ئەيدىز ئائىلىسىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 

بۇ ئەيدىز ئائىلىسى نۆۋەتتە 300 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ يىغىلىش ئورنى بولۇپ، ئۇ ئاياللار بۇ ئورۇنغا كېلىپ ئۆزئارا مۇڭدىشىدىكەن، ئەيدىز سەۋەپلىك ئەتراپىدىكىلەردىن ئۇچرىغان دەرت-ئەلەملىرىنى تۆكۈشىدىكەن. كىتاب ئوقۇيدىكەن، بالىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان-يۇقۇملانغان بولسۇن، ئوخشاشلا بالىلىرىنى ئەكىلىپ ئوينۇتىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى "كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر" دېگەن ھالەتتە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بۇ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە-تۇرمۇش شارائىتى، روھى كەيپىياتى، قېرىنداشلىرى-ئەتراپىدىكىلەردىن ئۇچرىغان مۇئامىلىسى، تىرىكچىلىك-ئىقتىسادى تەغدىرى، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى دېگەندەك تېمىلاردا خالىغانچە، كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىدىكەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بولغاچقا، يۇشۇرغۇدەك گەپ بولمايدىكەن، ئۆزئارا كەمسىتىلىشتىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن. "كەمبىغەل كەمبىغەلنىڭ قاياشى" دېگەندەك ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ ئىچكى-تاشقى دەرت-ئەلەملىرىنى ئۆزئارا بىلىشىدىغان بولغاچقا، كۆڭلىدىكى روھى ئازاپلىرىنى سۆزلەپ چىقىرىۋېتىپ ئىچى بوشاپ قالىدىكەن.
مانا شۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغان بولسۇن، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى قەرەللىك ھالدا ھەقلىق مەخسۇس ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان تەكرار قىلىپ بېرىش-تەربىيەلىنىش پۇرسەتلىرىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولىدىكەن.
بەش يىل ئاۋال 20 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئەيدىز ئائىلىسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ھازىر 300 گە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى توغرىلىق، ۋىروسقا قارشى داۋالىنىش توغرىلىق، ئەتراپىدىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويماسلىقتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىلىق، چەتئەللەردىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پۇزىتسىيە-كەيپىياتى توغرىلىق، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىنكى پىسخىكىلىق بىلملەر توغرىلىق... بىلىم، مەسلىھەت، ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن.
بۇ ئاياللار بۇ ئورۇنغا يىغىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك ھالەتتە، ئەركىن-ئازادە مۇڭدىشالايدىكەن. ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ پاراڭلىشالايدىكەن. ھەممەيلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بولغاندىكىن بىر-بىرىنىڭ دەردى-ھالىنى چۈشۈنەلەيدىكەن. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئورۇندا جەمئىيەتتىكى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ياكى ئائىلىسى-ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئەيدىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن دۇچار بولىدىغان كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، ئۆچ كۆرۈشكە ئۇچرىمايدىكەن.
بۇ ئورۇنغا يىغىلغان ئاياللار ئاساسەن يولدىشىنىڭ زەھەر چېكىشى ۋە خوتۇنبازلىق قىلىشى سەۋەپلىك ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋېلىپ، تۇل قالغانلار بولۇپ، ئىش-ئوقەت قىلىش، تۇرمۇشىنى قامداش، دادىسىز يىتىم قالغان بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، ئەيدىز ئائىلىسىگە كەلگەندە ئىللىق بىر مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. شۇڭا، بۇ ئاياللار كۆڭلى تارتقاندا، ۋاقتى چىققاندا ئۆز ئىختىيارىچە مانا مۇشۇ ئەيدىز ئائىلىسىگە كىلىپ خوشاللىق تاپىدىكەن، كۆڭلى ئېچىلىپ روھى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن. خۇددى ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان ھالەتتە ھەمسۆھبەت بولىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تارقىلىش يوللىرى ئېنىق، ئەمما يۇقۇش سەۋەپلىرى ھەر خىل بولغان ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سىرتتا ئۆزى تۇنۇيدىغان-تۇنۇمايدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن چۈشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن ھالەتتە ئۇچرايدىغان روھى بېسىمىدىن خالاس بولىدىكەن.
ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلار بىر تەرەپلىمە ھالدا كەمسىتىلىش سەۋەبىدىن يۇشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋالدا بولغاچقا، مۇشۇ زامانىمىزدىمۇ ئەيدىز كېسىلىنى چۈشەنمەي، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئەھۋالىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىققان دىلبەر ياسىننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپنىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، شىنجاڭ ئەيدىز تورى، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قاتارلىق تاراتقۇ ئورۇنلىرىدىن بىرنەچچەيلەن كۆپ سانلىق كىشىلەر بىلمەيدىغان، بىلسىمۇ قاچىدىغان ئەيدىز ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ باردۇق.
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەملەر تۈپەيلىدىن زىيارەتتە ئاشكارىلىنىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى زىيارەت ئېلىپ بارالماي قايتىپ كەتتى. باشقىلار شۇ يەردە دىلبەر ياسىن خانىم ۋە باشقا بىرنەچچە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن يېرىم كۈن كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتۇق. زەھەر چېكىدىغان يولدىشى ئۆزىگە ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۆزىگە ئوخشاش ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن توي قىلىپ كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقان بىر ئايال بىز بىلەن ناھايىتى ئەركىن-ئازادە پاراڭلاشتى، قارىماققا ئۇنىڭدا ھېچبىر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئايال مۇشۇ ئورۇندا مائاش ئېلىپ خىزمەت قىلىدىكەن. چۈشتە مۇشۇ بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنىڭ ئۆزىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئەتكەن بىر ۋاخ ئوخشىغان چۈشلۈك تامىقىغا ئېغىز تەگدۇق.
بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنى قۇرغۈچى دىلبەر ياسىن خانىم ئەمدى يېرىم ئەسىرلىك يېشىغا قەدەم قويغان بولۇپ، چىرايىدىن ئاق كۆڭۈللۈكى، كۈيۈمچانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. دىلبەر خانىم ئاممىۋى سەھىيە كەسپى بويىچە ئاۋىستىرالىيەدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان بولۇپ، ئەسلىدە شىنجاڭ ئۈنۋېرستېتىنىڭ چەتئەل تىلى فاكۇلتېتى ئېنگىلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1987-يىلى سەھىيە نازارىتىنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلىمىگە ئىشقا چۈشۈپ، 2000-يىلى خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ، مەخسۇس ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئىكەن. ھازىر شىزاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر تۈرىگە مەسئۇل ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى يۈننەن ئۆلكىسىدە بىر يىل تۇرۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىنى ئىشلىگەن بولۇپ، كىيىن يەنە گۇاڭشى، خېيلوڭجاڭ، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىگە مەسئۇل بولغان ئىكەن.
دىلبەر ياسىن ئاساسەن چەتئەلنىڭ جۇڭگودىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر نەچچە تۈرىنى ئىشلىگەن بولۇپ، 1995-يىلىدىن باشلاپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمىتى قىلىپ كىلىۋاتقان كەسپى بىلىملىرى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا تايىنىپ، شىنجاڭدا، بولۇپمۇ ئەيدىز كېسىلى كۆپرەك بولىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى ھېساپلىنىدىغان بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنى ئاچقان ئىكەن. بۇ ئەيدىز ئائىلىسىدە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسدىن مەخسۇس ئەيدىز كېسەللىكى بويىچە كەسپى دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللاردىن ھەر قېتىمدا ئون نەپىرىنى يىغىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ئەيدىز ئائىلىسىدە يەنە بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۆيى، كىتابخانا ئۆيى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلغان كىيىم-كېچەكلەر يىغىلغان ئۆي بارئىكەن. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىككى ئايال خىزمەتچى بولۇپ، بىر كۈندىن ئالمىشىپ ئىشلەيدىكەن. بۇ ئائىلىگە يىغىلغان يۇقۇمدار ئاياللار ھەر كۈنى چۈشلۈكى مۇشۇ ئۆيدە ھەقسىز بىر ۋاق تاماق يەيدىكەن. تاماقنى ئۇلار ئۆزلىرى ئىتىپ يەيدىكەن. تاماق ماتىرىياللىرىنى دىلبەر ياسىن خانىم تەييارلاپ بېرىدىكەن.


بۇ ئەيدىز ئائىلىسىگە يىغىلغان ئاياللار بۇ ئۆيدە روھى جەھەتتىن، پىسخىكا جەھەتتىن، سالامەتلىك جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشپلا قالماستىن، يەنە ماددى جەھەتتىنمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرۇلىدىكەن.
يول ماڭغانسىرى ئېچىلىدۇ. يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ. ئەيدىزنى چۈشەنگەندە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىشقا، ئەيدىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىققا ھەممەيلەن مەسئۇل بولغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ۋىروسقا قارشى داۋالىنىشقا كەسپى نۇقتىدىن قاراپ تولۇق ماسلاشقاندا، ئەيدىز قورقۇنۇچلۇق ئەمەس.
دىلبەر ياسىننىڭ بۇنداق كەسىپكە ئۆزىنى ئاتىغان، ئالىجاناپ، ئۇلۇغۋار روھىغا قانچىلىك ئاپىرىن ئېيتساق، ئالقىش ياڭراتساق ئەرزىيدۇ. چۈنكى، جەمىيىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى دېسە ھەممە يىراققا قېچىپلا قالماستىن، يەنە چەتكە قېقىپ كەمسىتىش ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولىۋاتقان ئەھۋالدا، بىر ئايالنىڭ يىگىرمە يىلدىن بۇيان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ساھەسىدە زور بەدەللەرنى تۆلەپ ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقى، يەنە نەچچە يۈز ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەر ئارىسىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىللە تاماق بىللە ياشاپ يۈرگەنلىكى ھەقىقەتەن قايىللىقىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ. شۇنداقلا، جەمىيىتىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى ئۆچ كۆرۈدىغان، روھى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ئۈلگىلىك ئەمەلىيەت بولالايدۇ.


دىلبەر ياسىن خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى قۇبۇل قىلىشتىكى سەۋەپى، تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ ئەيدىز ئائىلىسىدىن تېخىمۇ كۆپرەك ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ خەۋەر تېپىىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. دېمىسىمۇ، رايۇنىمىزدا ھەم خەلقىمىزدە نەچچە تۈمەن ئەيدىز يۇقۇمدارى بار. ئەنە شۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدىن ئىمكانىيىتى يار بەرگەنلەرنىڭ بۇ ئەيدىز ئائىلىسىگە يىغىلىپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى كوللىكتىپىگە ئايلانسا، ئۇلار تەربىيەلەنسە، غەمخورلۇق-كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشسە، ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى چۈشۈنۈپ ئىدىيە-پىسخىكىسىنى تاۋلاپ چىقسا، باشقىلار ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئەيدىز سەۋەپلىك قورقۇپ-چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمىسە، ئەيدىزنى ماڭا باشقىلار يۇقتۇرغان دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە ھەم جەمىيەتكە دۈشمەنلىك قىلىپ يۈرمىسە، بۇ ئائىلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلىرىنى نۇرمال ئوينۇتۇپ ھەم ئۆگىتىپ تەربىيەلەشنى ئۆگىنىۋالسا، جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىغا قانداق دورا ئىشلىتىشنى چۈشەنگەن بۇ ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانمايدىغان بالا تۇغۇشنى بىلىۋالسا... نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە! 

دىلبەر ياسىن خانىم بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولغانلار بۇ نومۇرغا تىلىفۇن قىلساڭلار بولىدۇ.  2311353-0991

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر