مەن نېمىشقا ئەيدىز؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: نېمىشقا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: نېمىشقا

 

كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئارىيە  

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى

 

 

زېمىستاننىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرى جاندىن ئۆتمەكتە، خىياللار ئىلكىدە كېتىۋاتىمەن، ئازابتا يۈرگۈم قاپساپ، تىنىقلىرىم ھەسرەتتە يۇغۇرۇلۇپ، تومۇرلىرىمدىكى قانلار  ئۆكۈنۈش ھەم پۇشايمان دەستىدە گويا ماگمىدەك قايناپ ئۆز ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرمەكتە.
-ئۆلسەمچۇ؟!!!...
-نېمىشقا زادى نېمىشقا ؟

قىسمەتلەر بايانى كۆرۈنمەكتە، مانا كۆز ئالدىمدا كېسەل كارىۋىتى ، ئاجىزلاشقان كىچىككىنە جىسمىم، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك شولا سالغان نۇرسىز كۆزلىرىم ...... كۆزۈمگە جىنازا كۆرۈنۈۋاتاتتى، چۈنكى مەن ئاخىرەتنىڭ باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بولغان ئىدىم. ئىلگىرى دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن ، ھەم ھېس قىلماپتىكەنمەن، تۆت پەسىل ئىچىدە ئەڭ گۈزەل پەسىل ئەسلىدە قىش پەسلى ئىكەن ئەمەسمۇ ؟!...
مامۇقتەك ئاپئاق قارلارنىڭ ئۈستىدە  نام - نىشانسىز ئىزلىرىم قالماقتا، تېخى ئەمدىلا قىرانلىققا ئۇلاشقان ، ياشلىق ئارزۇلىرى يۈرىكىڭگە نەقىشلەر سالغان ، غەيرەت شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان نەۋقىران بىر يىگىت ئىدىمغۇ ؟ نېمىشقا ؟ زادى نېمىشقا ؟ !!! ........
تېخى باياتىنلا قان ئالغان بىلىكىمنى مەھكەم  سىقىمدىغىنىچە يول بويىدىكى قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان قېرى سۆگەتكە يۆلەندىم ، سىنى ئويلىدىم، تاتلىق كۈلۈشلىرىڭ، نازلىق بېقىشلىرىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى،ئاھ خۇدا،  مېنى كەچۈر !!!
خىياللىرىم مېنى ھەرخىل يوللارغا باشلاۋاتاتتى، ئۆلۈۋالايمۇ ؟ ياكى ئاتا ئانامنى، ئۇرۇق تۇغقانلىرىمنى، دوست بۇرادەر-خىزمەتداشلىرىمنى ، گۈزەل يۇرتۇمنى تاشلاپ،  باشقا بىر ھېچكىم تۇنىمايدىغان چەت جايلارغا كېتەيمۇ ؟ ۋە ياكى  ......
كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى ، شوخلۇقۇم ، مەردانىلىكىم ، جاسارىتىم  نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتكەن ئىدى .
دوختۇرخانىغا نېمىشقىمۇ بارغاندىمەن ، نېمىشقىمۇ تەكشۈرتكەندىن ، ئەگەر تەكشۈرۈتمىگەن بولسام بۇنداق نەس كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىمنى  بىلمەس ئىدىم، بۇنچە ئازابقا مۇپتىلا بولماس ئىدىم .
نېمە ئارزۇلارنى قىلمىغان ئىدىم، گۈزەل كېلەچىكىم، كەلگۈسىدىكى بەختلىك ئائىلەم توغرىسىدا نېمە پىلانلارنى سوقمىغان ئىدىم ، ھاياتىم ، بارلىقىم ھەممىسى  ئازلا قالغان ناھايىتى بىر قەدەملا قالغان ئىدىغۇ، ئەگەر دوختۇرخانىغا كەلمىگەن بولسام ، تاسادىپىي تەكشۈرۈشلەر بولۇپ قالمىغان بولسا، بۇنداق مەينەت، مەرەز كېسەلنى يۇقتۇرۋالغىنىمنى بىلمەيلا قالاتتىم . ياق !!!....

-داۋامى 2-بەتتە

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر