• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى تۇنجى دورا مەيدانغا كەلمەكچى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2012/05/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئەيدىز كېسىلى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىغا 30 يىلچە بولدى. شۇ تاپتا ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بولغان كۈرىشىدە زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى تۇنجى دورىنىڭ پات ئارىدا دۇنياغا كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
سۇمرۇغ تورى خەۋىرى، ئامېرىكا  يېمەكلىك-دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى 11-ماي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، «Truvada» دەپ نام بېرىلگەن ئەيدىز دورىسىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى دورا قىلىشنى تەستىقلاپ، ئەيدىز كېسىلى بولمىغان، ئەمما ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا (ئەر ھەمجىنىسۋازلار، پاھىشە قىلغۇچىلار، زەھەر چەككۈچىلەر دېگەندەك) ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى مەزكۇر مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتىنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قارار 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چىقىرىلىدىكەن.

 


Truvada دېگەن بۇ دورا 2004-يىلىلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دوختۇرلار بۇ دورا ئارقىلىق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى داۋالاپ، ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنى تېزگىنلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى Truvada نى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا سۈپىتىگە ئىشلىتىشنى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ تۈپەيلى (ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئىستېمال قىلدىم، دەپ) ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشكە سەل قارىشى ياكى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئۇلار يەنە ئاياللارنىڭ مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۈنۈمى بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا دەرگۇمان ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ Truvada ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر 2010-يىلى ئەڭ دەسلەپ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، 3 يىللىق چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر كۈنى Truvada نى ئىستېمال قىلغان ساغلام ئەر ھەمجىنىسۋازلار (بەچچىۋاز ياكى ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى، 同性恋男子 ) ياكى قوشجىنىسۋاز (ئەر ياكى ئايال ھەر ئىككى جىنس بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغۇچى، 双性恋男子) نىڭ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى %42 تۆۋەنلىگەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر