ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يوقۇملىنىشى ئاۋۇپ قالدى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرى: خەلق تورى 5-ماي تېلېگىراممىسى، مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو جۇڭيى تېبابەتچىلىكى ئاكادېمىيەسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش تەتقىقات ئورنىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى ۋاڭ جىيەن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ يىل ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ئاۋۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا جىنسىيەت تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش پروگىراممىسىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋەكىل ۋاڭ جىيەننىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن بايقىلىشىچە، 2014-يىلى 10-ئايغىچە ئېلىمىزدە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 497 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارى 199 مىڭ نەپەر ئىكەن. ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى جەھەتتە ئورتاق شىپىرىستا زەھەر چېكىش بىلەن ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. ئەمما، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلانغان ھەمدە بۇ خىل يول بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى يىلسېرى ئېشىپ ماڭغان 2014 -يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە يۇقۇملانغانلار ئىچىدە %91.5 ى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلاشقان. 2014-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، 24-15 ياشقىچە بولغان يۇقۇملانغۇچىلار 13 مىڭ نەپەر بولۇپ، 2013-يىلىغا قارىغاندا %20 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار 2082 نەپەر بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.1 ئاشقان.
ياش ئوقۇغۇچى يۇقۇمدارلار ئىچىدە بەچچىۋازلىق بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 2014-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ يۇقۇمدارلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %81.3 بولغان. 2014-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مەملىكەت بويىچە ياش ئوقۇغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 6923 نەپەرگە يەتكەن، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى %65 نى ئىگىلەيدۇ ھەمدە ئوغۇللارنى ئاساس قىلىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىكى ئوغۇل قىزلارنىڭ نىسبىتى 9.1:1.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچى يۇقۇمدارلار سانىنىڭ يىلسېرى ئېشىشى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك، دەيدۇ ۋەكىل ۋاڭ جىيەن.

ئەلداۋا تەۋسىيەسى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتىكى يېتىلىشىگە سەل قارىماي، بالىلاردىكى بىنورمال پسىىخك ھالەت ياكى قىلمىشلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

بۇ ئۇچۇرنى باشقا ئاتا-ئانىلار، ياشلارنىڭمۇ كۆرۈشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنۇتماڭ، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقانغا پەقەت دەقىقە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتى قوزغىلىپ، ياشلارنىڭ بىھۇدە ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇش مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر