• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز قىزنىڭ ئانىسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2018/06/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
ھەممەيلەنگە ئايانكى، ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. ئانىنىڭ شۇ قەدەر ئۇلۇغلىقىدىن ئەجداتلىرىمىز ‹‹ ئاناڭنى يۈدۈپ ھەرەمگە 10 قېتىم ئاپىرىپ ئەكەلسەڭمۇ ئۇنىڭ سىنى بىر قېتىم ئىمىتكەنچىلىك ھەققىنى ئادا قىلالمايسەن ›› دىگەن. دىمىسىمۇ بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە ئانىنىڭ رۇلى دادىنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بۇلىدۇ، چۈنكى ئانىنىڭ پەرزەنتلەر بىلەن بىللە بۇلدىغان ۋاقتى دادىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ . ھەي، لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس جەمىيىتىمىزدە يەنە بىر قىسىم ئانىلارمۇ بار ئىكەن، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى بىلەن چاتىغى يوق . ئۇلارنىڭ تىنىدە ئاشۇ باشقا ياخشى ئانىلارنىڭ تىندە بار بولغان بىر خىل ھۈجەيرە كەمچىلمۇ ياكى ئۇلار ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنىڭ نابۇت بۇلىشىنى خالامدىغاندۇ؟

بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ بىر خىزمەتدىشىم بىلەن بېليارت ئويناپ كېلىش ئۈچۈن كىتىۋېتىپ، ناھىيىمىزدىكى خېلە نامى بار بىر ئىسىل مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ قالدىم. ئۈتۈپ تۇرۇشىمىزغا مىھمانخانا ئىچىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئۇرۇشقان ئاۋاز چىقىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن خىزمەتدىشىم بىلەن بۇرۇلۇپ قاراپ قالدۇق، قارىسام بىر 22 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بىلەن بىر 45 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئىدى. ھەي نىمىشقىكىن ئۇ قىز مەن بىلەن تەڭ قۇرداش بولغاچقىمىكىن قىزغا ئىنچىكىلەپ قاراپ قاپتىمەن. تۇيۇقسىز ئۇ قىز كۈزۈمگە شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىنىپ كەتتى. دەرھال خىزمەتدشىمغا،
__ دىلشات ئاداش ھەي ئۇ قىزنى مەن تۇنۇيدىغاندەك قىلىمەن دىدىم، دىلشات ھەيرانلىق ۋە تەنە ئارلاش كۈلۈمسىرەپ،
__ ئەسقەر مۇنداقمۇ ئادىتىم بار دىگىنە، قارىسام ئۇ قىز ياخشى قىزلاردىن ئەمەستەك قىلىدۇ ، ھە..... ئەمدى بىلدىم نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سىنى نەگە يوقاپ كىتىدىكىن، تىلفۇن قىلسام مەن ئالدىراش دەۋىرىدىكىن دىسەم، ئەسلىدە مۇشۇ سىەتەڭلەر بىلەن بىللە بۇلىدىكەنسەندە ھە سەن شاپاق ....
__ بولدى چاقچىقىڭنى قويغىنە ، ئۇ مەن بۇرۇن ساڭا گىپىنى قىلىپ بىرىدىغان ھېلىقى تۇلۇقسىزدىكى ساۋاغدىشىمغا ئوخشاۋاتىدۇ. دىمىسىمۇ ئاشۇ تۇلۇقسىزدا ئۇقىۋاتقان مەزگىللىرىمدە مەندىن بىر سىنىپ تۆۋەن يىىلىقتا ئۇقۇيدىغان گۈلنۇر ئىسىملىك بىر تۇنۇشۇم بار ئىدى . ئىككەيلەن ئۇ ۋاقىتلاردا بەك ياخشى ئۈتەتتۇق . ئۇ ئىنتايىن شوخ ھەم بەك قىزغىن ئىدى . ئۇنىڭ مۇشۇ مىجەزىنى بەك ياخشى كۈرەتتىم. كىيىن مەن تۇلۇق ئوتتتۇردا يۇقىرلاپ ئۇقۇدۇم، لىكىن گۈلنۇر كىيىن تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا مەكتەپتىن ئايرىلىپ كەتتى ، ئۇنىڭغا يۇقىرلاپ ئۇقۇش توغرۇلۇق شۇنچە نەسىھەت قىلساممۇ لىكىن ئۇ ‹‹مەن يۇقىرلاپ ئۇقىيالمايمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاناممۇ بۇنىڭغا قۇشۇلمايدۇ ›› دەپ گىپىدە چىڭ تۇرۋالدى . كىيىن مەنمۇ بۇ ئىشنى قايتا تەكرارلاپ يۈرمىدىم . ئۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى تاماملاپلا جەمىيەتكە قەدەم قويدى ، لىكىن بىز پۇرسەت بولسىلا ئىزدىشىپ ئالاقىلىشىپ يۈردۇق .
مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇنىڭ بىر ئاچىسى ۋە بىر ئىنىسى بار بۇلۇپ ، ئانىسىمۇ ھەر خىل قاتار چايلارغا ئامراق ئۇيۇن خۇمار ئايال ئىدى ، توي-تۈكۈن ، ھەر خىل چايلارغا گۈلنۇر ۋە ئۇنىڭ ئاچىسىنى بىللە ئېلىپ باراتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن ئۇ ئىككى قىزدا كىچىك ۋاختىدىن باشلاپلا ، جەمىيەتكە بولغان بىرخىل ئىنتىلىش ، ھەر خىل ئۇيۇنغا بولغان بىر خىل توغرا بولمىغان قىزىقىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشۇ خىل ئىدىيە بىلەن جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىنكى ئەركىنلىك ئىدىيىسى بىرلىشىپ ئۇنى تېخىمۇ ئۇيۇنغا ئامراق بىر قىز قىلىپ قويغان ئىدى . كىيىن بىزنىڭ ئالاقىمىز بارغانچە قىسقىراپ بارغان ئىدى . كىيىن مەن تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ ، ئالى مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئالى بىلىم يۇرتىغا قەدەم قويدۇم . ھازىر ئۇقۇشۇممۇ پۈتۈپ يېڭى خىزمەتكە چىقتىم . شۇنداق قىلىپ مۇشۇ 5-6 يىلدىن بۇيان گۈلنۇرنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم . مانا بۈگۈن ئۇچرىتىپ قالدىم ، ھەم كىرىپ ئەگەر راستىنلا گۈلنۇر بولسا ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ چىققاچ زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باققۇم كەلدى .
__ ئاداش سەن تۇرۇپ تۇرە مەن كىرىپ چىقاي ، دەپ قۇيۇپلا كىرىپ كەتتىم ، كىرىپ قارىسام راستىنلا گۈلنۇرنىڭ دەل ئۈزى كىرىشىمگىلا ئۇ مىنى تۇنىۋالدى دە ،
__ ۋوي ۋوي ... بۇ ئەسقەرغۇ ، بارمۇ سەن ، دەپ گەپ باشلاپ كەتتى . مەنمۇ ھىچ بولمىسا ئۇنىڭ مىنى بۇنچە تىز ئىسىگە ئالالىغانلىقىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ئۇنىڭغا ،
__ مەن بار بار، ئۈزەڭچۇ ؟ بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟ بايا بىرەسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ ؟ دەپ سوراپ كەتتىم ، ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە ،
__ ھىچ ئىش يوق ، قانداق ۋاقتىڭ بارمۇ ؟ كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ، بىرە يەرگە بېرىپ بىردەم پاراڭلىشىپ كەلسەك ، دىدى . مەنمۇ ئويلانمايلا ماقۇل بارايلى دىدىم. دىلشاتقا ئىشىم چىقىپ قالدى ، باشقا كۈنى بىرگە ئوينىساق دەپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدىم . بىز مېڭىشىمىزغىلا ھېلىقى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرىشپ كەتكەن ئەر ۋارقىراپ تۇرۇپ ،
__ گۈلنۇر توختاپ تۇرە نەگە ماڭدىڭ ...... دەپلا كايىپ كەتتى ، گۈلنۇر بولسا كەينىگىمۇ قارىماي تۇرۇپ مەغرۇر قىياپەتتە ،
__ بۈگۈن مىنىڭ ئىشىم بار ، ئىشىڭ بولسا كىيىن تېلفۇن قىل ، دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئەگىشىپلا كەينىدىن چىقتىم .
__ نەگە بارمىز دىدىم . گۈلنۇرمۇ ئالدى تەرەپتىكى بىر ئولتۇراق رايۇنىنى كۆرسىتىپ ،
__ ئاۋۇ كۈرۈنگەن ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ئۈيۈم بار ، ئاچام بىلەن ئىكككىمىزلا ئولتۇرمىز ، ئۇ بۈگۈن كەلمەيدۇ، شۇ يەرگىلا بارايلى، دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈيىگە كىردۇق . كىرىپلا بىر قۇر سەپ سېلىپ چىقتىم ، ئۆينىڭ ئىچى خېلى ئاددىيلا ھەم ئازادە بىزەلگەن ، بىر ياتاق ئۆي ، بىر مېھمانخانا ، بىر ئاشخانا ۋە بىر تازلىق ئۆيىدىن تۈزۈلگەن ئىدى.
__ مۇشۇ ئۆيدە ئىككىڭلىلار تۇرامسىلەر ، مۇقىم ئۆيمۇ ياكى ئىجارىگە ئولتۇرامسىلەر ؟
__ ئىجارىگە ئولتۇرمىز . ئازادە ئولتۇرىۋەرگىن ، نىمە ئىچىسەن ؟ مەن سىرتقا چىقىپ ئەكىرەي ، دىدى .
__ بولدىلا ئاۋارە بولمىغىنە ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇساق بۇلدىغۇ ، دىدىم . ئۇ خاپا بۇلۇپ ،
__ بولدى تارتىنمىغىنە ، ھاراق ئىچەمسەن ؟ دىدى كەسكىنلا ، مەن سەل ھەيران بۇلۇپ ،
__ ئىچىمەن ، لىكىن ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئادەتتە بەك ئىچىپ كەتمەيمەن ، دىدىم .
__ ئۇنداق بولسا بۈگۈننى ئالاھىدە ئەھۋال دەپ قاراپ ئىچكىن ، چۈنكى مەن ساڭا بۈگۈن ھىچكىمگە دەپ بېرىپ باقمىغان ئىچكى سىرىمنى دىمەكچى ، سەن ئاڭلاشنى خالىساڭلا ؟ بولدى قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ نىمە ھاراق ئىچىسەن ، ياكى ئۆزەم بىلىپلا ئەكىرىۋېرەيمۇ ؟
__ ئاڭلاشنى خالايمەن ، ھە بوپتۇ بۈگۈن ئىچسەم ئىچتىم ، ئۈزەڭ بىلىپ ئەكىرىۋەرگىن . شۇنداق قىلىپ ئۇ تېلۋۇزۇرنى ئېچىۋېتىپ ، ماڭا تېلۋىزۇر كۈرۈپ ئولتۇرپ تۇرغىن ، مەن چىقپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى . مەن بىر تەرەپتىن كىنو كۆرگەچ ، بىر تەرەپتىن ‹‹ ھەي بۇ گۈلنۇر بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ باياتىنقى ئەر كىمدۇ ؟ ئۆزىنىڭ دادىسىدەك ئۇ ئەر بىلەن گۈلنۇرنىڭ زادى نىمە مۇناسىۋىتى بار ئىدۇ ؟ ›› دىگەن خىياللارنى قىلىۋاتاتتىم.
كىيىن گۈلنۇرنىڭ ‹‹ بەك ساقلىتىۋەتتىممۇ ئوماق ›› دىگەن گىپىدىن خىيالىممۇ بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى .
__ ياقەي ، ئاران ئۇچراشقاندا بۇنچىلىك ساقلىسام ھىچقىسى يوق ، نىمە بىرمۇنچە بىرنەرسىلەرنى ئەكىرۋېتىپسەنغۇ ؟ ، دىدىم مەن گۈلنۇرنىڭ قۇلىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ تۇرۇپ .
__ كېرەك يوق ، بۈگۈن سەندەك ئالاھىدە مىھماننى ئوبدان كۈتىۋالمىسام بولمايدۇ ، كىم بىلىدۇ سەل تۇرۇپ مىنىڭ ئۆتمىشىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەتىدىن باشلاپ مىنى كۆرسەڭ قېچىپ كىتەمسەن تېخى ، ھې ھې ......
__ يوق گەپ قىلمىغىنە گۈلنۇر ، مەن يەنىلا بۇرۇنقى ئەسقەر شۇ ، بۇرۇن سىنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسام ھازىرمۇ سىنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن .
__ لىكىن ئەسقەر ، مەن بۇرۇنقى ئاشۇ شوخ ، قىزغىن ، سىنى كۈلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇ گۈلنۇر ئەمەس . ھازىرقى گۈلنۇر بولسا مىجەزى ئۆزگەرگەن، كۈلەلمىسىمۇ مەجبۇرىي كۈلۈپ يۈرۈيدىغان ، ئۇلۇغ ئاللا ئاتا قىلغان پاك تىنى ئللىبۇرۇن نابۇت بولغان ، قىزلارغا خاس بولغان شەرمى-ھايانى يوقاتقان بىر قىز . يەنە تېخى ھازىر مەن ...... ، گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئۇھسىرغان ھالدا گىپىنى توختىتىۋالدى . ئارقىدىنلا يەنە ،
__ قالغان گەپنى سەل تۇرۇپ دىيىشەيلى ، كىلە ھارىقىمىزنى ئىچەيلى دەپ ، ئەكەلگەن نەرسىللىرىنى شىرەگە تىزىشكە باشلىدى ،
__ نىمە بولدى ساڭا ؟ گەپلىرىڭنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ ؟ ، دىدىم مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا قاراپ ،
__ سورىمىساڭمۇ مەن ساڭا بۈگۈن ھەممە گەپلىرىمنى سۆزلەپ بېرىمەن . ئالدىرماي تۇرە جېنىم ، دىدى ئۇ ھاراقنى قۇيىۋاتقاچ . نىمىشقىكىن ئۇنىڭ ھەر بىر گەپلىرىدىن ھەيران قېلىۋاتاتتىم . ئارقىدىنلا ئۇ قۇلىدىكى رومكىنى قۇلىغا ئېلىپ
__ ‹‹ شوخە ›› ئەسقەر ، كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستلارنىڭ قايتا ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن . ئۇ گىپىنى دەپلا رومكىدىكى ھاراقنى كۆتىرىپلا ئىچىۋەتتى ، مەن بىر گەپ قىلاي دىدىميۇ لىكىن گىپىمنى يۈتىۋەتتىم .
__ بارغانچە كىلىشكەن بۇپ كىتىپسەن جۇمۇ ئەسقەر ، بۇرۇنمىغۇ ئوماقتىڭ سەن ، دىگەچ قۇلىدىكى رومكىنى ماڭا تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى رومكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ،
__ ھازىرغىچە بىرە قىز ماڭا ھاراق تەڭلەپ باقمىغان ، چۈنكى مەن قىزلارنىڭ ھاراق ئىچىشىنى ئەڭ ياقتۇرمايمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ھاراق سۇرۇنىدا قىزلار بىلەن بىرگىمۇ ئولتۇرمايمەن ، ھەم قىزلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرىدىغان ئوغۇللارنى تېخىمۇ ياقتۇرمايمەن ، چۈنكى بىز ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قىزلىرىنىڭ بۇزۇلىشىغا تەڭ شىرىك بولماي ، ئەكىسچە ئۇلارنى قوغدىشىمىز ، خىلمۇخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يامان يولغا كىرىپ قالغان قىزلارنى ئاشۇ يولدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىشىمىز كېرەك . چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدە بىز ئوغۇللارنىڭ ئايالى ، باللىرىمىزنىڭ ئانىسى جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى بۇلدىغانلار . ‹‹ قىزلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ›› دەپ ئېيتقان بىر مۇتەپەككۈر . بايا سەن ھاراقنى قۇلۇڭغا ئالغان ۋاقىتتا ساڭا مۇشۇ گەپنى دىمەكچى ئىدىم، لىكىن نىمىشقىكىن ساڭا دىيدەلمىدىم ، ئەسلى ھەممىدىن بەكرەك سىنى توسسام ، ساڭا قىلچە ئىككىلەنمەي ‹‹ سەن ھاراق ئىچسەڭ بولمايدۇ ›› دەپ قۇلۇڭدىكىنى تارتىۋالالىسام توغرا بۇلاتتى ، چۈنكى بىز ياخشى دوستلاردىن ئىدۇق . لىكىن باياتىن سىنى كۈرۈپ ، بەزىبىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان گەپ-سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ ، ئىچىڭنىڭ نۇرغۇن دەرتكە تولغانلىقىنى ، بېشىڭدىن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، شۇڭا ئالدىراپ سىنى توسىيالمىدىم . ھەي .... بولدى، باياتىن جېق گەپ قىلىۋەتتىم ، مەن ھاراقنى ئىچىۋېتەي ، قالغان گەپلىرىڭ بولسا سەل تۇرۇپ ئاڭلامەن .
__ كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، دەھشەت گەپ قىلىۋېتىدىغان بۇپ كىتىپسەن جۇمۇ! گىپىڭنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئىرىمەي قالمىغىدەك ، ھەي ... ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا ، دادامغا دەپ ساڭىلا ياتلىق بۇلىۋالاركەنمەن. ھې ھې ... مىنى ئالامتىڭ؟ چاق - چاق قىپ قويدۇم ھە ، ماڭا ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى .
__ نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟ سەن شۇنچە چىرايلىق تۇرساڭ ، مىجەزىڭمۇ شۇ قەدەر ئۇچۇق ، پەقەت ئۇيۇنۇڭنى تاشلىساڭلا ، مۇشۇ ئادەمنى زەئىپلەشتۈردىغان نىجىس ھاراقتىن يىراق تۇرساڭلا ، سىنى ئالىمەن دەيدىغان ئوغۇللار جېق جۇمۇ ، دىدىم مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت سۈپىتىدە .
__ ھەي ئەسقەر سەن تېخى چۈشەنمەيسە ، مەن ئاۋال قۇلۇمدىكىنى ئىچىۋېتەي ، ئاندىن ساڭا بىر - بىرلەپ دەپبېرەي ، دىدى ئۇ ۋە رومكىدىكى ھاراقنى يەنە بىر كۆتىرىپلا ئىچىۋەتتى . ئارقىدىن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ، ئۇنى چەككەچ گىپىنى باشلىدى .
__ ھەي ئەسقەر ، بايا سەن توغرا گەپ قىلدىڭ ، دىمىسىمۇ ھازىر نۇرغۇنلىغان قىزلار مۇشۇ ئوغۇللار تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كەتتى . لىكىن، ئەسقەر مىنى بۇزغان سەن دىگەن ئاشۇ ئوغۇللار ئەمەس ، بەلكى دەل مىنى تۇغۇپ ، ئۆز سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىغان ئانام بۇلىدۇ . بۇنداق دىسەم ھەيران قالدىڭ ھەقاچان ؟ سەنمۇ بىلىسەن بۇرۇن ساڭا ئانامنىڭ ئىشىنى ئانچە-مۇنچە سۆزلەب بەرگەن ، ئەمدىلىكتە ئويلىسام مىنىڭ مۇشۇ ئاقىۋەتكە چۈشۈپ قېلىشىمغا ئەينى چاغدىكى ئانامنىڭ مىنى ئاشۇ توي-تۈكۈن ، قاتار-چايلارغا بىللە ئېلىپ بېرىشى ، كەچ قالساق سىرتتىن ياتاق ئېلىپ قۇنۇپ قېلىشىمىز سەۋەب بۇلۇپتىكەن . كىيىن بىلسەم ئانام بىز تۇغۇلماس چاغلاردىلا ئاشۇنداق سىرتلادا ئويناپ يۈرۈيدىكەنتۇق ، دادام ئۈزى ياۋاش ئادام بولغاچقا ئانامنى گەپكە كىرگۈزۈپ بۇلالمايدىكەنتۇق ، ئانام بولسا بىر كۈنى ئۇنى ، بىر كۈنى بۇنى بانا قىلىپ دائىم سىرتلادا يۈرۈيدىكەنتۇق . ھەي ، ئەسقەر ساڭا دىسەم ئانام بىز بالىلارنى ئىمىتىپ قويغاندىن باشقا قىلچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈپ باقمىدى، بارلىق جاپانىڭ ھەممىسىنى بىچارە دادامغا قالاتتى،
مەن چوڭ بۇلۇپ ئەقلىمنى بىلگىچە ئانامنىڭ بىز بىلەن بىللە بۇلۇپ باققىنى ساناقلىقلا كۈنلەر. كىيىن ئەقلىمنى بىلگەندىن كىيىن ، ئانام دادامغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ۋە خوشنىلارنىڭ تاپا-تەنىللىرىدىن ، ئەنسىرەپ سىرتلاغا چىقماقچى بولسا مىنى ۋە ئاچام ئىككەيلەننى بىرگە ئېلىپ چىقىدىغان بولدى . كەچ قالساق سىرتلادا قۇنۇپ قالاتتۇق . دادام سورىسا ، ئاپام دادامنى ئالداپ ، بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئۈيىدە قۇنۇپ قالدىم ، بىر كۈنى ئاچامنىڭ ئۈيىدە قۇنۇپ قالدىم دەپ دادامنى ئالداپلا يۈرەتتى ، ھەقاچان دائىم سىرتلارغا نەگە باردىغانسىە دىيىشىڭ مۇمكىن، ساڭا دسەم مەنمۇ بۇرۇن ئانامنى سىرتلاغا چىقىپ نەگە باردىغاندۇ دەيتتىم كىيىن مەنمۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن بىلدىم. ئەسلىدە ئانام سىرتلادا دادامدىن يۇشۇرۇن ئاشنا ئويناپ يۈرۈيدىكەن. ئاشنىسى پۇل بەرسە ئانام نىمە دىسە شۇنى قىلدىكەن . ھەي تۆۋە ... ئەسقەر ، بىر قېتىم ئانام بىزنى باشلاپ دادامغا باللارنى تويغا ئاپىرىپ ئەكىلەي دەپ قۇيۇپ ، بىزنى ئېلىپ چىقتى ، كىيىن نەگە ئاپاردى دىمەيسە؟ ئەسلى ئۇ كۈنى ئانامنىڭ ئاشنىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنتۇق ، ناھىيىمزدىكى بىر ياشلار كۆپرەك كىردىغان ‹‹KTV›› غا ئېلىپ كىردى . مەن ئىلگىرى بۇ يەلەرگە كىرىپ باقمىغان ، شۇڭىمىكىن ماڭا باشقىچىلا يېڭىلىق بىلىنىپ كەتتى . بەلكىم كىچىكلىكتىن بولسا كېرەك ، ئانامنىڭ شۇ ئىشلىردىن نەپرەتلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى ئىدىم . دوستلىرىمغا ‹‹ مىنىڭ ئانام بەك ياخشى ، مىنى كۆپ جايلارغا ئويناتقىلى ئاپىرىدۇ ›› دەپ ماختىناتتىم . شۇنداق قىلىپ مەن ۋە ئاچام ئانام بىلەن بىرگە كىردۇق ، كىم بىلىدۇ دەيسە ئىچىدە ياش پەرقى ئوخشىمىغان ، قىز-ئوغۇللار بۇلۇپ 20~30 دە ئادەم بار ئىكەن . دادامدەك ئەرلەر بىلەن ئاچامدەك قىزلار تانسا ئويناپ يۈرگەن ، قىز - ئوغۇل دىمەي ھەممىسى ئوخشاشلار ھاراق ئىچىپ يۈرگەن ، يەنە باشقا ئىشلارنى دىمىسەممۇ ، سەن چۈشۈنۈپ بولدۇڭ ھەقاچان .
بىز كىرىشىمىزگىلا ئانامدىن 5~6 ياش كىچىك بولغان بىر ئەر كىشى ئانامنى چاقىرىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى ، ئانام بىزنى 25 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا ھېلىقى ئەر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى ۋە بىردەمدىلا ئىككىسى ئىرماش-چىرماش بۇپ كەتتى . كىيىن ئانام بىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ،
__ بۇلار بولسا مىنىڭ سىڭىللىرىم ، چوڭىنىڭ ئىسمى دىلنۇر ، كىچىكىنىڭ ئىسمى گۈلنۇر ، چىقىشىپ ئۈتەسىلا ، دىدى . يېنىمدا ئولتۇرغان ئوغۇل بالىنىڭ بىرسى ئانامنىڭ گىپىگە ئۇلاپلا ،
__ خاتىرجەم بولۇڭە گۈلنىسا ھەدە ، بۇنچىلىك ئوماق سىڭىلىللىرىڭىزنى بىزگە تاپشۇرغاندىن كىيىن ، بىز ئەلۋەتتە ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمىز . دىدى ، سەت ھىجىيىپ تۇرۇپ . مەن بۇ گەپلەردىن بىرخىل غەلىتىلىك ھىس قىلىپ ئولتۇراتتىم ، ‹‹ ئانام بىزنى نىمىشقا سىڭىللىرىم دەپ تۇنۇشتۇردىغاندۇ ؟ ھەجەپ بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا بىر يات ئەر كىشى بىلەن بىللە بۇلۇپ كەتتىغۇ ›› دىگەن خىياللارنى قىلىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز ئانامنىڭ گىپى خىيالىمنى بۇزىۋەتتى ،
__ ئەخمەت بولدى قىلە ، مىنى ئاچا دىمىسەڭمۇ بۇلىۋېرىدۇ ، بۇنداق دىسەڭ مىنى قېرى كۈرۈپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىكىنمەن . مەن بىلەنلا بولماي سىڭىللىرىمنى ئوبدان كۈتكىنە ، ئۇلار بۇنداق سۇرۇنلارغا كىلىپ باقمىغان ، سەل خىجىل بۇلۇپ قالدى ھەقاچان . ھەي ... ئانامنىڭ بۇ گەپلىردىن ھەقىقەتەن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ ئولتۇراتتىم . ھەم قېشىمدا ئولتۇرغان ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنىڭ ئەخمەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم . نىمىشقىكىن ئاچام بولسا بىر خىللا كەيپىياتتا ئولتۇراتتى . بۇندىن بۇرۇنمۇ ئانام مۇشۇنداق سۇرۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارغان بولسا كۈنۈپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . شۇ ۋاقىتتا ئانامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئۇ ئەر كىشى ئورنۇدىن تۇرۇپ گەپ باشلاپ كەتتى ،
__ دوستلار ، ئەمسە بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممەيلەن بۇ يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپتۇق ، ھەممىڭلانىڭ كەلگىنىگە كۆپ تەشەككۈر ، ئەڭ مۇھىمى ، ئەڭ سۈيۈملۈك مۇھابىتىم بولغان گۈلنىسانىڭ ئىككى ئوماق سىڭلىسىمۇ يىغىلىپ ئولتۇرۇپتۇ ، مەن بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن خۇشال . دەپ قۇلىدىكى ھاراقنق ئىچىۋەتتى . كەينىدىن ھاراقنى ئانامغا سۇندى ، ئاناممۇ بىزگە قاراپمۇ قويماستىن ، كۈزىنى مىدىرلىتىپمۇ قويماستىن
ئۇمۇ گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى ، شۇنداق قىلىپ رومكا ئايلىنىپ ئاچام بىلەن ئىككىمىزگە كەلدى ، ئاچام بىلەن ئىككىمىز ئوخشاشلا ‹‹ئىچمەيمىز›› دەپلا
رەت قىلدۇق . ھاراق قۇيغان ھېلىقى ئەر ، ئانامنىڭ ئاشنىسى ‹‹ ئىچىۋېرىڭلار ، ئاغزىڭلىغا ئالساڭلىلا ئۈتۈپ كىتىدۇ ، ئۈزەڭلارمۇ كۆردۈڭلار ئاچاڭلارمۇ ئىچىۋەتتى ، ياخشى بالىلار ئاچىسىنى دوراش كېرەك ھە ›› دەپ بىزگە قۇلىدىكى ھاراقنى زورلاۋاتاتتى ، ھەي ... ئەينى ۋاقىتتا بىزنى ئۆز سۈتى بىلەن ئىمىتىپ چوڭ قىلغان ئاناممۇ ئەمدىلىكتە بىزنى ئاشۇ نىجىز ھارقنى ئىچىشكە زورلاۋاتاتتى ، ھەم تېخى ‹‹ خاتىرجەم بۇلۇڭلار داداڭلارغا دەپ قويدۇم بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتمىساقمۇ بۇلىدۇ ›› دەۋاتاتتى . شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بولماي ئاچام ماڭا ‹‹ ئىچە بولدى ئىچىۋېتەيلى ، كىلەر قېتىمدىن باشلاپ ئىچمىسەك بۇلار ›› دىدى ، شۇنىڭ بىلەن 17 ياش ۋاقتىمدا تۇنجى رومكا ھاراقنى ئىچىشىم . كىيىن شۇنداق قىلىپ ئىچىۋېرىپ بىردەمدىلا مەس بۇلۇپ كەتتىم . ھەي ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ھېلىقى ئەخمەتنىڭ ئاغىنىسى بىلەن بىر ياتاقتىن قۇپۇپتىمەن ، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چۈچۈپ كەتتىم .
__ سىز كىمۇ مەن قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىم ، ئانام قېنى ، ئاچام قېنى ، ئۇلار نەگە كەتتى .
__ كىچىك ئاچىڭىز ياندىكى ياتاقتا ، ئانام دەيسىز قايسى ئانىڭىزنى دەيسىز ؟ ، شۇ ۋاڭىتتا ئاخشام ئانامنىڭ بىزنى سىڭلىم دەپ تۇنۇشتۇرغىنى ئىسىمگە كىلىپ دەرھاللا ،
__ شۇ چوڭ ئاچامنى دىمەكچى ، ئۇنى ، مەن بەزى ۋاقىتتا ئانام دەپمۇ چاقىرىپ قۇياتتىم . دىدىم.
__ ھە ، ئۇ ئاچىڭىز ئاخشام سىلەرنى بىزگە تاشلاپ قۇيۇپ، ئۈزى ئاخشامقى ھېلىقى مۇھابىتى بىلەن بىرگە كەتكەن ، سەل تۇرۇپ تېلفۇن قىلارمىكىن ، سىز ئەنسىرمەڭ ، سەل تۇرۇپ دىلنۇر ئاچىڭىز بىلەن ئەخمەت ئككىسى چىققاندىن كىيىن ، بىز بىرگە چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى ، ئاندىن بىرە يەرگە بېرىپ ئويناپ كېلەيلى، ھەراس مىنىڭ ئىسمىم ياقۇپ تۇنۇشۇپ قالايلى ، دىدى . مەن ‹‹ ھە ›› دىگەندىن باشقا گەپ قىلمىدىم . ياقۇپ ماڭا تېلفۇزۇرنى ئېچىپ بېرىپ ئۈزى مۇنچىغا كىرىپ كەتتى . مەن كىنو كۈرۈپ كۈرۈپ ئولتۇراتتىم ، نىمىشقىكىن ئۈزەمچە بىرخىل بىئارام بۇلۇپ ، دوۋسۇن تەرىپىم توختىماي ئاغىرىۋاتاتتى . ھەي كىچىكلىكتە ... ئاغرىشنىڭ سەۋەبىنى ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ سەۋەبىمىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن . ھەتتا ئۈزەمنىڭ ، جۈملىدىن بىز قىزلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامانىتى بولغان قىزلىقىمدىنمۇ مەھرۇم بولغانلىقىمنى ئويلاپ يېتەلمەپتىمەن . شۇ خىياللارنى قىلىۋاتقىندا ئىشىك چىكىلدى ، ئىشىكنى چەككەن ئاچام ئىدى ، ھەي ، ئۇ ماڭا قارىغاندا خۇشال كۈرىنەتتى . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،
__ قانداق ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسەنمۇ ؟ بىرە ئىش يوقتۇ .........؟
__ شۇ ئاخشام قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگە كىرىپ قىلغىنىمنىمۇ ئۇقمايمەن ، بىر ئۇخلاپ قوپسام ھازىر ئويغاندىم، سەنچۇ قارىسام خۇشال كۈرىنىسەن ،خۇددى بىرەسى پۇل بەرگەندەك . ھەراس قانداق ئىش يوقتۇ دەيسەن ؟ گىپىڭنى چۈشەنمىدىم .
__ توغرا دەيسەن ، ئەخمەت پۇل بەردى ، يەنە كىلىپ خېلە جېق بەردى دىگىنە . ھەي سەن كىچىكتە سىڭلىم ، شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭ ، ئاخشام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولمىغانسەن دەۋاتىمەن ؟
__ ئۇخمايمەن ، ئاخشامقى ئىشنىڭ ھىچقايسىسى ئىسىمدە يوق ، ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرسام ، دوۋسۇنۇم بەك ئاغرىپ كەتتى . ئاچام بۇ گىپىمنى ئاڭلاپلا يوتقاننى تارتىشتۇرۇپ كەتتى . كىرلىكنىڭ ئۈستىدە ئازراق يەردە قان دېغى تۇراتتى ، ئاندىن ئۆزەمنىڭ قىزلىقىمدىن ئايرىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
ئاچام مىنىڭ قان دېغىنى كۈرۈپ خىيالغا پېتىپ كەتكىنىمنى كۈرۈپ ،
__ بولدى جېق ئويلاپ كەتمە سىڭلىم ، قىزلىقىنى يوقاتقانغا ھىچنىمە بولمايدۇ ، بۈگۈن بولمىسا كىيىن ھامان بۇلىدىغان ئىش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايا ئاناممۇ شۇنداق دەيدۇ ، ئانام بۇنداق قىلىپ يۈرگەن يەردە ، بىز نىمىدىن ئەنسىرەيمىز . دىدى .
__ قارىغاندا سەن ئانام بىلەن كۈرىشىپسەندە ، ئۇ نەدىكەن ؟
__ توغرا كۈرۈشتۈم ، ئۇ بايا ئۇخلاۋاتسام ئەخمەتنىڭ تىلفۇنىغا تېلفۇن قىپتىكەن ، ئۇ ئاخشام ھېلىقى ئەر بىلەن بىرگە قۇنۇپ قاپتۇ . يەنە ماڭا‹بۈگۈن كەچتىمۇ ئۆيگە قايتمايمىز ، داداڭلارغا دەپ قويدۇم . سىڭلىڭ بىلەن ھېلىقى باللار بىلەن بىرگە ئويناپ تۇرۇڭلار ، بىز كەچتە كۈرۈشىلى ، دەيدۇ . ئاچام شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ، ياقۇپ مۇنچىدىن چىقىپ قالدى . ئۇ چىقىپلا ،
__ ياخشى قوپتىڭىزمۇ دىلنۇر ، ئەخمەتچۇ ؟ ئۇ تېخىچە ئۇخلاۋاتامدا ؟
__ ياقاي ، ئۇمۇ ئورنىدىن بالدۇرلا تۇرۇپ بولغان ، ئۇمۇ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى بولغاي ، ئاچام شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ، ئەخمەتمۇ كىرىپ كەلدى ، ئاخشام چىراقنىڭ نۇرىدا سەپ-سېلىپ قارىماپتىكەنمەن ، ئەسلى بۇ ئىككىسىمۇ خېلە كىلىشكەن بالىلاردىن ئىدى . ئەخمەت بولسا 25 ياشقا ، ياقۇپ بولسا 22 دىن ئاشقان بالا ئىدى . شۇنداق قىلىپ تۆتەيلەن ياتاقتىن چىقتۇق ، ئۇ ۋاقىتتا سائەتمۇ 12 لەر بۇلۇپ قالغا ئىدى ، بىز ئاۋال بىر ئاشخانىغا كىرىپ چۈشلۈك تاماق يىدۇق . ئاشخانىدىن چىقىپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ، بىر تورتخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق ، ئۇلار يەنە ھاراق ئەكەلدى ، بىز ئىچمەيمىز دىسەكمۇ ، ئۇلار يەنە زورلىغىلى تەگدى ،
__ ھازىر بېشىڭلار ئاغىرىۋاتىدۇ ھەقاچان ، بۇنى ئىچىۋەتسەڭلار ياخشى بۇلۇپ قالىسىلەر ، شۇنداق قىلىپ ئاخشام كېلەر قېتىم ئىچمەيلى دىگەن ئاچام ئەمدىلىكتە مەندىن بۇرۇن رومكىنى قۇلىغا ئېلىپ ، ئىچە سىڭلىم ، ئەمدىلىكتە ئىچمەي نىمە ئامال ،دىدى . شۇنداق قىلىپ، يەنە ھاراق ئىچىشكە باشلىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇلار بىزگە تاماكىسىنى تەڭلىدى ، دەسلەپتە ئاچام ھىچ ئىككىلەنمەيلا تاماكىنى قۇلىغا ئالدى . ئاچامنىڭ زورلىشى بىلەن مەنمۇ قۇلۇمغا ئالدىم ، يۆتىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇ تاماكىنىمۇ چىكىپ تۈگەتتىم .
شۇنداق قىلىپ بىر مەھەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ، تۇيۇقسىز ئەخمەتكە تېلفۇن كەلدى ، تېلفۇننى ئانامنىڭ ھېلىقى دوستى بەرگەن ئىدى ، ئۇ بىزنى ئېلىپ بىر مۇزىكىلىق كۇلۇبقا كىلىش ئۈچۈن تېلفۇن بەرگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەردىن چىقىپ تاكسى تۇسۇپ ، شۇ يەرگە قاراپ ماڭدۇق . بىز باردىغان بۇ جاي ناھىينىڭ سەل سىرتىدا بۇلۇپ ، مەن ئىلگىرى خېلە كۆپ قېتىم بۇنداق جايلارغا كەپ باققان بولساممۇ ، لىكىن بۇ يەرگە كەپ باقماپتىكەنمەن . ئىچىمدە ‹‹ بۇ قانداق جايدۇ ئەمدى ، ئىچىگە قايسى خىلدىكى كىشىلەر كىردىغاندۇ ؟›› دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ كىتىپ باراتتىقم . ئاخىرى بىزمۇ يىتىپ كەلدۇق . بۇ ھەقىقەتەن بىر ئۆزگىچە ، سىرلىق بىر جاي ئىكەن ، تاغنىڭ ئىچدە بۇلۇپ ، بۇ بىر ساياھەت رايۇنى ئىدى ، بۇ يەرگە مەنمۇ ئىلگىرى دادام-ئاپاملار بىلەن بىرگە كىلىپ باققان ، لىكىن بۇ يەردە يەنە بۇنداق جاينىڭمۇ بارلىقىنى راستىنلا ئويلىماپتىكەنمەن .
__ ئەسقەر بەلكىم سەنمۇ بېرىپ باققانسە ئۇ جايغا ؟
__ مەن تاغقا چىقىپ باققان ، لىكىن مۇزىكىلىق كۇلۇبقا كىرىپ باقمىغانتىم . شۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئاشۇنداق جاينىڭ بارلىقىنى ، شۇنداق قىلىپ ئىچىگە كىردىڭلىمۇ ؟ ئىچى قاندىغاراقكەن دىگىنە ؟ دىدىم مەن گىپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملىق ئاڭلاش مەقسىتىدە . گۈلنۇر تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ، گىپىنى داۋاملاشتۇردى .
__ ئىچىگە كىرسەم ئىچى مىنى تېخىمۇ ئويغا سېلىپ قويدى ، ئىچىدىكىلارنى كۆپىنچىسى ياشتى بىر قەدەر چوڭ كىشىلەر ئىدى، بەزى جوزىدا يېشى بىر قەدەر چوڭ ئەرلەر بىلەن كىچىك قىزلار ئولتۇرغان بولسا ، يەنە بەزى جوزىدا 40 ياشلاردىن ئاشقان ئەر ئاياللار ئولتۇرۇپ غەلىتە ئاۋازلارنى چىقىرىپ كۈلۈشۈپ ، ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇراتتى . بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى بۇ ئەر - ئاياللارنىڭ ھەقىقىي قانۇنلۇق ئەر - ئايال ئەمەسلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋاتاتتى . شۇ دەقىقىدە ئانام بىزنىڭ ئالدىمىزدا كىلىپ قالدى ، دە ئۆزى ئولتۇرغان جوزىغا باشلاپ ماڭدى . ئۇلار ئالدىدىكى بىر جوزىدا ئولتۇرغان
ئىدى . سۇرۇندا يەنە ئانام بىلەن ياش پەرقى تەڭ بولغان بىر ئايال يەنە بىر 30 ياشلاردىكى بىر ئايال ۋە 40 ياشلاردىكى 3 ئەر كىشى بار ئىدى . مەن ياقۇپ بىلەن بىر يەردە ، ئاچام ئەخمەت بىلەن بىر يەردە ئولتۇردۇق . بۇ سۇرۇندىمۇ يەنە ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ، سۇرۇندىكى ئەر-ئايال ھەممىسى ئىچىۋاتقان بۇلۇپ ، بىر-بىرى بىلەن چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىدى . ھەر قايسى جوزىلارغا سەپ سېلىپ ئولتۇرۇپ ، تۇيۇقسىز بىزدىن 2 جوزا نېرىسىدا ئولتۇرغان بىر ئايال كۈزۈمگە ناھايىتى تۇنۇش بىلىنىپ كەتتى ، سىنچىلاپ قارىسام ، سەنمۇ بىلىسەن ھەقاچان مىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇردىكى سىنىپ
مەسئۇلۇم ئايگۈل مۇئەللىم ئىدى ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا 7~8 ئەر-ئاياللار بىرگە ئولتۇرغان ئىدى ، مەن ئايگۈل مۇئەللىمنىڭ يولدىشىنى تۇنۇيتۇم ، لىكىن ئۇ سۇرۇندا ئۇنىڭ يولدىشى يوق ئىدى ، ئۇلارنى ئاجىرشىپ كەتكەن بولسا بۇ يېنىدىكى ئەر ئۇنىڭ كىيىنكى يولدىشىمىدۇ يە ، دەپمۇ ئويلىدىم ، لىكىن 3~4 كۈن بۇرۇن مەن ئايگۈل مۇئەللىمنى باللىرى ۋە يولدىشى بىلەن بىرگە كىتىپ بارغىنىنى كۆرگەن ئىدىم ، شۇڭا بۇ ئەرنى مەن ئۇنىڭ ئاشنىسىكەن دەپ جەزىملەشتۈردۈم ، چۈنكى ئۇ ئىككىسىمۇ ئاللىبۇرۇن بىر-بىرىگە چاپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايگۈل مۇئەللىممۇ ئاللىبۇرۇن مەس بۇلۇپ كەتكەن ئىدى . ھەي ئەسقەر ، مىنىڭ مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمدا پەقەت مەنلا ئەيىبلىكمۇ ؟ ئويلا ئەسقەر ، بىز بالىلار ئادەتتە ئۆيدە بولسا ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيسى، مەكتەپتە بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسى ، جەمىيەتتە بولسا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا چوڭ بۇلىمىز ، بىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى ياكى يامان كىشىلەردىن بۇلۇپ چىقىشىمىزغا باياتىن تەكىتلەپ ئۆتكەن ھەرقايسى ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . مانا مەن مۇشۇ ئامىللارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان كىشى ، ئۆيدە بولسا ئانام بىزنى مۇشۇنداق قالايمىقان بولغان جەمىيەتكە باشلاپ كىردى . مانا ئەمدىلىكتە ئەينى ۋاقىتتا بىزنى كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلۇڭلار ، دەپ تەربىيەلەرنى بەرگەن ئوقۇتقۇچۇممۇ مۇشۇنداق يولدا مېڭىۋاتسا ، ماڭا نىمە ئامال دەيسەن ؟
__ گۈلنۇر ، سەن كۆرگەن ئۇ زادى قايسى مۇئەللىمكەن ؟
__ بولدى قىل ئەسقەر ، ئەڭ ياخشىى سورىما ، شۇنداق قىلىپ گىپىمنى داۋاملاشتۇرسام ، كىيىن بەك مەست بۇلۇپ كىتىپتىمەن ، ئۇنىڭ ئىچىدىن قانداق قىلىپ چىقىپ كەتكىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، ئەتىسى يەنە شۇ مېھمانخانا ئىچىدىن قۇپۇپتىمەن . قېشىمدا بولسا ياقۇپ تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپتۇ ،
__ ئويغاندىڭما ؟ ، ئەمدىلىكتە ئۇ مىنى سەن دەپ ئاتىغانىدى ، لىكىن مەن غەلىتىلىك ھىس قىلساممۇ ، لىكىن ئانچە ئېغىر ئېلىپ كەتمىدىم .
__ ھەئە ، ئويغاندىم . ئۆزىڭىزچۇ بالدۇرلا تۇرىۋاپسىزغۇ ؟
__ ھەشۇ ، بالدۇرلا ئويغۇنۇپ كەتتىم ، تىز كىيمىڭنى كىيە ، تاماق يەپ چىقايلى
__ ماقۇل ، شۇنداق قىلىپ بىز مېھمانخانا ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى چىقتۇق ، تاماق چىققىچە ئۇ ماڭا ،
__ گۈلنۇر ، بۈگۈن ھەقاچان ئىككى ئاچاڭ ئۆيگە چىكىتىشى ، ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بۇلىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇگۈن ئىككىمىز يالغۇز چۈگىلەيلى . ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى . بۇلامدۇ جېنىم ؟
__ ماقۇل ، ماڭا دەيدىغان نىمە گىپىڭىز بار ئىدى ؟
__ ئاۋال تاماق يەپ بۇلايلى ، ئاندىن كىيىن سىنى بىر يەرگە باشلاپ بارىمەن ، شۇ چاغدا بىلىپ قالىسەن .
__ ماقۇل . بۇنىڭ ماڭا دەيدىغان نىمە گەپلىرى بار ئىدۇ ؟ ئۇ ماڭا ئىككىمىز بۇندىن كىيىن ئالاقىلاشمايلى دىمەيدىغاندۇ ھە ؟ ھەي راست گەپنى ئېيتسام ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۈم يوقتى . مۇشۇ خىياللىرنى قىلىۋاتقاندا مۇلازىمەتچىنىڭ تاماقنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇشى بىلەن خىيالىم بۇزۇلۇپ كەتتى . بىز تامىقىمىزنىمۇ يەپ بولدۇق ، مەن ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئارقىسىدىن ماڭدىم . ئۇ مىنى ئۆيىگە باشلاپ ئەكەلدى . ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق ياخشى بىزەلگەن بۇلۇپ ، بۇ ئۆيدە بەزى ۋاقىتتا ياقۇپنىڭ دوستلىرى كىرگەننى ھىسابقا ئالمىغاندا ، ئۇ ئۈزى يالغۇز تۇردىكەن .
__ ھەي سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزچۇ ؟ ئۇلار نەدە تۇرىدۇ ؟
__ ئۇلار ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىدۇ ، بەزىدە مەن بارىمەن ، بەزىدە ئۇلار كىلىدۇ ، شۇڭا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن بىللە بۇلۇپ بۇلالمايمەن . ئۇلار مىنى ئۈرۈمچىگە كىلىپ بىز بىلەن بىللە تۇر دەيدۇ ، لىكىن مىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۇرغۇم يوق .
__ نىمە ئۈچۈن ئەمدى ؟ بۇ يەردە ئۈزىڭىز يالغۇز تۇرۇپ ئۇلارنى سېغىنمامسىز ؟
__ سېغىنىشنى سېغىنىمەن ، لىكىن مەن يەنىلا مۇشۇ يەرنى ياقتۇرىمەن ، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مانا ساڭا يۇلۇقۇپ قالدىم . ئەمدى تېخىمۇ بارمايمەن . بېرىشقا توغرا كەلسىمۇ ، كىيىن سەن بىلەن توي قىلىپ سەن بىلەن بىللە كىتىىمەن .
__ مەن قاچان سىزنىڭ توي قىلىش تەكلىپىڭىزگە ماقۇللۇق بىلدۈردۈم ؟ ، كۈڭلۈمدىكىنى دىسەم ،مەن ياقۇپنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان بولساممۇ ، لىكىن ئانچە خاپا بۇلۇپ كەتمىدىم ، بەلكىم مەنمۇ ئۇنى راس ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەن . شۇ ئارلىقتا ياقۇپ ياندىكى ئۆيگە چىقىپ بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ كىردى ، ۋە
__ گۈلنۇر ساڭا كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم ، مەن سىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم ، باياتىن ساڭا دىمەكچى بولغان گىپىم دەل مۇشۇ ئىدى ، بىز يۈرەيلى ! ماڭا ئىشەن سىنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلالايمەن ، تۇلۇق ئىشەنچ قىلالمىساڭ بىرە مەزگىل يۈرۈپ كۈرۈپ باقساڭمۇ بۇلدۇ ؟ بۇلامدۇ گۈلنۇر بىز يۈرۈپ قالايلى ؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم ، چۈنكى ئۇ مىنىڭ كۈڭلۈمدىكى ، مەنمۇ ئويلىغان گەپنى دىگەنىدى .
__ ماقۇل ، ئەمسە مىنى بوزەك قىلما جۇمۇ ؟ ، ھەي كىچىكلىكىم ، ھەم تۇنجى قېتىم ئوغۇللارنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق گەپنى ئاڭلىشىم بولغاچقىمىكىن ھىچ ئىككىلەنمەيلا ماقۇللۇق بىلدۈرىۋېتىپتىمەن . بەلكىم ئەڭ مۇھىمى بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئوغۇل بالىنى ياخشى كۈرۈشۈم بولغاچقىمىكىن . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتىم ، ئۇ شۇ كۈنىلا مىىنى بازارغا بىللە ئېلىپ چىقىپ بىر-مۇنچە كىيىم ئېلىپ بەردى ، ئۇ ھەقىقەتەن مەرت ھەم بەتخەج ئىدى . لىكىن مەن ئۇنىڭ مۇشۇ مىجەزىنى ياقتۇراتتىم . بىز شۇ تەرىقىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئارلاشتۇق ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بەزى-بىر كىچىك پاراڭلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، تىلغا ئالغۇدەك گەپ تاكاللىشىپ قالغان يەرلىرىمىز يوق . كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم ئەسقەر ، ئۇنى ھەقىقەتەن بەك بەك ياخشى كۈرەتتىم . گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە گۈلنۇر قاتتىق يېغلاپ كەتتى . مەن ھەيران بولغان ھالدا ،
__ نىمە بولدۇڭ ؟ نىمىشقا يېغلايسەن ؟ گىپىڭنىڭ ئاخىرىنى دىگىنە كىيىن قانداق بولدى ؟
__ ھەي ئەسقەر ، راس دىسەم بۇ گەپنى قانداق ئاغزىمدىن چىقىرىشنىمۇ بىلمەيمەن ، ھازىرغا كەلگۈچە ھىچكىمگە دەپ باقمىغان ، لىكىن ساڭا دىگۈم بار . مەن مۇشۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋقىت ئىچىدە ئاساسەن ياقۇپ بىلەن بىرگە يۈردۈم ، ياقۇپنىڭ ئۈيىدە تۇرغان كۈنۈم ئۈزەمنىڭ ئۈيىدە تۇرغان كۈنۈمدىنمۇ كۆپ . گەپنى ئۇچۇق قىپلا دەۋېرەي ئەمدى ، مۇشۇ جەرياندا ئىككى قېتىم بۇيۇمدا قالدى ، ئىككىلىسىنى ئالدۇرىۋەتتىم . ئۇنىڭ بىلەن شۇ دەرىجىدە يېقىن بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم . ئاچام بولسا بىرە مەزگىل ئەخمەت بىلەن بىرگە يۈرۈپ بېقىپ ، كىيىن ئۈزىنىڭ ئۇيۇنىنى ئويناپ يۈرىۋەردى . ئانامنىڭ ھېلىقى ئاشنىسى بولسا بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتتى . ئانام دىگەن قاخباش خۇتۇن ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا بىر مۇنچە مال دۇنيانى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇن ساقلاپ قۇيۇپتىكەن ، ھەم ئۇ سەكراتتا ياتقان ۋاقىتتا ھىيلە ئىشلىتىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئۈيىنىمۇ سېتىۋېتىپتۇ . دىمىسىمۇ ئۇ ئەر ھەقىقەتەن باي كىشى ئىدى .
شۇنداق قىلىپ گىپىمنى داۋاملاشتۇرسام ، كىيىن ياقۇپنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ كەتتى ، پات-پاتلا ئەرزىمەس بانالارنى كۆرسىتىپ مەن بىلەن ئۇرىشىدىغان ، مەن بىلەن كارىمۇ يوق بۇلۇپ كەتتى . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ‹‹ئاتا-ئانام مىنى كەل دەيدۇ ، بىرە ئىش چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ . مەن ئۈرۈمچىگە بىر بېرىپ كىلەي ››، دىدى . مەن تۇيۇقسىز دىيىلگەن بۇ گەپتىن ھەيران بۇلۇپ
__ ئەمسە قاچان ماڭىسىز ؟ قانچە ئۇزۇن تۇرسىز ؟ دەپ سورىدىم
__ ئەتە چۈشتىن كىيىن ماڭىمەن ، قاچان قايتىپ كىلىشىمنى ھازىر مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن ، ئامال با تېز قايتىپ كىلىمەن ، دىدى . مەن راستنى دىسەم ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۈزگىرىپ ئىپادىسىغا قاراپ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم . لىكىن ئۇنى توسالايتتىمممۇ ؟ ، شۇنداق قىلىپ بۈگۈن كەچ ئۆيگە كەتمەي ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدۇم . ئەتىسى ئۇنى ماشىنا بېكىتىگە بىللە ئۇزاتقىلى چىقتىم . ئۇ كەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئۆيگە قايتتىم . قېرىشقاندەك ئۆيگە چىقسام ئۆيدە بىر-مۇنچە ئىشلار يۈز بىرىپ كىىپتۇ . ئۆيدە دادام يالغۇز سۇلغۇن كەيپىياتتا ئولتۇرۇپتۇ ، مەن ھەقاچان ماڭا ئاچچىقلاپ ئولتۇرغان چېغى دەپ ئويلاپتىمەن ، دىمىسىمۇ مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان دائىم سىرتلاردىلا يۈرگەچكە دادام مەندىن بەك خاپا ئىدى ، دائىم قاپىقىنى تۈرۈپلا يۈرەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخشاممۇ ئۆيگە كىرمىگەچكە شۇڭا ئاچچىقى كىلىپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن . كىم بىلسۇن ئانام دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈك-تاقىللىرنى كۆتۈرۈپ چىكىتىپتۇ . ئاددىيسى ئۇلار ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ . ئاچام بولسا ئانامنىڭ كەينىدىن ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن چىقىپ كىتىپتۇ . مەن ئۇ كۈنى سىرتقىمۇ چىقماي ئولتۇردۇم . كەچ-قۇرۇن بولغاندا ئاچام قايتىپ كەلدى ، مەن ئۇنىڭدىن ،
__ ئانامچۇ ؟ ئۇنى نىمىشقا قايتۇرۇپ كەلمىدىڭ ؟
__ ئانام ئۇ گىپىمنىمۇ ئاڭلىماي ئۈرۈمچىگە بارىمەن دەپ كەتتى .
__ ئۈرۈمچى؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئاز ھەيران قالدىم ، چۈنكى ياقۇپمۇ بۈگۈن ماڭغان ئەمەسمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام بىلەن دادام ئوتتۇرسىدا ئاجىراشمىسا بولمىغىدەك دەرىجىدە بىرە ئىشمۇ يۈز بەرمەپتىكەن ، شۇ ئانام يوقىلاڭ ئىشلارنى بانا قىلىپ تۇرىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ .
شۇنداق قىلىپ بىرە ھەپتىگىچە ياقۇپ بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈردۈم ، لىكىن ئانامندىن بولسا قىلچىلىك خەۋەر يوق . كىيىن ياقۇپ بىلەن بولغان خەۋىرىممۇ ئۈزۈلۈپ قالدى ، شۇنداق قىلىپ بىرە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتنى بەك تەستە ئۆتكۈزدۈم . ئاخىرى ئۇنى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە بېرىش قارارىغا كەلدىم . ئاچام ئارقىلىق ئەخمەتنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئادىرسىنى سورىماقچى بولدۇم . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئەخمەت ماڭا ئويلىمىغان بىر گەپنى دىدى،
__ ئەسلى بۇ گەپنى سىزگە دىمەي دىگەن ، لىكىن ئەمدى دىمىسەم بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى ، ياقۇپ بولسا ئۇ سىزنى بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئالداپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ، بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن ، ئۈزى بولسا كۈندە قىمار ئويناپلا يۈرۈيدۇ ، ئۇتىۋالسا ھاراق ئىچىپ يۈرۈيدۇ ، خەجلايدىغانغا پۇلى قالمىسا باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى كولايدۇ . ئۇنىڭ كۈنلىرى ئاشۇنداقلا ئۈتەتتى . ئۇنىڭ بۇ ئۈيى بولسا ئىجارىگە ئالغان ئۆي . سىز ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىسىز بولغىنى ئۇ يېقىندا بىرسى بىلەن ئاددىيلا نىكاھ ئۆتكۈزۈپ تويىنى قىلىۋاپتۇ .
__ ئىشەنمەيمەن ، ياقۇپ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ .
__ ئىشەنمىسىڭىز مەيلى ، مانا بۇ نۇمۇر ياقۇپنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر دوستىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى ، ئەگەر راستىنلا ئۈرۈمچىگە بارسىڭىز مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلسىڭىز ئۇنى تاپالايسىز ، ئىسمى مەردان . دەپ بىر نۇمۇرنى قەغەزگە يىزىپ ماڭا سۇندى . مەن قەغەزنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپلا ئەخمەتنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتىم . شۇ يۈگۈرگەنچە ياقۇپنىڭ ئۈيىگە باردىم . بارسىام راستىنلا ئۇنىڭ ئۈيىنىڭ تېمىغا بۇ ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ . دىگەن قەغەز چاپلاقلىق ئىدى . مەن بۇنى كۈرۈپ قانداقلا بولمىسۇن ئۈرۈمچىگە بېرىش قارارىغا كەلدىم ، ھېلىمۇ ياخشى يېنىمدا پۇل بار ۋاقىتتا ئازراق يىغىپ قۇيۇپتىكەنمەن ، ئۆيگە بېرىپلا كىيىم-كېچەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئەتىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ مېڭىش تەييارلىقىمنى قىلدىم ، ئەتىسى دادامغىمۇ ئۇقتۇرماي تۇرۇپ يۈك-تاقىللىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقتىم ، بۇنى پەقەت ئاچامغىلا ئېيتتىم ، ئۇ مىنى ماشىنا بېكىتىگىچە ئۇزۇتۇپ چىقتى . ماشىنىنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاچام بىلەن تىزلا خوشلىشىپ ماشىنىغا چىقتىم . ماشىنا بىر خىل سۈرەتتە كىتىۋاتاتتى ، مەن بولسام ‹‹ ئەجىبا ياقۇپ راستىنلا ئەخمەت دىگەندەك بىرسى بىلەن توي قىلىۋالغانمىدۇ ؟ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئەمدى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشقانمىدۇ ؟ ›› دىگەندەك ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللارنى قىلىۋاتاتتىم . كاللامدا بىر مۇنچە خىيال ، قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئورنۇمدىن قوپسام ئۈرۈمچىگىمۇ كىلىپ بوپتىمىز . ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەرچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ماشىنىمۇ بېكەتكە يىتىپ كەلدى . ماشىنىدىنمۇ چۈشتۈم ، قورسىقىم شۇنچە ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىيىشكە رايىم بارماي ، ئەخمەت دەپ بەرگەن نۇمۇر بۇيىچە ياقۇپنىڭ دوستى مەردانغا تىلفۇن قىلدىم ،
__ ۋېي ، ياخشىمۇسىز سىز كىم ؟
__ مىنىڭ ئىسمىم گۈلنۇر ، سىز ياقۇپنىڭ دوستى مەردان بۇلامسىز ؟
__ ھەئە مەن شۇ ، بىرە ئىشىڭىز بارمىتى ؟
__ ھەئە مەن ياقۇپنى بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە چىققان ، ھازىر بېكەتتە ، مۇمكىن بولسا مىنى ياقۇپ بىلەن كۈرۈشتۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ، بۇ ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم چىقىشىم ئىدى ، بۇ شەھەرنى ئېنىق بىلمەيمەن ، ئادىرسىنى دەپ بەرسىڭىزمۇ بەلكىم تاپالماسلىقىم مۇمكىن . شۇڭا سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ، ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن .
__ ھە ، بۇلىدۇ ئەمسە ، مەن ھازىر ئىشلەۋاتىتىم ، ماشىنىدىن بىرنى تۇسۇپ مۇشۇ يەرگىلا كىلەمسىز ،
__ ھە ماقۇل ، مەن ئەمسە مەن ھازىرلا باراي ، مەن ئۇ دەپ بەرگەن ئادىرىس بۇيىچە ، ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدىم ، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى خېلە داڭلىق بىر مۇزىكىلىق كۇلۇپتا ئىشلەيدىكەن ، بىردەمنىڭ ئىچىدە دىگەن جايغىمۇ يىتىپ كەلدىم . چۈشۈپلا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، تەخمىنەن 5 مىنۇتلارچە ۋاقىت ئۆتكەندى كىيىن ، بىر 22 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالا يېنىمغا كىلىپ :
__ سىز گۈلنۇر بۇلامسىز ؟
__ ھەئە مەن گۈلنۇر ، سىز مەردان ئىكەنسىزدە ؟
__ ھەئە مەن مەردان شۇ ، سىزنى ئۇزۇن ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن ؟
__ ياقەي ، ئۇزۇن ساقلىمىدىم . مەن تېخى سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيدىغان بولدۇم دەپ ، خىقىل بوپ تۇرسام ، ماڭا تەكەللۇپ يۈرگىنىڭىزنى قاراڭ .
__ ۋاي ياقاي ، ھامان چۈشتىن بۇرۇن مەن بېكار ئىدىم . ھەي بولدى باشقا گەپنى قۇيۇپ ، تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلىمۇ ؟ كېچىدىن يول يۈرۈپ قورسىقىڭىز راس ئاچتى ھەقەچان . دىمىسىمۇ قورسۇقۇم بەك ئاچقانىدى ، ھىچ تارتىنمايلا بۇلىدۇ دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدىم . بىز مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق . تاماقنى بۇرۇتۇپ بولغاندىن كىيىىن ئۇ ماڭا :
__ ھەي سىز ياقۇپنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
__ ھەئە بىلىمەن ، مەنمۇ شۇ ياقۇپنىڭ دوستى ئەخمەتتىن ئاڭلاپلا ئىشەنگۈم كەلمەي ، ئۇنى ئىزدەپ بۇيەرگە كىلىشىم . سىزنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىڭىزنىمۇ ئۇ ماڭا دەپبەرگەن .
__ كىمگە ؟ قاندىغاراق كىشىگە ئۆيلەنگىنىنى تېخى بىلمەيسىز ھەقاچان ؟
__ ياق ئۇنى بلمەيدىكەنمەن ، قاندا دەيسىز ؟
__ ھەي..... ، ئۇ ئۆزىدىن 20 ياشلار چوڭ بىر ئايالغا ئۆيلەندى ، ئاڭلىسام ئۇ ئايالنىڭ پۇلى بەك كۆپ ئىكەن ، ئۇلار تېخى يېقىندا مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىر بىنادىن ئۆي سېتىۋالدى ئەمەسمۇ ! ئۇ تويىغا بىز ئاغىنىلەرنىمۇ چاقىرمىدى ، ئاڭلىسام توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي ، نىكاھ ئۇقۇپلا تويىنى قىلىۋاپتۇ . ئۇبۇرۇن بۇنداق ئەمەستى ، پۇل ئادەمنى ھەر ئىشلارنى قىغۇزىدىكەن جۇمۇ . مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم . ھەم ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ، ئەجبا پۇل ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇنچە مۇھىممىدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن تىزراق كۈرۈشكۈم كەلدى . مۇشۇ خىياللارنى قىلىۋاتقاندا تامىقىمىزمۇ چىقىپ قالدى . قورسۇقۇمنىڭ بەك ئاچقىنىدىن ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن تىزراق كۈرۈشۈشنى ئويلاپ تاماقنى تىز-تىزلا يىدىم . تاماقنىمۇ يەپ بۇلۇپ مەرداننىڭ يول باشلىشىدا ماشىنا تۇسۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق ، يولدا كىتىۋېتىپ مەردان ماڭا :
__ ھەي گۈلنۇر ، مەن مەردان بىلەن كۈرۈشمىگىلى خېلە ئۇزۇن بۇپ قالغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر بىز تىلفۇن قىلساق تىلفۇنىمىزنى ئالمايدىغان ، بىزدىن ئۈزىنى قاچۇردىغان بۇلىۋالدى ، شۇڭا مەن سىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ مەن سىرتتا تۇرۇپ تۇراي ، سىز كۈرۈشۈپ چىقىڭ ، شۇنداق قىلساق بۇلارمۇ ھە !
__ ھە مەيلى ، ھېلىمۇ سىزگە كۆپ مالال يەتكۈزىۋەتتىم ، سىزگە يەنە ئاۋارچىلىق يەتكۈزىشنى خالىمايمەن ، سىز قانداق ئويلىسىڭىز ، شۇنداق بولسۇن . شۇنداق قىلىپ ماشىنىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىلىپ توختىدى ، مەردان مىنى باشلاپ ماڭدى ، ئۇ بىر كورپۇسنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ، ئۇ ماڭا :
__ ئۇنىڭ ئۆيى مۇشۇ كورپۇسنىڭ 3 قەۋىتىدە 302 نۇمۇرلۇق ئۆي شۇ ، مەن مۇشۇ يەردە سىزنى ساقلاپ تۇراي ، كىرىپ ياخشىراق پاراڭلىشىپ چىقىڭ .
__ ماقۇل رەھمەت . ، دەپ مەن كىرىپ كەتتىم ، پۇتلۇرۇم بىر خىل رېتىمدا تىترەۋاتاتتى . ئاخىرى ئۆينىڭ ئالدىغىمۇ يىتىپ كەلدىم . مىڭ تەسلىكتە ئىشىك قۇڭغۇرىقىنى باستىم .
__ كىمۇ ؟ بۇ دەل ياقۇپنىڭ ئاۋازى ئىدى ، مەن گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدىم . بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ كىلىپ ئىشىكنى ئاچتى
__ گۈلنۇر ؟ سەن قانداق بۇلۇپ كلىپ قالدىڭ ؟
__ سىزنىڭچە ، سىز مۇشۇنداقلا يوقاپ كەتسىڭىز مەن سىزنى تاپالماسمەنمۇ ھە ؟
__قالغان گەپنى سەل تۇرۇپ دىيىشەيلى ، ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەنكەنسە ، ئاۋال ئۆيگە كىرە ،
__ مەن ئۆيگە كىرسەم ھۆرمەتلىك خانىمىڭ توغرا چۈشىنەمۇ ھە ؟
__ ئۇ سىرتقا نەرسە-كېرەك ئەكىرگىلى چىقىپ كەتكەن ، سەل تۇرۇپ كىرەمىكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرە دوستۇمنى ئۆيگە باشلاپ كىرگەنگە ئۇ خاپا بۇلۇپ يۈرمەيدۇ . ئۇنىڭ مەندىن ۋاز كىچىپ تۇرۇپ ، ئىرىشكەن بەختىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۈيىگە كىردىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن ئۆيىگە كىرىپ پاراڭلاشمىسام ، ئۇ مەن بىلەن سىرتقا چىقىدىغاندەك ئەمەستى .
__ نىمە ئىچىسەن ؟
__ چاي .
__ ئۆزەڭچۇ ياخشى تۇرىۋاتقانسە ؟ ئۈيۈڭدىكىلەرچۇ ياخشىدۇ ؟
__ ھەجەپ كۆڭۈل بۈلۈپ قاپسەنغۇ بۇ ئىشلارغا ، سىنىڭچە مەن سەندەك بىر پۇل ئۆچۈن ئۆز غورۇرىدىن كىچىدىغان ، ۋىجدانىنى يوقاتقان بىر ئىپلاس ئۈچۈن ، قايغۇرۇپ يۈرەمەنمۇ ؟ سىلەردەك ھايۋاندىنمۇ ئۆتە ئىپلاسلارنىڭ جازاسىنى ئاللا بىرە ، سەن بولساڭ پۇلغا ئۈزەڭنى سېتىۋاتقان نەرسە سەن ، ھېلىقى ئايالىڭ دىگەن جادىگەر بولسا ئۆز پۇلىغا تايىنپ ئۆزى كۈزى چۈشكەن يىگىتلەرنى كونتىرول قىلىپ ، ئۈزىنىڭ جىنسى جەھەتتىكى تەلپىنى قاندۇردىغان بىر بۇزۇق ئايال . ھەر قايسىڭ چۇقۇم ئۆز قىلغان گۇناھىڭنىڭ قىساسىنى تارتىسەن ، بەك ئاچچىقىم كەلگەچكىمۇ ئۇنى سەنلەپ تۇرۇپ تىللاپلا كىتىپتىمەن .
__ گۈلنۇر ، سەنمۇ بولدى قىلغىنە ئەمدى ، ئەمدى ھامان بۇلدىغان ئىش بولدى ، بۇ ئىشلارنى دىيىشكەننىڭمۇ نىمە پايدىسى ، مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەب بار .
__ يەنە نىمە سەۋەبكەن ئۇ ؟ يەنە ئۆزەڭنى ئاقلىماقچىما ؟ كىمۇ ئۇ ؟ سەندىن 20 ياش چوڭ تۇرۇپمۇ ؟ سىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ؟
__ ئەمىلىيەتتە ئىككىلەڭلا بىر-بىرىڭلارنى تۇنۇيسىلە ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇناسىۋېتىڭلارمۇ خېلىلا يېقىن .
__ نىمە ؟ ئۇنى مەنمۇ تۇنۇيمەنمۇ ؟ كىمۇ ئۇ دىگىنە ؟ مىنى تۇنۇپ تۇرۇپ يەنە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان .
__ ئۇ سىنىڭ .......، گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ قالدى .
__ كىم ؟ ، ياقۇپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ، بېشىمنى شۇنداق كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇ ئايالنى كۈرۈپ تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم . تېخىمۇ زەربە بولغىنى ، ياقۇپنىڭ ‹‹ بۇ مەن ساڭا بايا گىپىنى قىلغان ، مىنىڭ ئايالىم بۇلىدۇ ›› دىمەمدىغان ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاس قالدىم نەپىسىم يىتىشمەي ، ئۇلۇغ ئاللا ئاتا قىلغان روھىم ، تىنىمدىن چىكەتكىلى .
ئۇ مۇشۇ گەپنى دەپ بۇلۇپلا ، ئۆزىنى ماڭا ئېتىپ ئۆكسۈپ يېغلاپ كەتتى .
__ گۈلنۇر بولدى قىلە ، ساڭا نىمە بولدى ؟ ئۇ ئايال كىمكەن ؟ ئۇ يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ :
__ ئۇ ...ئۇ ، دەل مىنى 9 ئاي 9 كۈن قوساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ، ئۆز سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ، مىنىڭ ئانام گۈلنىسا دىگەن جادىگەر خۇتۇنكەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنىڭمۇ مىڭڭەمدىنمۇ تۈتۈن چىكەتكەندەك بولدى . ھەم ، ئاشۇ ئۆز قىزىدىن ئەر تالىشىپ يۈرگەن ئاشۇ ۋاپاسىز خۇتۇننىڭ يۈرىكىنى يېرىپ قاراپ باقۇم كەلدى . ھەي بولدىلا ھازىر بۇ گەپنى دىگەننىڭ نىمىگە پايدىسى ....
__ گۈلنۇر بولدى قىلە ، .ئەمدى يېغلىما ،
__ ھەي جېنىم ئەسقەر ، سەن ئاشۇ دەقىقىدىكى مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ نەقەدەر يېرىم بولغانلىقىنى چۈشىنەرسىنمۇ ، ھەي ئۇلۇغ ئاللا بۇجاھان نىمە بۇلۇپ كىتىپ بارىدىغاندۇ ھە ، ئەينى ۋاقىتتا مەن 2 يىلدەك ئارلىشىپ توي قىلىمەن دەپ يۈرگەن لايىقىم بىلەن ئەمدىلىكتە ئانام توي قىلسا ، 2 يىلدەك بىر كارۋاتتا ياتقان لايىقىم بىلەن ئەمدىلىكتە ئانام بىر كارىۋاتتا يېتىۋاتسا ، يانا تېخى 2 قېتىم ئالدۇرۋەتكەن بالامنىڭ دادىسى بىلەن ئەمدى ئانام بالىلىق بولغىلى تەييارلىق قىلىۋاتسا ، مەن يەنە كۆڭلۈمنى بۇزماي تۇرالامدىم .
__ ئۇغۇ شۇ ، لىكىن سەن بىلەن بىز يەنە ياشىمىساق بولمايدۇ دە ، شۇڭا بىز قەيسەررەك بۇلىشىمىز كېرەك .
__ مەن ئەمدى بەك كىچىكتىم ، جاندىن ئاللىبۇرۇن ۋاز كىچىپ بولغان ئادەم مەن .
__ بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟ ئەجبا .....
__ ساڭا دىسەم ئەسقەر . بۇ تېخى گىپىمنىڭ باشلانمىسى ، ساڭا دىمىگەن تېخى ئەڭ مۇھىم گەپ بار ، ئۇ شۇنداق دەپلە رومكىدىكى ھاراقنى ئىچىۋېتىپ ، ئارقىدىن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ، يەنە گىپىنى باشلىدى :
__ ئەينى چاغدا ئانام مىنى كۈرۈپ بېشىنى يەردىن ئۈستۈن كۆتەرمەي ، ئچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، مەن بولسام تۇرغان قايىمدا خېلە ئۇزۇنغىچە ئاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن ، بىر ۋاقىتلاردا ياقۇپنىڭ ‹‹گۈنلۇر ساڭا بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ ›› دىگەن گىپىدىن ئىسىمگە كىلىپ ، ياقۇپنىڭ گىپىگە نەپرەتلىك كۆزلىرىم بىلەن ئالىيىپ قۇيۇشتىن باشقا ئىنكاس بىلدۈرمەي ، ئۆيدىن يۈگرەپ چىقىپ كەتتىم . شۇ يۈگۈرگۈنچە يۈگىرىۋەردىم ، كاللامدا مىڭ خىيال ، ئۈزەمنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىمنى ، نەگە بېرەپ توختايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ، ئاخىرى بىر جايلارغا كىلىپ ياقۇپنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ، مەرداننىڭ مىنى ساقلاۋاتقانلىقى ئىسىمگە كىلىپ توختىدىم . بىر تۇرۇپ ، مەرداننى شۇنچە ئاۋارە قىلىپ ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشمايلا كىتىپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ سەل خىجىل بولدۇم ، لىكىن قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆۈرۈشۈشكە يۈزۈم چىدىمىدى ، ئەگەر مەندىن نىمىش بولغانلىقىنى سورىسا ، ئۇنىڭغا ياقۇپنىڭ ئايالىنىڭ مىنىڭ ئۆز ئانام ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمەن . بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كەتسەم تېخىمۇ بولمايدۇ . ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ، ئامال يوق مۇشۇ يەردە بىرە ئىش تېپىپ قىلاي ، بېشىمغا كەلگەننى كۈرەمەن . دىگەنلەرنى خىيال قىلىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى ئاپتۇبۇس بېكىتىدە تۇرغان بىر قىز كۈزۈمگە شۇنداق تۇنۇش بىلىنىپ كەتتى ، يېقىنراق كىلىپ قارىسام ، ئۇ دەل ئەينى چاغدا ئانام بىزنى باشلاپ ھېلىقى ئۈلۈپ كەتكەن ئاشنىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاپارغان چاغدا كۆرۈپتىكەنمەن . ئۇنىڭ ئىسمى نازاكەت بۇلۇپ ، ئۇمۇ ئاشۇ سۇرۇندا بار ئىدى . قېرىشقاندەك يېنىغا بېرىش-بارماسلىقنى ئويلىشىپ تۇرغان ۋاقتىمد ، ئۇمۇ كەينىگە قاراپ قېلىپ مىنى كۈرۈپ قالدى ، ۋە بىر قاراپلا تۇنۇپ قالدى دە مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر دوستى بۇلۇپ ئۇنى تۇنىمايدىكەنمەن ، ئۇ قېشىمغا كىلىپ ھەيران بۇلۇپ :
__ ۋوي ، سىز گۈلنۇرغۇ ؟ بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز ؟
__ شۇ شۇ ... ، يۇرتتا ئازراق ئىشلار بۇلۇپ قېلىپ ، مۇشۇ يەرگە چىققان ، تېخى ئەتىگەن كىلىشىم . ئۆزىڭىزچۇ ، بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز ؟
__ ھە مەن ، بۇ يەرگە چىققىلى 5 ئايدىن ئاشتى ، ھازىر شۇ مۇ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن ، سىز چۇ ؟ بىرە ئىش بىلەن چىقتىڭىزمۇ يە ؟ قانچىلىك تۇرىسىز ؟
__ شۇ ئۆز ئالدىمغا بىر تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقايمىكىن دەپ چىققان ، قانچىلىك تۇرىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن . بىر تەرەپتىن خىزمەت تېپىپ ئىشلىگەچ تۇرسام بۇلامىكىن .
__ھە ، قانداق ؟ خىزمەت تاپتىڭىزمۇ يە ؟
__ ياق تېخى
__ ھە ئەمسە مەن ئىشلىگەن يەردە بىللە ئىشلىسەك قانداق ، ئىشى ئاسان ، پۇلنى كۆپ تاپقىلى بۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىزمەت سىز بىلەن بىزگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ ، ؟ ئۈزىمىزمۇ چىرايلىق ، يەنە كىلىپ بۇ خىزمەتنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق شەرتى يوق . بۇ دوستۇممۇ شۇ يەردە ئىشلەيدۇ ، بىز بىرگە ئىشلەۋاتقىلى 5 ئايدەك بۇپ قالدى .
__ نىمە خىزمەت ئۇ ؟
__ ھازىر بىز شۇ يەرگە ماڭغان ، ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ، بىرگە بېرىپ كۈرۈپ كىلەيلىمۇ ؟
__ مەيلى ئەمسە ، مىنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوقتى .
__ يۈرىڭە ئەمسە ماڭايلى ، ھەراس بۇ دوستۇمنى تۇنۇشتۇرۋېتەي ، ئىسمى گۈزەلنۇر ، بىرگە ئىشلەيمىز ، مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم . تۇنۇشۇپ قېلىڭلار .
__ بۇلىدۇ ، مىنىڭ ئىسمىم : گۈلنۇر ، بۇندىن كىيىن كۆپرەك يادەم قىلارسىز ،
__ چاتاق يوق ، ئىسمىمىزمۇ خېلە يېقىنكەن ، چۇقۇم ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قالىمىز ، مەنمۇ بۇ شەھەرگە سىزگە ئوخشاشلا مۇساپىر ، يېقىن ئۈتۈپ كىتەيلى ....
__ ماقۇل ، . گەپ بىلەن بۇلۇپ كىتىپ كىلىپ بولغانلىقىمىزنىمۇ ئۇقمايلا قاپتىمەن .بىز ماشىندىن چۈشۈپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ، بىر پۇت يۇيۇش ، بەدەن ئۇۋلاش ئورنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق .
__ مۇشۇ يەر شۇ كەلدۇق ، . دىدى نازاكەت . مەن سەل ھەيران بولدۇم ، چۈنكى بۇ جاينىڭ قىزلار تىنىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغان ھېلىقىدەك جاي ئىكىنلىكىنى بىلەتتىم . شۇڭا تىزلا نازاكەتتن :
__ سىز مۇشۇ يەردە ئىشلەمسىز ؟ ماڭا تۇنۇشتۇرماقچى بولغان جاي مۇشۇ شۇمۇ ؟
__ ھەئە مۇشۇ شۇ ، بۇ يەر بولسا نىمە بوپتۇ ؟ توغرا سىز ھەقاچان تۇنجى قېتىملىقتا سەل ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ ، لىكىن بارا- بارا كۈنۈپ قالىسىز ، مەنمۇ دەسلەپتە شۇنداق بولغان ، ئاشخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيغاندىن، رېستۇرانلاردا سەي تۇشۇپ يۈرگەندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ ؟
__ سەن ئۇنداق ئويلىغان بىلەن ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر بىلەن بىر كارۋاتتا يېتىۋىرىشقا سىنىڭ كۆڭلۈڭ كۆتىرەمدۇ ؟ ۋىجدانىڭ يول قۇيامدا ؟
__ ھازىرقى مۇشۇ جەمىيەتتە بىر ئىش قىلغان ۋاقتىڭدا ھەمىشە ۋىجدانىڭنى ئارلاشتۇرۋالساڭ بىرە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسەن . ئۇنىچىۋالا مۇتىئەسسىپ بولماي ، كاللاڭنى ئەركىنرەك قۇيىۋەتسەڭچۇ ؟
__ دىمىسىمۇ نازاكەتنىڭ دىگىنىمۇ توغرا گۈلنۇر ، ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ ئىشنى قىلى كاللامدىن قەتتى ئۆتمىگەن ، كىيىن ئۈزەم ئىشەنگەن ، بارلىقىمنى ئاتىۋاتقان ئاشۇ ئىپلاس مەن بىلەن شۇنچە كېچىلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈپ ئاخىردا باشقا بىر قىزغا ئۆيلىنىۋالدىغۇ ! شۇندىن كىيىن مەنمۇ مۇشۇ يولغا كىرىپ قالدىم . ئەمدىلىكتە گۈزەلنۇرمۇ مىنى مۇشۇ ئىشنى قىلىشقا ئۈندەۋاتاتتى .
__ ھەي لىكىن مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ بىرە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بۇلارمۇ ؟ كىيىنلىكىمىز قانداق بۇلار ؟
__ كىم سىاڭا بۇنى بىزنىڭ كەسپىمىز دەيدۇ ، ئەلۋەتتە بىزمۇ بۇنى مەڭگۈ قىلمايمىز ، بىزە ۋاقىت قىلىپ ، ئازراق پۇل تاپقاندىن كىيىن ، يۇرتقا قايتىپ ، دۇكان ئېچىۋالىمىزمۇ ، ئىشقىلىپ دۇرۇس ئىشتىن بىرنى تېپىپ قىلساق ، ياخشى ، كۆپ ئىش كۆرمىگەن ئوغۇل بالىنىڭ بىزگە كۆزى چۈشمەسمۇ ؟ شۇلاردىن بىرنى تېپىپ تۇيىمىزنى قىلىۋالمايمىزمۇ ، بىز دىگەن ھازىر كىشنىڭ يۇرتىدا ، بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمىزنى كىم بىلەتتى . ؛ بۇلارنىڭ گەپىنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلىنىپ قالدىم ، دىمىسىمۇ گۈزەلنۇر دىگەندەك بۇرۇن مەن ئىشەنگەن ئاشۇ ياقۇپ كىيىن مىنى تاشلىۋەتتى ئەمەسمۇ ، بولمىسا مەن مۇشۇ تاللاشقىمۇ دۇچ كەلمىگەن بۇلاتتىم ، ھەي بولدىلا قىلسام قىپ باقاي ، بېشىمغا كەلگەننى كۈرەمەن .
__ ماقۇل ئەمسە ، بۇ يەردە ئىشلىسەم ئىشلەپ باقاي .
__ ئاۋۇ گىپىڭ توغرا بولدى ، ئەمسە مەن كىرىپ خوجايىنغا دەي ، سىلە ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ، گۈزەلنۇر گۈلنۇرنى ئىچىگە باشلىغىنە . ؛ مەن گۈزەلنۇربىلەن ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپ تۇردۇم ، ئىچىدە يەنە ياش پەرقى مەن بىلەن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بىر قانچە قىزلار ئولتۇراتتى ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ، 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر خەنزۇ ئەر چىقىپ يېنىمغا كىلىپ يېرىمىنى ئويغۇرچە يېرىمىنى خەنزۇچە قىلىپ سۇئال سوراشقا باشلىدى :
__ نازاكەت دىگەن قىز سەن شۇمۇ ؟
__ ھەئە مەن شۇ
__ ھەقىقەتەن چىرايلىقكەنسەن ، ئىسمىڭ نىمە ؟
__ گۈلنۇر
__ ھە ، نەچچە ياشقا كىردىڭ ؟
__ 19
__ بۇندىن بۇرۇن بۇنداق جايلاردا ئىشلەپ باققانمۇ ؟
__ ياق ، بۇ تۇنجى قېتىم بۇنداق جايغا كىرىشىم .
__ ھە ، ئۇنداقتا ياخشى ، مەن خەنزۇچە سۆزلىسەم ، سەن چۈشىنەلەمسەن ؟
__ ئازراق چۈشىنىمەن ، لىكىن كۆپ سۆزلىيەلمەيمەن .
__ ھە ، كېرەك يوق ، بۇلارمۇ دەسلەپ كىرگەن چېغىدا ، سەنچىلىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغانلارمۇ بار ئىدى ، كىيىن ئۆگىنىپ كەتتىغۇ مانا ، سەنمۇ بارا-بارا ئۆگىنىپ كىتىسەن . مىنى ۋاڭ ئاكا دەپ چاقارساڭ بۇلىدۇ ، باشقا ئىشلارنى بۇلاردىن سوراپ ئۆگىنىۋال ، بىرە ئىش بولسا دىسەڭ بۇلىدۇ ، نازاكەت ، ئەمسە سەن بۇ دوستۇڭغا بۇ يەرنىڭ قائىدىللىرنى ئۆگىتىپ قويغىن .؛ ئۇ شۇنداق دەپ بۇلۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
ھەي شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە ئىشلەپ كەتتىم . لىكىن نىمىشقىكىن ئۇ كۈنى بىرەمۇ مېھماننى كۈتمىدىم ، بىرەسى مىنى تاللىغان بولسا ، ۋاڭ خوجايىننىڭ بىزگە قاراشقا بېكىتىپ قويغان ئادىمى ‹‹ ئۇ بۈگۈن خېرىدار كۈتمەيدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەكچى بولساڭ ئەتە كەل دەپ ›› مېھمانلارنى مەن بىلەن كۈرۈشتۈرگىلى قويمىدى . مەن دەسلەپ بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي ، نازاكەتتىن سورىدىم . ئۇ ماڭا :
__ چۈنكى ۋاڭ خوجايىننىڭ ساڭا كۈزى چۈشۈپتۇ ، بەلكىم ئۇ بۈگۈن كەچتە سەن بىلەن بىرگە بۇلىشى مۇمكىن ، ئىدىيەرىڭدە تەييارلىق بولسۇن ، لىكىن كەچتە جاھىللىق قىلىپ ئۇنى خاپا قىلىپ قويمىغىن ، بۇرۇن بۇ ئىش مىنىڭمۇ بېشىمغا كەلگەن جاھىللىق قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقاننىڭ پايدىسى يوق . ئىشلەيمەن دەپ كىرگەندىن كىيىن ئەمدى بۇنىڭغىمۇ چىدىشىڭ كېرەك . ؛ مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىگە نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم . دىگەنكىدەك كەچ بولغاندا ئۇ كىرىپ مىنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ غوجىرسىغا ئېپ چىقىپ كەتتى . ھەي ، ئاخىرى ئۇ بىر كېچىنىمۇ دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ ئۆتكۈزىۋەتتىم . ئەتىسىدىن باشلاپ مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش نورمال مېھمان كۈتۈشكە باشلىدىم ، شۇ تەرىقىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋقتىم شۇ يەردە ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ جەرياندا ئۆزەمدىن كىچىك بىلەنمۇ ، ئۆزەم بىلەن تەڭ قۇرداش بىلەنمۇ ۋە ئۆزەمنىڭ دادىسىدەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭلار بىلەنمۇ يېتىپ باقتىم . ھەي ئەسقەر بۇ جاھان قانداق بۇلۇپ كىتىپ بارىدىغاندۇ ، دادامدەك ، بوۋامدەك كىشىلەر ئۆز ئايالىنى ، ئۆز مومىيىنى تاشلاپ قۇيۇپ بۇ يەرگە كىلىپ ئۆزىنىڭ قىزىدەك ، نەۋرىسىدەك قىزلار بىلەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلىشقا قانداق كۆڭلى چىدايدىغاندۇ ؟ ئەجبا ئۇلارنىڭمۇ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەنمىدۇ ھە ؟ ھەي خاتا ، مىنىڭچە ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ ، نىيتىنىڭ قارلىقىدىن ئىتمۇ يىيىش تۈگۈل قاراپمۇ ، پۇراپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن .
ئەسكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى ئەدبىنى يەيدىكەن ، ۋاڭ خوجايىن ئەسلى بىر تەرەپتىن مۇشۇ ئىشنى قىلغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن قىلدىغان ئاساسلىق سودىسى زەھەرلىك چىكىملىك( خىروئىن ) ساتىدىكەن ، ھەم ئۆزىمۇ چىكىدىكەن . كىيىن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ساقچىلار تەرپىدىن ئاشكارلىنىپ قېلىپ ئۇنى تۇتۇپ كەتتى ، ھەم .ئۇنى مۇددەتسىز 15 يىللىق كىسىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم . شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئۇ يەردىن چىكەتتۇق ، كىيىن مەن نازاكەت ۋە گۈزەلنۇر ئۈچىمىز مۇشىنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر دۇكانغا كىرىپ ئىشلىدۇق . قېرىشقاندەك ئۇ يەردە بىر يىلدەك ئىشلىگەندىن كىيىن ، نازاكەت بىلەن گۈزەلنۇر ئىككىسى بىرسىنىڭ 1000 يۈئەندەك پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ، كىيىن ئاشكارلىنىپ قېلىپ ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ قېلىپ تۇرمىغا ۋاقىتلىق جازا ئۆتەشكە ئەكىرىپ كىتىلدى . كىيىن مەنمۇ ئۈزەم يالغۇز ئۇ يەردە ئىشلەش خوش ياقماي ، ئۇ يەردىن چىكىتىپ بىر ساڭنا (يۇيۇنۇش شەھەرچىسى) دە ئىشلىمەكچى بولدۇم . ئۇ يەرگە خىزمەتچى ئېلىشنىڭ شەرتلىرى كۆپ بۇلۇپ ئەڭ ئاۋال سالامەتلىك تەكشۈرتىشىمىز كېرەككەن . شۇنىڭ بىلەن مەن سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى دوختۇرخانىغا كەلدىم ، مەن سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتۈپ باقمىغىلى 5~6 يىلدەك بۇپ قاپتىكەن ، شۇڭا سالامەتلىكىمدىن چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن سەل ئەنسىرەيتتىم . ئۆچرەت ماڭا كەلدى . دختۇر قېنىمنى ئېلىپ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى ، نىمىشقىكىن مىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجەم باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا سەل ئۇزۇندا چىقتى .سىەل تۇرۇپ دوختۇر مىنى يەنە توۋلىدى .
__ گۈزەلنۇر دىگەن قايسىڭلار ؟
__ مەن شۇ ،
__ ئىشخانامغا كىرسىڭىز بۇپ تىكەن . ؛ ئۇ شۇنداق دەپلا مىنى ئىشخانىسىغا كىرىشكە بۇيرىدى ، مەن جىددىيلەشكەنلىكىمدىن گۆپۈلدەپ سۇقۇپكەتكەن يۈرۈكۈمنى ئاران توختىتىپ ، پۇتلۇرۇمنى ئاران يۆتكەپ دوىتۇر ئىشخانىسىغا كىردىم ، دوىتۇر مىنى ئولتۇرۇشقا بۇيرڭ ، مەن ئولتۇرشۇمغا ئۇ مەندىن ،
__ سىز بۇرۇن نىمە خىزمەت قىلتىڭىز ؟ قورسىقىىڭدا بامۇ ؟
__ بۇرۇن بىرە ئىش قىلىلمايتتىم . ئۇ ئىشىمنى قانداقمۇ ئيتاي . بېرە كېسەل بۇپ قاپتىمەنما دوىتۇر ؟
__ شۇنداق ئەمسە دەي ، كۆڭلىڭىزنى ئازەدە تۇتۇڭ .
__ ماقۇل دەڭە ،
__بىز باياتىن قېنىڭىزنى تەكشۈرگەندە قېنڭىزدا؛‹‹ HIV ›› ۋىرۇسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق ، بۇ سىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلدۇردۇ. ئاۋال سىز قايتىپ تۇرۇڭ ، بىز بۇنى يۇقىرغا مەلۇم قىلىپ، ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلىمىز .
بۇ گەپنى . ئاڭلاپ تاس قالدىم جايىمدىلا قېتىپ قالغىلى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ نىجىز كېسەل بىلەن يۇقىملانغىلى بىر يېرىم يىل بۇپ قاپتۇ . ئەمدى قانداق قىلسام بۇلا ، ئەڭ ياخشىسى ئەمدى بولسىمۇ يۇرتقا قايتىپ كىتەي ، بۇ يەردە تۇرسام ئۇلار مىنى ھەقاچان دوختۇرخانىغا ئاپىرۋېتىدۇ ، ئۇ يەردىن چىقالماسلىقىم مۇمكىن . شۇنداق قىلىپ يۇرتقا قايتىپ كەلگىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپ قالدى . شۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئەرلەرنى - كىچىك دىمەي ھەممىسى بىلەن ئويناپ يۈرېۋاتىمەن . سەن بۈگۈن مېھمانخانىدا كۆرگەن ھېلىقى ئەرمۇ مەن ئويناپ يۈرۈيدىغانلارنىڭ بىرسى ، ئۇ شۇنداق دەپلا ئاچچىق بىرنى كۈلدى .
__ئەسقەر، سەن ئەمدى تىز بۇ يەردىن كەت ، سەن مەندەك قىزلار بىلەن بىللە تۇرساڭ بولمايدۇ ، نامىڭغا ياخشى بولمايدۇ ، بۈگۈن مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ گىپىمنى ئاڭلاپ بەرگىنىڭگە رەھمەت ، بۇندىن كىيىن بىر يەردە ئۇچرىشىپ قالساق بىر-بىرىمىزنى تۇنىماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كىتەيلى ، سەن ئۇنداق قىلمىساڭمۇ مەن شۇنداق قىلىمەن ، بۇ سەن ئۈچۈن ياخشى . خوش ئەسقەر مەڭگۈلۈك ئامان بولغىن . خوش !!!!

ھەي ، بىچارە، ناتىۋان ، شوخ دوستۇم گۈلنۇر 10 گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپلا نابۇت بۇلدىغان بولدى . بىر ئانا ، بىر قالايمىقان جەمىيەت ئاشۇ بىچارە قىزنىڭ نابۇت بۇلىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالدى . جەمىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى ، توغرا بولغان جەمىيەت يارىتىش سىزنىڭ ، مىنىڭ جۈملىدىن ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ، توغرا بولغان جەمىيەت ۋە ئۆزىگە تەۋە بولغان ھەقىقىي دۇنيانى يارىتالايدىغان ئىختىساس ئىگىللىرىنىڭ داۋاملىق مەيدانغا كىلىشى ئۆچۈن ئاتا-ئانا ، ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ساپاسىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى مۇھىم . جەمىيىتىمىزنىڭ ، مىللىتىمىزنىڭ نابۇت بولماسلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشساق !!! 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر