ئاق خالاتلىق پەرىشتەدىن ئەيدىز يۇقۇمدارىغىچە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئەگەر بىر قىسىم ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىردەملىك ھاۋايى-ھەۋەس، زەھەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدا ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن بولسا، ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ دوختۇرلۇق كەسپىي بىلەن شوغۇللانغان جەمىلە (كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) ئېرىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ مۇھەببىتىنىڭ، شۇنىڭدەك ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.
جەمىلە دوختۇرلۇق كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شەھىرىمىزدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا خىزمەتكە چۈشتى. كەسپىنى قەدىرلەپ داڭلىق بىر دوختۇرغا ئايلىنىش ئىستىكى ئۇنى كەسىپداشلىرىدىن بەكرەك تىرىشىپ ئىشلەشكە ئۈندەيتتى. ئائىلىسىدىكىلەرمۇ جەمىلەدىن پەخىرلىنەتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يالقۇن  (كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ئورنىدىكى بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بۇ يىگىت قاشتېشىدەك سۈزۈك چىرايى، مۇلايىم مىجەزلىك بۇ «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» گە كۆيۈپلا قالدى. چوڭلارمۇ بەخت تىلەپ ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويدى. تويدىن كېيىن جەمىلە يالقۇننىڭ ئۆزىگە كۆيۈنگىنىدىن شادلانسىمۇ ئۇنىڭ كۈندەشلىكنىڭ سەل ئېغىرلىقىنى بايقاپ قالدى. يالقۇننىڭ «بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىمەڭ، سىزنى باققۇچىلىكىم بار. خوتۇن كىشىنىڭ ئۆيدە بولغىنى ياخشى» دېگەن سۆزلىرىنى بېشىدا مۇنداقلا دەپ قويغان دەپ بىلگەن جەمىلە كېيىنچە ئەگەر خىزمەتتىن چېكىنىپ چىقمىسا ئۆيدە ئورۇنسىز جېدەلنىڭ بېسىقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. تالاي قېتىملىق ئىككىلىنىشتىن كېيىن ئاخىرى «بوپتۇلا، خىزمىتىم بولمىسىمۇ بەختلىك بولسام بولىدىغان ئىش بولسا مەيلى. يالقۇنمۇ ماڭا مەسئۇل بولۇپ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا، دوستلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي خىزمەتتىن چېكىنىپ چىقتى. جەمىلە بۇ قارارىنىڭ ھاياتىدا بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قىلىپ ئۆكۈنىدىغان ئىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى.
ئىنسان ھاياتىغا بەخت بىلەن بەختسىزلىك مەڭگۈ ھەمراھ. جەمىلەنىڭ خىزمىتىگە تېگىشكەن بەختى ئۇزاققا بارمىدى. مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى بولغان ئوماق پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئۇنى ئالەمچە خوشاللىققا چۆمدۈرگەن بولسىمۇ، يالقۇن قىمار ئويناشقا بېرىلىپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭغا پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەۋاتقاندەك بىلىندى. ئاخىرقى ھېسابتا يالقۇن خىزمەت ئىستاژىنى سېتىپ ئىدارىدىن يېنىپ چىققاندا ئالغان نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇلنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋەتتى. قىمارغا قاتتىق بېرىلگەن يالقۇن ئۆزىنىڭ تاپقان تەرگىنىلا ئەمەس، جەمىلەنىڭ ھاياتىنىمۇ دوغا تىكىۋەتتى. يالقۇننىڭ قىماردىن قول ئۈزۈشىگە كۆزى يەتمىگەن جەمىلەنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇلارنى ئاجراشتۇرۇۋەتتى.
ئۆز تەقدىرىنىڭ كاجلىقىدىن ئۆكۈنگەن جەمىلە شۇنىڭدىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىر-بېسىق، جىمىغۇرلىشىپ كەتتى. ئۇ قىزىنى باغرىغا بېسىپ كۆڭۈل تىۋىشلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمىلتەتتىيۇ توختاپ قالاتتى. كۆڭۈلنىڭ بىر يەرلىرىدىن يالقۇننىڭ تېزرەك قىمارنى تاشلاپ ئۆزلىرىنى ئالغىلى كېلىشىنى زارىقىپ كۈتەتتى. يالقۇندىن ھېچبىر خەۋەر يوق ئىدى. بىر قېتىملىق تويدا ئۇ يەنە دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خالمۇرات (كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) بىلەن تونۇشۇپ قالدى. گەپدان، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ماھىر خالمۇرات تېزلا جەمىلەنىڭ جاراھەتلەنگەن كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەي خالمۇرات بىلەن جەمىلە ھەر ئىككى تەرەپتىكى چوڭلارنىڭ قارشى تۇرغىنىغا قارىماي توي قىلدى. تويدىن كېيىن جەمىلە سېمىز، بۇدىرۇققىنە بىر ئوغۇل يەڭگىدى. خالمۇرات جەمىلەنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇپ ئىچكىرىگە سودا قىلغىلى كەتكىنىچە خېلى ۋاقىت يوقاپ كەتتى. شۇ جەرياندا ئۇ جەمىلە بىلەن تېلېفوندا سوقۇشۇپ قالغاننى باھانە قىلىپ ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان ئوغلىنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن تارتىۋېلىپ يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى. جەمىلەنىڭ ئوغلىنىڭ دەردىدە تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىمىغان ئاتا-ئانىسى خالمۇراتنىڭ يۇرتىغا تېلېفون بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ زەھەر چەككەنلىكتىن ئىككى يىللىق تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدى. جەمىلەنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ لەختە قان قىلغىنى ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئۇنى تېخى بىرەر قېتىممۇ ئانا دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئوغلىنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بولدى. ئۇ ئوغلىنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشقا، ئۇنى كۆمگەن تۇپراق بېشىغا بېرىپ-كېلىشكىمۇ قادىر بولالمىغانلىقىدىن مۇھەببەت جاراھەتلىرى بىلەن قانىغان يۈرىكى يەنە قانىدى.
ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن، بەختسىزلىكىدىن ئۆكۈنگەن جەمىلە خالمۇرات بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى. لېكىن ئۇ بۇ چاغدا خالمۇراتنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆز تەقدىرىنىڭ نەقەدەر كاجلىقىدىن زارلاندى. ئۇ دەرگۇمان بولۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈتكەندە، ئۆزىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ چىقتى. ئۇ ئۆلۈۋېلىپلا بۇ رەھىمسىز دۇنيادىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى كۆپ قېتىم ئويلاشتى. لېكىن ئاتا مېھرىگە قانمىغان قىزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر يۆلەنچۈكى بولغان ئانىسىدىنمۇ ئايرىلىپ يېتىمچىلىك ئىچىدە چوڭ بولۇشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ بۇ نىيىتىدىن ياندى. ھازىر ئۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىپ ئاخىرقى ھاياتىنى قىزىنى تەربىيلەپ ئۇنى قاتارغا قوشۇش ئىدى.
بىردەملىك ھاۋاي-ھەۋەس مەڭگۈلۈك ئاپەتلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەمدىلا 35 ياشقا كىرىپ ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىگە قەدەم قويغان بۇ بىگۇناھ قىزنىڭ بەختسىز كەچمىشى نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىش، ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاچچىق ساۋاق بولۇپ قالغۇسى!
 

مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر