• يېڭى ماقالىلەر

جىنسىيەتنىڭ قۇللىرى ۋە ئەيدىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03


نۆۋەتتە جەمىيىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ جىنسى يوللاردىن تارقىلىش نىسبىتى باشقا تارقىلىش يوللىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە بولۇپ، ئەخلاقسىزلىق، نىكاھسىزلىق، پاھىشە-پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق پۇرسەتپەرەس، راھەتپەرەس، شەھۋەتپەرەس كىشىلەردىن ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرگەنلەرنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ كىشىلەر ئەيدىز دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما ئەيدىزنىڭ نەدە، قانداق يۇقۇدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئاشۇ كىشىلەر ئۇچرىغانلا ئادەمدە ئەيدىز بولۇشى ناتايىن، يۇقۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلايدۇ، خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئاددى كاللا بىلەن تەغدىرچىلىكتە، بىغەملىكتە يۈرۈيدۇ. ئەمما، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن خۇداغا نالە قىلىدۇ، جەمىيەتتىن ئاغرىنىدۇ، ئۆز قىلمىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ئىتتىرىدۇ، مۇشۇنداق توغرا بولمىغان پۇزىتسىيە بىلەن پۇشايمان قىلماقتا يوق، بەلكى جەمىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
ئۇلار ئادەم ھاياتىدا نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇدۇللۇق ياشايدۇ، ھاياتنىڭ قىممىتى توغرىلىق ئانچە ئويلاپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلاردا ئۆز-ئۆزىنى يىتەكلەپ كېتەلىگۈدەك ئۇلۇغ روھ، ئىلغار ئىدىيە، قىممەتلىك نىشان يوق، پەقەت، جىسمىنىڭ نەپىس-ئىستەكلىرىگە قۇل بولغان، شۇڭا روھى تېنىنى باشقۇرالمايدۇ، تېنى روھىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىممەت ئېڭى تۆۋەن، ھاياتلىق فىرىنسىپى ئېنىق ئەمەس ھالەتتە بولۇپ، ھاياتىدا قانداق رول ئېلىپ چىقسا ئەرزىگۈدەك ياشاشنى ئەمەلدە كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ ھەم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن بولۇشىغا ياشايدۇ، ئۆزى يۈزلەنگەن ئەھۋالنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئويلاپمۇ كېتەلمەيدۇ. باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دېگەننىمۇ ئويلىماق تۈگۈل، بېشىغا نېمە كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئويلىيالمايدۇ. مانا مۇشۇنداق، ھاياتىدا قىممەتلىك ئاڭ تۇرغۇزالمىغان، يەنى ھاياتىدا نېمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا توغرا بولغان، ھەممىدىن ئىلغار، مۇكەممەللەشكەن ئىدىيە-ئاڭغا ئىگە بولالمىغان كىشىلەر تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئۆزلىرىنى قوغداش چۈشەنچە-پۇزىتسىيەسىگىمۇ ئىگە بولالماي، ئۇرۇلۇپ-سۇقۇلۇپ يۈرۈيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، قالايمىقان مۇھىتلاردىن ئەيدىز يۇقۇپ قالارمۇ دېگەننىمۇ ئويلاپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار جىسمىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە قۇل بولغان بولۇپ، خۇددى ھاۋايى-ھەۋەسلەر ئۈچۈن تۇغۇلغان ئادەمدەك، جىنسى ئىستەككە ئىتتەك ئەگىشىپ كوچىمۇ-كوچا تىمىسقىلاپ يۈرۈيدۇ. ھاياتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەر ھاياتىنى ئەخمەق قىلىپ، ئىسراپ قىلىپ بىچارىلىق بىلەن ياشاشقا دۇچار قىلىدۇ. ئۇلار ھاياتىنى نىشان-پىلانسىز ھالەتتە گۈلدەك ياشاشقا باشلاپ ماڭالمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆڭۈل خوشى ئىزدەپ جىنسى بازارلاردا پالاقشىپ يۈرۈيدۇ. مۇشۇنداق بازارلاردا پالاقشىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا ئەيدىز دېگەن ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل يېقىن كەلمەيمۇ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تېنىغا يۇقۇملۇق ئەيدىز ھەرقاچان چاپلىشىشقا تەييار تۇرىدۇ. دېمەك، ئەيدىز مۇشۇنداق ئۆزىگە پەرۋا قىلمايدىغان جىنسى ئاچكۆزلەرگە، تويە مانا دېگەندەك ھوجۇم بىلەن ئۆزىنى سوۋغا قىلماقتا. ئىت-ئىشەك دېگەندەك ھايۋانلار قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ، ئەمما، ئادەملەردە نىكاھ مەدەنىيىتى بولغاچقا، ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، جىنسى قالايمىقانچىلىقتىن تارقىلىۋاتقان ئەيدىز ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى يوق دېگەندەك ھالغا چۈشۈپ قالغان مەدەنىيەتسىز ئادەملەر ئارىسىدا بازار تاپماقتا.
تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەم ئومۇملاشقان نىكاھ مەدەنىيىتى جىنسى قالايمىقانچىلىق ئالدىدا ھاقارەتكە ئۇچراپ، جىنسى تۇرمۇش بىلەن قائىدىلىك باغلانغان نىكاھنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ خىرىسقا دۈچ كېلىشى ئەيدىزنى كەڭ تارقىتىشقا سەۋەپ بولماقتا. شۇڭا، جىنسىي قالايمىقانچىلىق، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى، نىكاھنىڭ ئاجىزلىقى ھەم بۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى توغرىسىدا تەخىرسىزلىك بىلەن چوقان سېلىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر