• يېڭى ماقالىلەر

نېمە ئۈچۈن مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش قىلىنىدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ زىيىنى ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ ئاساسلىقى ئىجتىمائىي ئامانلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىك جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ. مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش دەل مۇشۇ ئىككى خىل زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بىر زەھەر چەككۈچى خىروئىنغا خۇمار بولغاندىن باشلاپ، ئۆز ئىقتىسادىنى ئاساسەن خىروئىنغا خەجلەيدۇ. يېنىدىكى پۇل تۈگىسە، ئۆيىدىكى نەرسە- كېرەكلەرنى، ئايالىنىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ خىروئىن چېكىدۇ. ئۆيدە ساتقۇدەك نەرسە قالمىغاندا، باشقىلاردىن پۇل سورايدۇ، پۇل ئېلىش ئۈچۈن،«ئاپام دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ پۇل لازىم بولۇپ قالدى»، «بالام ئاق قان كېسىلى بولۇپ قاپتۇ» دېگەندەك تۈرلۈك- تۈمەن يالغان گەپلەرنى توقۇپ چىقالايدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ يالغانچىلىقلار ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ھېچكىم پۇل بەرمەس بولىدۇ. خىزمىتى بارلار خۇمارىنى قاندۇرمىغۇچە ئىشقا بارالمايدۇ، ئىشقا بارسىمۇ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىيەلمەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىشتىن ھەيدىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. خىزمىتى يوقلار ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھاتتاكى ئۆز ئائىلىسىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئامانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قانۇننىڭ تورىغا چۈشۈپ، تۈرمىلەردە ياتىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە خىرۇئىن چېكىدۇ، جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، يەنە تۈرمىگە كىرىدۇ، چىقىپ يەنە چېكىدۇ... چېكەرمەنلەرنىڭ تۇرمۇشى مانا مۇشۇ ھالەتتە دەۋرىي ئايلىنىدۇ.

 

 

نېمە ئۈچۈن مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
بەزى زەھەر چەككۈچىلەر دەسلەپتە ئېغىزدىن بەڭ قىلىپ چېكىدۇ، كېيىن ئىقتىسادقا چىقىش قىلالماي، تومۇردىن ئوكۇل قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، 2-3 بولاق بەڭدە قانمىغان بولسا، تومۇردىن ئوكۇل قىلسا 1 بولاق خىروئىن بىلەنلا خۇمارغا قېنىپ كەيىپلەر كۆرەلەيدۇ. شۇڭا كۆپىنچە زەھەر چەككۈچىلەر ئۇزاققا قالمايلا تومۇردىن ئوكۇل قىلىدىغانغا چۈشىدۇ. بەزىدە خىروئىن تاپقان تەغدىردىمۇ، يېڭى ئوكۇل- شىپرېس تاپالماي قالىدۇ، بۇنداق چاغدا باشقىلار ئىشلىتىپ قويغان شپرېسلارنى، ھەتتا ئەخلاتخانىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان شپىرېسلارنى ئىشلىتشكە توغرا كېلىدۇ. خۇمارنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئويلاشقا چولىسى تەگمەيدۇ. شۇ ئارقىلىق بەزى زەھەر چەككۈچىلەر جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز، سىڧلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ قۇمۇل تارانچى كان رايونىنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى مېتادون ئامبۇلاتورىيىسى ئېچىلماستا، كىچىككىنە تارانچىدە كۈندە دېگۈدەك ئوغرىلىق دېلۇسى يۈز بېرەتتى، ھەتتا بەزىدە بۇلاڭچىلىق دىلولىرىمۇ چىقىپ تۇراتتى. ساقچىلارمۇ ئوغرى تۇتىمىز دەپ كېچە- كېچىلەپ بۆكتۈرمىدە تۇرۇپ، بەكمۇ چارچاپ كېتەتتى. بەزى زەھەرگە خۇمار بولغان ئىشچىلارمۇ خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن ئىدى. 2008-يىلى 6-ئايدا مېتادون ئامبۇلاتۇرىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تارانچىدىكى ئوغرىلىق دىلولىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى، ساقچىلارمۇ ئارام تېپىپ، دىققىتىنى باشقا مۇھىم ئىشلارغا قارىتالايدىغان بولدى. تارانچىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى 2008-يىلىدىن بۇرۇن يۇقۇملانغانلار بولۇپ، مېتادون ئامبۇلاتۇرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئاساسەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۋالغانلار ھېساپلىنىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مېتادون ئامبۇلاتۇرىيىسى ئىجتىمائىي ئامانلىقنى ساقلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىنتايىن كۆرىنەرلىك رول ئوينىماقتا. شۇڭا دىيارىمىزدا، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر