ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنى قوللاش لايىھەسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: مەرىپەت جەمئىيىتى | ۋاقتى: 2016/09/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

كىشى بېشى بويىچە ھەق تۆلەش-شىنجاڭ جوڭكې (中克) تۈرى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنى قوللاش لايىھەسى

كېلىش مەنبەسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئەيدىز كېسىلى پىلانلاش ئورنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئشخانىسى

تۈر ئارقا كۆرۈنۈشى:

2006-يىلغىچە بولغان ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى سىتاتىستىكىلاپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 18206 غا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 60 مىڭ نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنگەن. %88 شىنجاڭلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئېلى ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ رايونى، قەشقەر رايونىغا مەركەزلەشكەن. %77 ى زەھەرنى تومۇردىن ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملانغان. بۇندىن بۇرۇن، ھەرخىل ئاساسىي تەكشۈرۈشلەر، داۋالاش جەريانىدىكى ئىختىيارى تەكشۈرۈشلەر ھەمدە پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش قاتارلىقلارنىڭ داۋالاش چىقىمىنى تۆلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشقا تېگىشلىك يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارالمىغان ياكى داۋالاشنى داۋاملاشتۇرالمىغان.
 


 

2010-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا سىتاتىستىكىلاپ چىققان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە كېسەللەر 32532 نەپەرگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللەر 5651 نەپەر بولۇپ، مەلۇم قىلىنغان يۇقۇملانغانلار سانى دۇنيا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، جىنسي يول ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ ئەيدىز كېسىلى سەھىيە ئىقتىساد ئىلمى  كلونتون فوند ھەيئىتى (克林顿基金会) :TAG ئارقا كۆرۈنۈشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چەت، نامرات ئۆلكە، ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا تېخنىكا ھەم بايلىق جەھەتتىكى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
 

سەھىيە تارمىقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئەيدىز كېسىلى ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ۋە شىنجاڭ كلىنتون فوندى ھەيئىتى (克林顿基金会) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى 2006-يىلى ئۆزئارا كېلىشىپ، ئاپتونوم رايونىدا سىناپ تەكشۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان بىمارلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان داۋالاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى ھەمدە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئورگىنىدا ساقلاپ، سىجىللىققا ئىگە ھەم كۆپەيتىلىپ كېڭەيتكىلى بولىدىغان داۋالاش غەمخۇرلۇق قىلىش لايىھەسى ھەققىدە ئىزدەندى، بۇ ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭدا قانات يېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.2007-يىلى 10-ئايدا، ئاۋىستىرالىيە خەلقئارالىق تەرەققىيات فوندىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئەيدىز كېسىلى ھەرىكەت ئۇيۇشمىسى ۋە شىنجاڭ كلىنتون فوندى ھەيئىتى (克林顿基金会) سەھىيە نازارىتى كىشى بېشى بويىچە ھەق تۆلەشنى ئاساسلىق ئۇسۇل قىلغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوللاش سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 2009-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ خىل لايىھە ئەمىلىيەت جەريانىدا ئىزدىنىلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، ھەمدە كۆپەيتىش ۋە كېڭەيتىشنىڭ تەجرىبىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر بۇ لايىھەنىڭ تەجرىبىلىرى شۇ يەرلىك ھۆكىمەت قوللىغان ۋىرۇسقا قارشى پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاشقا ئىشلىتىلمەكتە، ھەمدە پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ داۋالاش خىزمىتىدە ئومۇملاشماقتا.
«كىشى بېشى بويىچە ھەق تۆلەش»لاھىيەسى دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر