مېتادون دېگەن زادى قانداق نەرسە؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

مېتادون دېگەن زادى قانداق نەرسە؟

مەلىكەم ساتتار، ئىسكەندەر جېلىل، ئايشەم نىياز
قۇمۇل تارانچى مېتادون ئامبۇلاتۇرىيەسىدىن


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى چېكىش قىلمىشلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يامىراپ كېتىشىگە قارىتا، ھەر قايسى جايلاردا، بولۇپمۇ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنى ئېغىر بولىۋاتقان شەھەر- ناھىيەلەردە «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيە» لىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. مېتادون (美沙酮، methadone) نى مۇۋاپىق مىقداردا كۈندە بىر قېتىم ئىچكەندە، خىروئىننىڭ خۇمىرىنى 24 سائەتتىن 36 سائەتكىچە باسىدۇ، يەنى خىروئىن خۇمىرى قوزغالمايدۇ. بۇ ئارقىلىق زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى، غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىقلار جايلاردا مېتادون بىلەن قامداپ داۋالايدىغان 31 باش ئامبۇلاتۇرىيە، 20گە يېقىن تاماق ئامبۇلاتۇرىيە قۇرۇلۇپ بولدى.
تۆۋەندە مېتادوننىڭ زادى قانداق نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، 16 سۇئال- جاۋاب بېرىلدى. بۇ مەزمۇنلار ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ مېتادون ھەققىدە چۈشىنەلمىگەن ياكى خاتا چۈشىنىۋالغان يەرلەرنى يورۇتۇپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس!
 

 
1.مېتادون دېگەن نېمە؟ ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟
مېتادون بىر خىل سۈنئىي بىرىكتۈرۈلۈپ ياسالغان ناركوز دورىسى بولۇپ، دۆلەت قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇپ ياسايدىغان ناركوز دورىلىرىدىن ھېساپلىنىدۇ.
گەرچە مېتادون ھەر قايسى مېتادون ئامبۇلاتۇرىيەلىرىدە دورا ئورنىدا ئەپىيۇن تۈرىدىكى دورىلارغا خۇمار بولغۇچىلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئىستېمال قىلسا ياكى ساتسا، قانۇن بويىچە زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ساتقان قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
مەملىكىتىمىز ئامبۇلاتۇرىيەلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان مېتادون سۇيۇق دورا بولۇپ، داۋالانغۇچى (ئەپىيۇن تۈرىدىكى دورىلارغا خۇمار بولغۇچى) ئامبۇلاتۇرىيە ئىچىدە نەق مەيداندا ئىچىپ، ئاندىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئىچىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
 
2.مېتادون قانداق پەيدا بولغان؟
مېتادون دەۋرىمىزگە نىسبەتەن يېڭى دورا ئەمەس،شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىجادىيىتىمۇ ئەمەس.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تەبئىي تۈردىكى ناركوز دورىلىرى ئۇرۇشتىكى يارىدارلارغا يېتىشمىگەنلىكتىن، گېرمانىيىلىكلەر مېتادوننى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ناركوز دورىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مېتادون قايتا ئىشلەپچىقىرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات نەتجىسى قاتارىدا ساقلىنىپ قالدى.
1959-يىلى، كانادالىق دوكتور روبېرت خاللىداي (Robert Halliday) ۋانكوۋېر شەھىرىدە «خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنى مېتادون ئارقىلىق قىسقا مۇددەتتە خۇمار يوقىتىش پروگراممىسى»نى يولغا قويدى، 1963-يىلى بۇ خىل خۇمار يوقىتىشنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك» قىلىپ ئۆزگەرتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ ئامبۇلاتورىيە دۇنيادىكى تۈنجى «مېتادون ئامبۇلاتورىيىسى» بولۇپ قالدى. 1964-يىلى، دۇنيادىكى تۈنجى «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش» تۈرى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە يولغا قويۇلدى. 1967-يىلى، دوكتور خاللىداي يەنە كانادا مېدىتسىنا بىرلەشمىسىنىڭ ژورنىلىغا مېتادون ئارقىلىق خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنى داۋالاش ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مېتادون بىلەن داۋالاش ساھەسىگە ئاساس سالدى.
1972-يىلىدىن باشلاپ، شىياڭگاڭدا مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش تۈرى يولغا قويۇلدى. مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا بولسا، شياڭگاڭدىن 32 يىل كېيىن، يەنى 2004- يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لېشەن شەھىرىدە مەملىكىتىمىزدىكى تۈنجى «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش سىناق ئامبۇلاتورىيىسى» قۇرۇلۇپ، ئاقىدىنلا يۈننەن، سىچۈەن، جېجىياڭ، گۈيجۇ ۋە گۇاڭشى قاتارلىق 5 ئۆلكىدە جەمئىي 8 سىناق ئامبۇلاتورىيە نۇقتىسى قۇرۇلدى. بۇ ئامبۇلاتورىيەلەرنىڭ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەتكە بولغان رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزنىڭ بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىرىدە تۇشمۇتۇشتىن «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى» ۋە «تارماق ئامبۇلاتورىيەلەر» قۇرۇلۇشقا باشلىدى.
شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۈنجى «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى» 2005-يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4- دوختۇرخانا يېنىدا قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەرنىڭ زىيىنى ئەڭ كۆپ بولىۋاتقان شەھەر- ناھىيەلەردە ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىدى.  مەسىلەن: قۇمۇل شەھىرىدىكى مېتادون ئامبۇلاتورىيەسى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى قۇرۇلغان بولسا، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى زەھەرنىڭ زىيىنى بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتقان قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تارانچى كۆمۈر كانىدا تارماق ئامبۇلاتۇرىيە قۇرۇلدى.
بۇ ئامبۇلاتورىيەلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، شۇنداقلا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر