لى كېچياڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى ئەلئارا ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: خەلق تورى | ۋاقتى: 2017/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى كېچياڭ 26-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەلئارا تەشكىلاتلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ بۈگۈنكى سۆزدە ھېچقانداق كەمسىتىش بولماسلىقى كېرەك، كۆپچىلىك ئەركىن پىكىر بايان قىلىڭلار، كۆپرەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكلىپ بېرىڭلار، دېدى.

 

 

  قېنىق كۆك رەڭلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى، مۇھەببەت نۇرى، دېڭىز-دەريا يۇلتۇزى، ياشلىق-قىزىل رىشتە تەشكىلاتى قاتارلىق 12 ئەلئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلى خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلار، يوقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن قىلغان مۇلازىمەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە گەرچە بۇ خىزمەت جاپالىق، يەنە نۇرغۇن قىينچىلىقلار ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت قوللىشى، يوقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قارشى ئېلىشى ئالدىدا تارتقان جاپالىرىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

 

  مەنبە: خەلق تورى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر