باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
     25-قېتىملىق ئەيدىز كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ فېڭتەي رايونى پۇخۇاڭيۈ مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ شىليۇيۈەن شۆبىسىدىكى بېيجىڭ شەھىرى مەھەللىدە دورا بىلەن داۋالاش 7-ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى يوقلىدى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش پىدائىيلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەيدىز كېسىلى ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ئۇقۇمنىڭ كەمچىللىكى ۋە بىرتەرەپلىمە قاراش، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش بەكرەك قورقۇنچلۇق. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇمۇملانغۇچىلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، پۈتۈن جەمئىيەت ئۇلارغا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشى كېرەك.

 


     چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا، شى جىنپىڭ 7-ئامبۇلاتورىيەگە كىردى. ئۇ زالغا كىرىشىگە، پىدائىيلار ئۇنىڭغا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى بولغان قىزىل لېنتىنى تاقاپ قويدى. مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىجۈن بۇ ئامبۇلاتورىيەنىڭ كېسەل خەۋپى بار كىشىلەرنى دورا بىلەن داۋالاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېسەل خەۋپى بار كىشىلەرنى دورا بىلەن داۋالاش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىنى چۈشۈنۈپ، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداپ، ئۇلارنى تەشۋىشتىن خالىي قىلىپ، پائال ماسلىشىش ۋە داۋالىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

 


     پىسخىكا مەسلىھەت ئۆيىدە، پىسخىكا مەسلىھەتچىسى شۈ خۇيلىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى سۈن ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ پىسخىكا مەسلىھەت ئۆيىگە كىرىپ، بۇ كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش بەختسىزلىك، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت، پۈتۈن جەمئىيەت ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھازىر پەن-تېخنىكا ناھايىتى تەرەققىي قىلدى، ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىشلەتكەندە، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

 


     شى جىنپىڭ پائالىيەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەيدىز كېسىلى ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس. 1985-يىلى ئېلىمىزدە تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز شۇنىمۇ كۆرۈپ يەتتۇقكى، ئېلىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ھادىسىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
     جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا، ھەم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە، ھەم بىر مىليارد 300 مىليون خەلققە تايىنىش كېرەك. ئەيدىز كېلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇرەككەپ تېببىي مەسىلە، شۇنداقلا جىددىي خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ئىجتىمائىي مەسىلە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىگە شەخسىي ساغلاملىق، ئائىلىنىڭ بەختى، جەمئىيەت ئىناقلىقى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى 12-بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» خىزمەت مېخانىزمىغا ئاساسەن، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرايلى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر