ھېچكىم مۇنداق دەيدۇ (بېيجىڭ، ئۇيغۇر، زەھەر، ئەيدىز ...)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى | ۋاقتى: 2012/04/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەرتۈرك | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەرتۈرك

 

1. ئاق چەككۈچى

 

ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا ساقچىلار بېيجىڭنىڭ داشىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى قورشاپ، ئاق ساتقۇچىلارنى تۇتۇۋاتقاندا ئەرتۈرك دېگەن مۇنۇ ئادەممۇ خوتۇن بالىلىرى بىلەن شۇ ئاشخانىغا سولىنىپ قالدى. ئەرتۈرك ”لەغمەن بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى، ”كاۋاپ بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى ئەتراپىغا ئەلەڭ-سەلەڭ قاراپ چاي قۇيۇۋاتقان، بىگۇناھ قارىلىنىپ تۈرمىدە نەچچە ئاي يېتىپ كەتكەن بىچارە كۈتكۈچى. شۇنچە چوڭ ئاشخانىدا ئاقچىلار نان، تاۋۇز يەپ ئىپتار قىلغاچ بىر-بىرى بىلەن ئەنسىز پاراڭلىشاتتى، نەگىلا قارىسا شۈبھىلىك قارايتتى. ئەرتۈرك بىر قوغۇننى 50 سومغا ئېلىپ ئىپتارلىق قىلدى، ئاڭغىچە قورداق بىلەن موما چىقتى، بۇ ئاشخانىدا بارىمۇ شۇ ئىدى. ئۇلار قورساقنىڭ ئاچلىقىدا كاۋاپ بىلەن لەغمەننى ئۇنتۇپ تاماققا كىرىشىپ كەتتى. ناماز شام بولدى، ئەرتۈرك ياندىكى ئايرىمخانىغا شام ئوقۇغىلى كىردى، بىر نەچچە ئەر ئالدىدا، بىر نەچچە ئايال كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتاتتى، ناماز ئوقۇۋاتقان چوكاننىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى،   بېسىۋەتتى، يەنە سايرىدى، نامازنى قانداق ئوقۇدى، ئەيتاۋۇر غۇدۇراپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى. ھەممىسىنىڭ دىققىتى چېچىلدى، سىرتتا بىر ئىش، بىر پاتپاراقچىلىق بولۇۋاتاتتى. ئەرتۈرك نامازدىن چىقىپ، خوتۇن بالىلىرى بىلەن سىرتقا ماڭغاندا ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭىدىن ئون نەچچە ئۇيغۇر تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك ئارىسىدىن ئەرۋاھتەك چىقىپ كەلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ بار ياكى يوقلۇقۇمنى ئەرتۈرك بىلمەيدۇ، پەقەت مېنىڭ ئاق چېكىپ، داشىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، مېنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى دەپ پەرەز قىلدى. ئەرتۈرك تالاغا چىقىپ، ئاشخانا ئالدىكى دەرۋازىنىڭ تاقالغانلىقىنى، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ ئاق ساتقۇچىلارنى ئاختۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. بىزلەردىن نەپرەتلەندى، ئۆزىنىڭمۇ قارىغا كېتىشىدىن ئەنسىرىدى. كىملىكىمىزنى كۆرسەتمىسەك بۇ يەردىن چىقالمايمىز دەپ ئويلاپ يانچۇقىنى سىلاپ قويدى، نېرىدا ئويناۋاتقان بالىسىنىڭ يانچۇقىغا بىرەرسىنىڭ ئاق تاماكا تىقىپ قويۇشىدىن ئەنسرەپ ئۇنى دەرھال يېنىغا چاقىرىۋالدى. ئۇ بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان كادىر، بىزدەك قارا تۈركلەرنى چوقۇم ئاقچى، ئوغرى، كاۋاپچى دەپ ئويلايدۇ، بولمىسا مەن ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداش، ئۇنى زادى تونۇمايمەن. شۇنداق، ئۇ سولىنىپ قالدى، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ بالىسىنىڭ يانچۇقىغا بىر نەرسە تىقىپ قويمىدى،  ناماز ئوقۇيدىغان ئاقچىلاردا ئاز-تولا ۋىجدان بارلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىپ قالسا بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدى. بۇ يەرنىڭ ساقچىلىرى ئۇنداق قارا-قۇيۇق ئادەم تۇتمايدۇ، مەن ئاق چېكىمەن، ساتمايمەن، بولمىسا مېنىمۇ، ئەتراپىمدىكى چېكەرمەنلەرنىمۇ تۇتۇپ كەتسە بولاتتى، ئۇنداق قىلمىدى، پۇقراچە كىيىنىپ، خېرىدار سىياقىغا كىرىپ، ئۆزى قولغا چۈشۈرگەن تېلېفون نومۇرغا ئاساسەن ئاق ساتقۇچى چوكانغا تېلېفون ئۇرۇپ، جايىنى تېپىۋېلىپ،  ئۇنى ناماز ئوقۇۋاتقان يېرىدىن چىققاندىلا تۇتۇپ دۆشكەللەپ ئېلىپ ماڭدى، يەنە ئۇنىڭ شايكىسى بولغان  بىر نەچچە قىز بالىنى تۇتىۋېلىپ، قولىنى كەينىگە قايرىپ ھەيدەپ ماڭدى. دەرۋازا ئېچىلغاندا ئەرتۈركنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشتى، خوتۇن بالىلىرىنى ماشىنىسىغا سېلىپ، بۇ ئاشخانىغا ئىككىنچى دەسسىمەسلىككە قەسەم قىلىپ كېتىپ قالدى.

گېزى كەلگەندە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شۇ ساقچىلار  مەن ئاق چېكىپ ئۆلگەندە، كىملىكىمگە ئاساسەن يۇرتۇمغا خەۋەر يەتكۈزگەچكە، ئىز-دېرەكسىز تاشلىنىپ ياكى كۆيدۈرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالدىم. يۇرتۇمدىن بىر كادىر، بىر ئىمام كېلىپ، يۈزۈمنى ئېچىپ قاراپ تونىدى. بىچارە ئانام مەيدەمدە بىر تاتۇق بارلىقىنى، كىچىكىمدە ئات چىشلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن، بۇ بەلگە ئۇلارغا ئەسقاتتى. «مۇشۇ يېتىم شۇ» دېدى. ساقچىلار يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇپ، مېنىڭ دەپنە ئىشلىرىمغا خىراجەت ئاجراتتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇ كادىر بىلەن ئىمامنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ كېلىش چىقىملىرىنى كۆتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىككى ئادەم ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مېنى خۇيزۇ قەبرىستانىلىقىغا دەپنە قىلدى، يۇرتۇمدا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا ئىدىم، جاھان كۆرەي كۇلىغا چىقىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتىم؛ جاھانغا پاتمىغان يۈرىكىم، جاھان غەۋغالىرىدىن ئايلىنىپ كەتكەن بېشىم ئاخىر مەشەدە ئارام تاپتى. مەن ھېچكىم، ھېچنېمە، ئاق چېكىپ 24 يېشىدا ئۆلگەن ئەرزىمەس بەندە، ئەرتۈرك كۆرۈپ باقمىغان، ئىسمىمنىمۇ بىلمەيدۇ؛ «كىملىك ئىسپاتى» دەپ خەۋەر يېزىپ توردا ئېلان قىلدى، كۆرگەنلەر ”بېيجىڭدا ئۆلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر“ دەپ ئېچىنىپ قويۇشتى، شۇنچىلىك. ئەسلىدە ئەرتۈرك مېنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق شىنپىڭجىڭنىڭ (ئۇ دەۋاتقان كىملىكنىڭ) مۇھىملىقىنى دەپ قويماقچى، كىملىك مۇھىم نەرسە، مەيلى كادىر، مەيلى ئوقەتچى، مەيلى ئاقچى، يانچۇقچى بولۇڭلار، يېنىڭلارغا كىملىكىڭلانى سېلىپ يۈرۈڭلار، ئۇنى ئۆزەڭلار بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى ھازىر خەقلەر شۇنداق كىنىشكىلار ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئىسپات دېگەن شۇ. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىدىن تارتىپ ئۆلگەنلىك ئىسپاتىغىچە ھەممىسىگە ئىسپات، كېنىشكا، قەغەز كېرەك، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كىملىك. بېيجىڭدا كىملىكتىكى مىللەت نامىنى چىقىرىۋېتىش پارىڭى بولغاندا، ئەرتۈرك دېگەن بۇ كادىر بۇ تەكلىپنىڭ بولمىغۇر تەرىپىنى ھېس قىلدى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ كىملىكىمدە  شۇ «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا ئاپىرىۋېتىلمىگەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەن پۈتۈن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالمايمەن، لېكىن ھەر قانچە چۈپرەندە، ئەخلەت، داشقال بولۇپ كەتسەممۇ، بەرىبىر ئۇيغۇرمەن، ھېچ بولمىغاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاق چېكىپ ئۆلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالايمەن.

بېيجىڭدىكى يەنە بىر قاتىل ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋېتىگە قىزىقسىڭىز، كېيىنكى بەتكە نەزەر سالغايسىز!

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار