پاھىشە بىلەن خوتۇننىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرگە

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2016/09/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: سۇلتان | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ھەممىدىن كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ كېتىشىدىن نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-تېشىدا قالايمىقان مۇناسىۋەت قىلىدىغانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. توي قىلماي تۇرۇپ تويدىن كىيىنكى مۇناسىۋەتنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلار، ھەمراھىغا ساداقەتسىزلىك، ساختىپەزلىك قىلىپ قىلىپ، ھەمراھىم كۆرمىدى-ئاڭلىمىدى دەپ باشقا ئەر-ئاياللار بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلار، شۇنداقلا بىر ئەر كۆپلىگەن ئاياللار بىلەن بىللە بولىدىغان، بىر ئايال كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن بىللە بولىدىغان، بىر ئەر بىر ئايال بىر-بىرسىنىڭ جىنسى تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالايدىغان نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي، ئادەملەرنىڭ خۇددى ھايۋانلارنىڭ قىلىقىنى دوراپ ھايۋانى نەپسىنى كىم ئۇدۇل كەلسە شۇنىڭدىن قاندۇرىدىغان، باشقىلاردىن ئاشقان-تاشقان پاھىشە-پاھىشىۋازلاردىكى مەينەتچىلىكتىن-پاسكىنچىلىقتىن نومۇس ھېس قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ھەم كۆپىيىشىدە مۇھىم ئەھۋال-سەۋەبلەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

 


ئەرلەرنىڭ قىز-ئاياللارغا قۇيىدىغان تەلىپى قاتتىق بىر مىللەتتە، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ قىز-ئاياللارغا قويغان مۇشۇنداق مەدەنىيەت خاراكتېرلىك تەلەپ-ئۆلچىمىنىڭ ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ پاھىشە-پاھىشەخانىلارنى چۆرگۈلەپ يۈرۈشى مەيدانسىزلىقنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان بىمەنىلىكتۇر. دېمىسىمۇ، نىكاھلاپ ئۆزى يالغۇز ئالغان خوتۇن بىلەن كوچىدىكى پاھىشىۋازلارنىڭ ئوپچە خوتۇنى بولغان پاھىشەلەر ئەلۋەتتە پەرقلىنىدۇ. ئەمما، بۇ پەرقنى بىلمەيدىغانلار قانداق ئادەملەردۇ-ھە! شۇڭا، مۇشۇ پەرقنى بىلمەيدىغانلار ئەيدىزنى ئىزدەپ يۈرگەن ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالماقتا.
دېمەك، پاھىشەنى خوتۇن قىلىپ ئېلىشتىن نومۇس قىلىدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما پاھىشەلەر بىلەن بىللە بولۇشتىن نومۇس قىلمايدىغان ئادەملەر بار بولۇپ، بۇنىڭ پەرقى باشقىلارنىڭ نومۇس قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن پاھىشەلەرنى خوتۇن قىلىپ ئالمىغان بىلەن، ئۆزىدىن نومۇس قىلمىغاچقا پاھىشەلەر بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈيدۇ. دېمەك، ئادەمنىڭ باشقىلاردىن نومۇس قىلىشىدىن ئۆز-ئۆزىدىن نومۇس قىلىشى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن نومۇس قىلىشى ئۇنىڭ ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنى ساپالىق ئادەملەر نومۇس تۇيغۇسى ئارقىلىق ئۆزىنى سوراپ خاتا ئىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان، باشقىلارغا زىيان-زەھمەت سېلىشنى كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ، قىلمىشىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلەلەيدىغان بولىدۇ. دەۋەلدىم، قىلىۋالدىم، ئوينىۋالدىم دەپ باشقىلارنىڭ قانداق ئويلاپ-چۈشىنىشى بىلەن كارى بولمايدىغان بولمايدۇ. "ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ" دېگەن ئاڭ-ئىدىيەگە ئادەتلەنگەن بولىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرقانداق خاتا قىلمىشنىڭ جازاسى بولماي قالمايدۇ. ئەخلاقسىزلىق خارلىنىشىنى ھەم كەمسىتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-سىرتىدىكى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋالدىم، ئوينىۋالدىم، ھۇزۇرىنى سۈرىۋالدىم دېگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمىگەنلىكلىرى بولۇپ، «ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي» دېگەندەك، توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللانغان قىلمىش مانا مۇشۇ يۇقۇملۇق ھەم ساقايماس ئەيدىزدەك ئويلىمىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتقان قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئاساسەن نىكاھ سىرتىدىكى مۇناسىۋەت قالايمىقانچىلىقى بولۇپ، نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلاردىن نىكاھ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ تارقىتىۋاتقانلار بىگۇناھ ئانا-بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا. يەنى، بىر قىسىم ئەرلەر پاھىشەلەردىن ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ كېلىپ، ئەرلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ھالدىكى خوتۇنلىرىغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇۋاتىدۇ.

نىكاھ تارىختىن بۇيان ئەر-ئاياللارنىڭ قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋىتىنى توسۇش ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە مۇشۇ مۇقەددەس مەدەنىيەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلارغا ئەيدىزدىن ئىبارەت ساقايماس كېسەل جازاسى سوغا قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار جىنسىيەت قالايمىقانچىلىقى كوچىلىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرۈشمەكتە. ئەيدىزنىڭ قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھازىرمۇ بارلىقى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۆپ خىل يوللار ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

شۇڭا، چوڭلار ياشلارنى، يۇرت-مەھەللە ئۆز پۇقرالىرىنى ھەرقاچان-ھەرزامان ئەيدىزنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويمىغۇدەك ھالەتتە تەلىم-تەربىيەگە ئىگە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەيدىز توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشتىن، ئائىلىدە بالىلارغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۆگىتىشتىن قورقماسلىقى كېرەك. ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نورمالنى جەمئىيەت تەربىيەسىگە ئايلىنىش كېرەك. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا مەسئۇل بولماي، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارغا نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن تەنقىد-تەربىيە بېرىش كېرەك. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلى ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدۇ ھەم ئادەم بەدىنىدىكى ناھايىتى مۇھىم يوللار بىلەن يېنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەملەرگە، شۇنداقلا باشقا بىگۇناھ ئادەملەرگە يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى بىلگىلى بولمايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.
قىسقىسى، خوتۇن بىلەن پاھىشەنى سېلىشتۇرۇشتىكى مەقسەت، ئەخلاقسىزلىقنىڭ تەمىنى تېتىيمەن دەپ پاھىشەلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ كېلىپ، ئۆيدىكى خوتۇنىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قۇيىۋاتقان، خوتۇن بىلەن پاھىشەنىڭ ئارىلىقىدىكى بىغەم ئەرلەر بولغاچقا، ئاشۇ ئەرلەرنىڭ نومۇس ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىشنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويماي تۇرالمايمىز. دېمىسىمۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى ئەخلاق ۋە قانۇن جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغان نىكاھ ئارقىلىق ئالدىم-تەگدىم دېيىشكەن ئەر-خوتۇنلاردىن، بەزى ئەرلەرنىڭ خوتۇنى تۇرسىمۇ يەنىلا پەھىشەلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرۈشلىرى قاتتىق نومۇسسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. تېخى توي قىلمىغان ياشلاردىن تارتىپ ساقىلى ئاقارغان بوۋايلارغىچە پاھىشەلەرنى چۆرگۈلەپ يۈرۈيدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، تەربىيە ۋە ساپاغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا، ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايدىغان جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ خوتۇن بىلەن پاھىشەنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان ناشايان قىلمىشلىرىغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن رەددىيە بەرمەي تۇرالمايمىز.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر