ساتىراشخانىدا ئەيدىز يۇقامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

چاچ-ساقال ئالغۇزغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش قېلىش ئەھۋالىنىڭمۇ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلار ئاز بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ھەر خىل ساتراشخانىدا چاچ-ساقال ئالغۇزغاندا، باش تېرىلىرىنى ھەم ئىڭەك-بويۇنلارنى كېسىپ قۇيىدىغان ھەر خىل ئۇستاملارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ تېرىسى كېسىلگەن ئىكەن، قان چىقىدۇ، ئۇستىرا-تىغلارغا قان يۇقىدۇ. ئۇستىرا-تىغلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك، دېزىنپىكسىيە قىلماسلىق، بىر كىشىگە ئىشلەتكەن تىغ-ئۇستىرىلارنى يەنە بىر كىشىگىمۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئارقىلىق، مۇشۇ قاتاردا چاچ-ساقال ئالدۇرغانلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بولسا، ئوخشاش تىغ-ئۇستىرىلار ئالماشتۇرۇلماي ھەم دېزىنپىكسىيە قىلىنمىغاچقا، قان يۇقى ئۇستىرا-تىغلار بىلەن يەنە بىرەيلەننىڭ چاچ-ساقىلىنى ئېلىش جەريانىدا يەنە كىسىلىش يۈز بەرسە، ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەتكەن ئۇستىرا-تىغلار ئارقىلىق، تەركىۋىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بار قان باشقا كىشىلەرنىڭ قانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، يەنە بىرەيلەننىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ساتراشلىق ئۈسكىنىلىرىنىڭ پاكىز، لاياقەتلىك بولماسلىقى، ھەر ۋاقىت دېزىنپىكسىيە قىلىنماسلىقى، ساتراش ئۇستاملارنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولماسلىقى، چاچ-ساقىلىنى ئالغۇزغىلى كىرگەنلەرنىڭ ئۇستىرا-تىغلارنىڭ ئالماشتۇرۇلدىمۇ، دېزىنپىكسىيە قىلىندىمۇ دېگەندەك ئىشلىرىغا كارى بولماسلىقى بىلەن، ساتراشخانىدا ئەيدىز يۇقىدىغان، تارقىلىدىغان ئەھۋاللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
دېمەك، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قان ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارقىلىش يولى ساتراشخانىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا مەۋجۇت بولۇدىغان بولۇپ، ساتراشخانا ھەم ساتراش ھەم چاچ-ساقىلىنى ياساتقۇچى ئوخشاشلا دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدۇر. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش دەرھال مەلۇم بولمايدىغان، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئاشكارىلىنىدىغان يۇقۇملىنىش ئالامىتى بولغاچقا، ئەگەر ساتراشخانىدا يۇقۇملىنىش كىلىپ چىققان بولسا، كىمدىن ۋە قاچان يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ساتراشقا دۆڭگەپمۇ پاكىت تاپقىلى بولمايدىغان، ھېچكىمنى جاۋاپكارلىققا تارتقىلى بولمايدىغان، پەقەت، لاياقەتسىز ساتراشخانىدا سۈپەتسىز مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقتىن ئىبارەت ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇش كېلىپ چىقىدۇ.
نۆۋەتتە، خېرىدارلىرىنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلەن كارى بولۇپ بولالمايدىغان مۇشۇنداق ساتراشخانىلارمۇ يەنىلا يوق ئەمەس بولۇپ، ئەڭ مۇھىم خېرىدارلارنىڭ تەلەپنى قاتتىق قويماسلىقى ھەم ساتراشخانىنى تاللىماسلىقى بىلەن، ساتراشلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەل-جامائەتكە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ساتراشخانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
شۇنداقلا، يېزا مەھەللىلىرىدە مەخسۇس ساتراشخانا ئاچماي بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۆزئارا ھەم باشقىلارنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ئېلىشىپ يۈرۈيدىغان ئەھۋالمۇ بولۇپ، ئۇلار تېخى ئاساسەن بىرلا ئۇستىرا بىلەن ھەممەيلەننىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ياسايدىغان بولغاچقا، ئۇستىرىنى دېزىنپىكسىيە قىلىش دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدىغان بۇ كىشىلەر ئارىسىدا، ناۋادا بىرەرسىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بولسا، كىسىلگەن ئىڭەك-تېرىلەردىن چىققان قانلار بىلەن يەنە بىرسىنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ئېلىش جەريانىدا كېسىلگەن ئورۇندىن چىققان قان ئۇچرىشىپ قېلىپ، قان ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئويلىماي تۇرالمايمىز.
دېمەك، لاياقەتسىز ھەم ئۆلچەملىك بولمىغان ساتراش ۋە ساتراشخانىلارنىڭ سۈپەتسىز، مەسئۇلىيەتسىز مۇلازىمىتى ئارقىلىقمۇ، ساتراشخانىدا ئەيدىزنى يۇقمايدۇ، ئۆزئارا تارقالمايدۇ دېيەلمەيمىز. شۇڭا، ئەيدىزدەك ساقايماس مەرەز يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساتراشخانىنىڭ ھەرقانداق خېرىدارغا ئايرىم ھالدا ئالماشتۇرۇلغان ھەم دېزىنپىكسىيە قىلىنغان ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىشىنى، ساتراشخانىنىڭ ئۇستىرا-تىغلىرىنىڭ ھەرقاچان يېڭى ھالەتتە بولۇشىنى تەلەپ قىلىشىمىز ھەم ئومۇملاشتۇرىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، يېزا-مەھەللىلەردىكى تەلەپ-تەكلىپ بىلەن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، بىرلا ئۇستىرا بىلەن چاچ-ساقال ئالىدىغان مۇنتىزىملاشمىغان ساتراش ئۇستاملارنىڭ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ ئەمما پىشانىسىدە ئەيدىز دېگەن بەلگىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى باشقا ساغلام كىشىلەرنىڭ چاچ-ساقاللىرى بىلەن بىرلىكتە ياساش-چۈشۈرۈش ئارقىلىق، كىسىپ قۇيۇش جەريانىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.شۇڭا، يېزىلاردىكى مۇشۇنداق سەييارە ساتراشلارغىمۇ چاچ-ساقال ئېلىش جەريارنىدا تېرىنى كېسىپ قۇيۇش سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكنى مەخسۇس بىلدۈرىشىمىز كېرەك. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاقىۋىتى بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. مەسىلە بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ قانداق ئۇسۇللاردا تارقىلىدىغانلىقىنى بىلمىسەك بولمايدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر