بەدەنگە رەسىم-خەت چەكتۈرگەندە ئەيدىز يۇقامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 

بەدىنىنىڭ بىلەك، مۈرە، دۈمبە قاتارلىق ئورۇنلىرىغا ھەر خىل رەسىم، خەت چەكتۈرىۋالىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئاشۇلارنىڭ بەدىنىگە رەسىم-خەت چېكىپ قويىدىغان ھەر خىل ئورۇن ۋە ئادەملەر بولىدۇ. بەدەننىڭ بىر قىسىم ئورۇنلىرىغا رەسىم-خەت دېگەندەك نەرسىلەرنى چېكىدىغانلارنىڭ بەزىلىرى مەخسۇس كەسپى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بولسا، بەزىلىرى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىۋالغان، ھەتتا بەزىلەر ئۆزئارا چەكتۈرىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ يىڭنە-ئۈسكىنىلىرى بىلەن ئۆزىگە ئۆزى رەسىم-خەت چېكىۋالىدىغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپى سەۋىيەسى، مۇلازىمەت پۇزىتسىيەسى، ساغلاملىق چۈشەنچىسى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلەر بولغاچقا، مۇشۇ جەرياندا ھەر خىل خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، بەدەنگە رەسىم-خەت چەككەندە يىڭنە-ئۈسكىنىلەرنى ئالماشتۇرماسلىق، دېزىنفىكسىيە قىلماسلىق، يىڭنە-ئۈسكىنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىپ بىر-بىرسىگە رەسىم-خەت چېكىپ قۇيۇش بىلەن، قان ئارقىلىق يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزنى ئۆزئارا تارقالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بەدەنگە رەسىم-خەت چېكىشنىڭ تېخى تولۇق كەسىپلەشمىگەن، مۇنتىزىملاشمىغان ھالەتتىكى ئورۇن ۋە "ئۇستا"لىرى ھېلىھەم بار بولغاچقا، خالىغانچە چەكتۈرۈش ۋە چېكىۋېلىشنىڭ خەتىرىنى ئويلىمىساق بولمايدۇ.


ئەيدىز قان ئارقىلىق يۇقىدۇ. خۇددى زەھەر چەككەنلەرنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، ئارىدا بىرسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، شۇ ئورتاق ئىشلەتكەن ئىشپىرىس ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنى يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمىغاندەك، بەدەنگە خەت-رەسىم چەككەندىمۇ يىڭنە-ئۈسكىنىلەرنى ئورتاق ئىشلەتكەندە، ناۋادا بەدىنىگە خەت-رەسىم چەكتۈرىۋاتقانلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بولسا، ئەنە شۇ ئورتاق ئىشلەتكەن يىڭنە-ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق باشقىلارنى ئەيدىزدىن يۇقۇملانمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بەدىنىگە خەت-رەسىم چەكتۈرىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، بەزىلەر بىلسىمۇ ئاشكارىلاش كەمسىتىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن يۇشۇرۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش مەن بىلەنلا كەتمىسۇن دەپ، مۇشۇنداق يىڭنە-ئۈسكىنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان سورۇنلار ئارقىلىق باشقىلارغا قەستەن ئەيدىز يۇقتۇرۇش غەرىزىدە بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ بەدىنىگە خەت-رەسىم چېكىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق يىڭنە-ئۈسكىنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان مەشغۇلاتى ئارقىلىق كىشىلەر ئارا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ يىڭنە-ئۈسكىنىلىرىنى مۇشۇنداق ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىلمىشىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلسىمۇ، "خۇدايىم ساقلايدۇ" دەپ بىغەملەرچە ئويلاپ، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولماسلىقى مۇمكىن.
قىسقىسى، ئەيدىز بىلمەسلىك ھەم بىلىپ تۇرۇپ پەرۋا قىلماسلىق بىلەن يۇقۇملىنىش-تارقىلىش يۈزلىنىشىدە بولىۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەيدىزنىڭ ئېنىقلانغان ھەر خىل يۇقۇش يوللىرىغا سەگەك بولماسلىق ھەم ئەسۋاپ-ئۈسكىنىلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىككە تەلەپنى قاتتىق قويماسلىق بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر