللارغا ۋە بىگۇناھ ئانىلار ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70 تىن كۆپرەكى تومۇردىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئىكەن، ھەمدە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ %80 تىن كۆپرەكىدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ھەمدە سىفلىس قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىكلەر ئاساسەن يىڭنە- شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن قان ئارقىلىق بىرىدىن بىرىگە يۇقىدىكەن.
بۇ خىل يۇقۇش يولىنى ئازايتىش ئۈچۈن، سەھىيە تارماقلىرى «شپىرىس ئالماشتۇرۇش» ۋە «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش» قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە تېخىمۇ بەك يامراپ كېتىشىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتتى. «شپىرس ئالماشتۇرۇش» تۈردە، پىدائىيلار زەھەر چەككۈچىلەردىن ئىشلىتىلگەن شپىرىسلارنى يىغىپ، ئورنىغا بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان پاكىز شپىرىسلارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر