چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسى ۋە ئەيدىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ياۋروپا قىتئەسىدە تارقالغان ئۈچەينى قانىتىش خارەكتىرىدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسى (EHEC) نىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يەنە بىر قەدەمدە ئىلگىرلەپ، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۈچ كۈن ئىچىدە كەينى كەينىدىن بۇ خىل تاياقچە باكتىرىيەگە دىياگىنوز قويۇش ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشۇشۇپ قالىدىغان كېسەللىك بايقالغانلىقى دوكلات قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە گىرمانىيەدىكى دوختۇرخانا تەرەپ نۆۋەتتە ئاكتىپلىق بىلەن كېسەلنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالاشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىزدەش بىلەن بىرگە يەنە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يۇقۇملۇنىش مەنبەسىگە قارىتا يىڭى بولغان يىپ ئۇچىلارنى تاپقان.
جۇڭگو-گىرمانىيە ئالىملىرى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان، ياۋروپا قىتئەسى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا تەتقىقاتتا يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. شېنجودىكى خۇادا گېن تەتقىقات ئورنى، گىرمانىيەدىكى خانبورۇك ئۇنۋىرىسېتىنىڭ تىببىي ئىنىستوتى، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزى ۋە ھەربىي ئىشلار تىببىي پەنلەر ئىنىستوتى مىكرو جانلىقلار تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلارمۇ گىرمانىيەدە تارقالغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا، 8 خىل ئانتىبىئوتىكنىڭ تاقابىلچانلىققا ئىگە گېنىنى بايقىغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، جۇڭگو-گىرمانىيە ئالىملىرى بۇ قېتىملىق تارقىلىشچان باكتىرىيەگە قارىتا ئېلىپ بارغان گېننى سېستىمىلىق ھالدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ خىل باكتىرىيە ئەيدىز بىمارىنىڭ ئىچى سۈرۈش ئۆلچىمىدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسى بىلەن ئوخشاشلىقى %93 گە يېتىدىكەن، داۋالاش ئىتايىن قېيىن، ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەن.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى داۋاملىق بۇ خىل چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسىنىڭ ئاتلىسىغا قارىتا ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ھەمدە تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ تەتقىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ خىل باكتىرىيەنىڭ تارقىلىش سەۋەبى ۋە مەنبەسىگە قارىتا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ھەمدە بۇ خىل باكتىرىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا دىياگىنوز قويۇش رېئاگېنت تەكشۈرۈش قەغىزىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، دىياگىنوز قويۇشقا، تەكشۈرۈش ۋە كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىن مۇداپىيەلىنىشكە ئىشلىتىۋاتىدۇ.
گىرمانىيەنىڭ خەۋەرلەر گېزىتىدىكى ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ بايقىشىچە شۇ يەردىكى 17 نەپەر چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئوخشاش بىرۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يىگەن. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگىنىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى بۇ ئاشخانىغا بېرىپ تەپسىلىي بولغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئاشخانىنىڭ مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ يۇقۇملۇنىشنىڭ مەنبەسىگە قارىتا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر