ئەلداۋا بىلەن يارپ توردا پىتنە-ئىغۋا تارقاتتىمۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى | ۋاقتى: 2017/06/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى ۋە بۇندىن كىيىنكى ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن!
نەچچە كۈن بولدى ئۈندىداردا تېببىي ئەكبەر شىركىتى جاجىسىنى يېدى كۈچەپ تارقىتىڭ دېگەندەك ئىغۋالار بولۇۋاتىدۇ.بىزھەممىمىز كەسىپ ئىگىسى ۋەشېركەت ئىگىسى بۇلۇش سۈپىتىمىزبىلەن ئەكبەرجانغا ئوخشاش ھارماي تالماي ئىنسانىيەت ۋە جۈملىدىن ئۇيغۇرجەمىيتى دۇچ كېلىۋاتقان كېسەللىك جانغا زامىن كېسەللىك ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياش كەسىپ ئىگىلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلىشىمىز قولىمىزدىن ئەمەلىي ئىش كەلمىسىمۇ بۇنداق ئىغۋالارنى تارقاتماسلىقىمىزلازىم.ئەينى ۋاقتىدا ئەلدوست شىركىتىمۇ كېسەللىكنى تىزگىنلەيدىغان بىرخىل قۇۋۋەت ئىچىملىكىنى تەشۋىق قىلىپ بازارغا سېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقىرىقى ئىغۋاچىلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك سېلىش نەتىجىسىدە ئون يىللىق تەجرىبىنىڭ ئەمەلىي مەھسۇلىنى ئىچكىرىدىكى بىرشېركەتكە سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاساسلىق سەۋەب بىزنىڭ ئەقىللىك بىلەرمەن ئەلداۋا ۋە يارپ دىگەنگەئوخشاش تاراتقۇلار يالغانچىغا چىقىرىپ ئاخىرى قانۇن ئارىلىشىپ مەھسۇلاتىنى بازارغاسالالماي ئىقتىسادى كىرىزىسقا پېتىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك شىركەتنىڭ ئون يىللىق كوزىر مەھسۇلاتىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىچىلارغا ئامالسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش خىيالىنىڭ بارلىقىنى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىغان ئىدى.دېمەك بىزدىن بۇنداق دۇنيانىڭ باش ئاغرىقى بولۇۋاتقان  كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ياكى كونترول قىلىدىغان بىرەر داۋاتېپىلسا گۇناھ ھېسابلايدىغان ئۇيغۇرۇمنىڭ ئارىسىدا نەتىجەقازىنىپ چىقىش بەك مۈشكۈل شۇڭا مۇشۇنداق بىركارخانىچىلىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن بولسىمۇ سەلبىي خەۋەرلەرنى تارقاتمايلى!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم غەيرەت قىلىڭ ئەزھەرجان قېرىندىشىم نۇرغۇن ئۈمىدكە ۋەياشاش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان نۇرغۇن بىرجۈپ كۆزلەرسىزنىڭ بەل قويۇۋەتمەي نەتىجەقازىنىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ!


مانا بۇ يۇقىرىقى بايانلار ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن يېڭى بايانات بولۇپ، بۇ باياناتنىڭ كىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى نامەلۇم. يۇقىرىقى باياناتقا قارايدىغان بولساق، ئاۋام-خەلقنى نادان ھېسابلاپ، ئۆزىنى كۆككە ئاتقۇچى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت-قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئېلان-تەشۋىقاتتا ساختىلىق قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغۇچى، ئەڭ مۇھىمى ئەيدىزنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرىۋاتقان، جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپى ھېسابلانغان ئەيدىز بىمارلىرىنى شۇلۇپ يېيىش بەدىلىگە ئۆز يانچۇقىنى تومپايتماقچى بولغان بىر ئۇچۇم كاززاپ ئالدامچىلار ئۇيغۇر ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ غېمىنى يەپ ئىزدىنىۋاتقان ئۇلۇغۋار كىشىلەر دەپ سۈپەتلىنىپ، ئەلداۋا تەرىپىدىن ھەتتا قانۇن تەرىپىدىن زىيانلانغۇچى قاتارىغا چىقىرىلىپ، ئەل-جامائەتنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان.
 
تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، يېقىندا تېببىي ئەكبەر شىركىتى نەچچە ئونلىغان ئۈندىدار سالونىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ «داڭلىق ئۇيغۇر تېبابەت ئۇستازلىرى» بىلەن بىرلىكتە ياساپ چىققان ئوزۇقلۇق تالقىنى تونۇشتۇرۇلغان «ئەيدىزنىڭ شىپاسىنى تاپقان ئۇيغۇرۇم» ماۋزۇلۇق تەشۋىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، دىققەت قوزغىغان ئىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ھاۋالىلىك تەشۋىقات ئورنى بولغان يارپ تورى ۋە ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونى ئارقا-ئارقىدىن «ئەيدىزنىڭ شىپاسىنى تاپقان ئۇيغۇرۇمغا تەنبىھ» (ئەلداۋا)، «تېببىي ئەكبەرنىڭ ئالدامچىلىقى» (يارپ) ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەيدىزگە ئالاقىدار ساختا ئېلان ۋە تىجارەت قىلمىشىنى ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ تەنقىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت ئالدىنقى ھەپتە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، يېمەكلىك-دورىنى نازارەتلەپ باشقۇرۇش ئىدارىسىگە «ئەيدىزگە دائىر ساختا ئېلان ۋە تىجارەت قىلمىشىنى ياردەملىشىپ تەكشۈرۈش ھەققىدە ئالاقە» نى يوللاپ، تېببىي ئەكبەر شىركىتى ئەيدىزنى تۈپ يىلتىزدىن داۋالاپ ساقايتىمىز دەپ ئالدامچىلىق قىلىپ، بىر قىسىم بىمارلارنى قايمۇقتۇرۇپ زىيانغا ئۇچراتتى، ھەتتا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتىنى قارىلاپ، رايونىمىزدا ئەيدىز كېسەللىكىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا قىلدى، دەپ ئەرز سۇنغان. نۆۋەتتە، ئالاقىدار ئورۇنلار ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش نۇقتىسىدىن چىقىپ، تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى قايتا تەكىتلەش ھاجەتكى، مەيلى رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، تور، ئۈندىدار قاتارلىق تاراتقۇلار بولسۇن ۋە ياكى ئەيدىزنى داۋالىسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنمىگەن ھەر خىل داۋالاش ئورۇنلىرى، دورىخانا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كارخانا-ئورۇنلىرى، سەييارە دوختۇر-تېۋىپلار ئېلان قىلغان بولسۇن، ھەرقانداق ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان ياكى ئەيدىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە ئۇسۇل، رېتسېپ، دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، ساختا تەشۋىقاتتۇر! دىققەت قىلىڭكى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سىزنىڭ كېسەلدىن ساقىيىشىڭىز ئەمەس بەلكى يانچۇقىڭىزدىكى پۇلدۇر.


نۆۋەتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى ئەللەردىن ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ئىمكانقەدەر بالدۇر داۋالاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خىل داۋالاش قانچە بالدۇر باشلانسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار قانچە بولدۇر ۋىرۇسقا قارشى داۋالانسا، بالىسى تامامەن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانماي پۈتۈنلەي ساغلام ھالەتتە دۇنياغا كۆز ئاچالايدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى داۋالىنىش ۋاقتى ۋە بىمارنىڭ داۋالاشقا ماسلىشىش-ماسلاشماسلىقى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر دۆلىتىمىزدە ئەيدىز يۇقۇمدارى ياكى بىمارى بايقالغان ھامان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاشتا بېرىلىدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، بۇنى دۆلەت بىرتۇتاش ئىقتىساد چىقىرىپ ھەل قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە،
نەدە قالاقلىق ئېغىر بولسا، شۇ يەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش جەھەتتە ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. جەمئىيەتتىكى بەزى «ياۋا تېۋىپ» لارنىڭ «ئەيدىزنى داۋالاشنىڭ رېتسېپىنى تاپتىم، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن نەچچىنى داۋالاپ ساقايتتىم» دېگەندەك گەپلىرى پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بەزى ئاچچىق ساۋاقلارمۇ بار. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇشۇنداق ئاساسسىز گەپلەرگە ئىشىنىپ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنمەي، «ياۋا تېۋىپ» لارغا كۆرۈنگەنلىكتىن، داۋالىنىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتى، ھەتتا بىر قىسىملىرى شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتتى. ئەيدىز يۇقۇمىغا سەل قاراش، چۈشەنچە ئېنىق بولماسلىق، يۇقتۇرۋالغاندىن كېيىنمۇ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەسلىك نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىششىگە سەۋەب بولماقتا. يىلدا رايونىمىزدا 5000~6000 ئەيدىز بىمارى كۆپىدىكەن، 1000~2000 غىچە بىمار ئۆلۈپ كېتىدىكەن، خۇراپى قالاق قاراشلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا.

ئاخىرقى سۆزىمىز شۇكى، يارپ تورى ۋە ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ھاۋالىلىك تەشۋىقات ئورنى، مەسئۇلىيەتچان كەسپىي تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىم-پەننىڭ نوپۇزىنى، ئەڭ مۇھىمى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنى ۋە ماددىي مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر