ئەيدىز ۋاكسىنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: سىنا تورى | ۋاقتى: 2012/03/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

كۇبا تەتقىق قىلىپ چىققان ئەيدىز ۋاكسىنىسىنى ھايۋان تېنىدە تەجرىبە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
شىنخۇا تورىنىڭ ھاۋانادىن بەرگەن خەۋىرى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كۇبا مۇتەخەسسىسىلىرى ھاۋانادا ئۇلار تەتقىق قىلىپ چىققان ئەيدىز ۋاكسىنىسىنى ھايۋان تېنىدە تەجرىبە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، يېقىندا بۇنى ئادەم تېنىدە سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئېنرىك ئىگلەسىيا (Enrique Iglesias) بۇ قېتىمقى 29-قېتىملىق بىئولوگىيە خەلقئارالىق يىغىنىدا 38 دۆلەتتىن كەلگەن 600 نەپەردىن ئارتۇق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بۇ نەتىجىنى ئېلان قىلغاندا ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ ئەيدىز ۋاكسىنىسىنىڭ ئىسمى HIV-1 داۋالاشچان ۋاكسىنا بولۇپ، بىر خىل ئاقسىلنى ئاساس قىلىپ قايتا گۇرۇپپىلاش ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى (遗传工程技术) غا تايىنىپ ياساپ چىقىلغانلىقىنى، ۋاكىسىنىنىڭ تەندىكى ھۈجەيرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا تەسىر قىلىشى ئارقىلىق  ئۆنۈمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ چاشقان تېنىدە تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، يېقىندا ئادەم تېنىدە سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئادەم تېنىدە سىناق قىلىشتا، دەسلەپتە "كىچىك كۆلەم ۋە قاتتىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىش" پرىنسىپىنى قوللىنىدىغانلىقى، سىناق ئوبيېكتىنىڭ "يۇقۇملۇق دەسلەپكى مەزگىلى"، "ئانتىتېلا مۇسىبەت بولغان" بىمارلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، كۇبا پۈتكۈل دۆلەتتە 15400 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىمار بولۇپ، خەلقئارا بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. 1986-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغاندىن بېرى، كۇبادا 2580 ئادەم ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. كۇبا سەھىيە مىنىستېرلىقىنىڭ مەسئۇل خادىمى: كۇبا ھەر يىلى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەشۋىقات ئىشلىرى شۇنداقلا ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ دەيدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر