ئەر ھەمجىنىسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش ۋە ئەيدىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەرلەرنىڭ ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ بىر قانچە ئىجتىمائىي سەۋەپلىرى بولۇپ، بۇ سەۋەپلەرنى بىلگەندىن كىيىن، ھەمجىنىسلىقنىڭ ئاقىۋىتى ھەم ھەمجىنىسلىقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئازاپلىق ئويلانماي تۇرالمايمىز.
ئۇنداقتا، مانا مۇشۇنداق ھەمجىنىس پاھىشە ئەرلەر قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟ تۇغما بولامدۇ ياكى ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا شۇنداق بولۇپ قالامدۇ؟ ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەپلىرى توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلار قانداق ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم قانداق تەربىيە كۆرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، خۇددى "قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى، يامانغا يۇلۇقساڭ يالىسى" دېگەندەك، ئۆزىنىڭ ئارىلاشقان كىشىلىرى تەرىپىدىن بۇ پاتقاققا سۆرەپ كىرىلىدىغان بولۇپ، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ كېلىپ چېقىشىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرىدىكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشى دېمەي تۇرالمايمىز.
ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەپلىرى كۆپ خىل بولۇپ، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم تۆۋەندىكىچە:
1. بالا ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى قورامىغا يەتكەن ھەر خىل ياش باسقۇچلىرىدا بولسۇن، بىر ئوغۇل بالا ياكى ئەركىشى باشقا ئەرلەر تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن مەقەت ئارقىلىق جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىسا، بەزىلەرگە بۇ خورلۇق بىر قانچە قېتىم داۋاملاشسا، ئاقىۋەت شۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالىدىغان، ئاخىرى خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياش بالىلارنى ئىزدەپ، ھەتتا ئۇلارغا پۇل بىرىپ ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەم باشقىلارنىمۇ بۇنداق ئىشقا سۆرەپ كىرىپ يامان يولغا ئۆگىتىپ قويىدۇ.
2. ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى، پۇلنى خالىغانچە خەجلەشكە ئۆگىنىپ قالغان ياش يىگىتلەر ئارىسىدىن بۇنداق يولغا كىرىپ قالىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل سورۇنلارغا بېرىپ يەپ-ئىچىپ ئويناپ، مەست - كەيىپ بولۇپ، خۇدىنى بىلمىگەندە باشقا ئەرلەر ئۇلارغا خوتۇن بولۇپ بىرىپ ئاستا-ئاستا بەچچىۋازلىققا ئۆگىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، پاھىشىۋازلار پۇل خەجلىگەن بىلەن بەچچىۋازلار پۇل تاپقۇچىلارغا ئايلىنىدۇ. شۇنداقلا، باشقا ئەرلەر تەرىپىدىن خوتۇن قېلىۋېتىلىپ بەچچىگە ئايلاندۇرىۋېتىلىدۇ. پۇللا تېپىشنى مەقسەت قىلغان تاماشا ئورۇنلىرى باشقىلارغا ھەر خىل سورۇنلارنى ھازىرلاپ بىرىپ خېرىدار ئۆگىتىۋېلىشنى مۇھىم ھېساپلىماي قالمايدۇ.
3.ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس، يانچۇقى دائىم قۇرۇق يۈرۈيدىغان بەزى ئوغۇللار-يىگىتلەر قولى قىسقىلىقتىن، ھەمجىنىس ئەرلەرنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل تاپقىلى بولىدىغان سودىسىغا كىرىشىپ قېلىپ، پۇلنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن غۇرۇرىنى ئۇنتۇپ ئاستا-ئاستا ھالدا بۇ يولغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. ھەمجىنىس ئەرلەرنى خوتۇن قىلىپ يۈرۈپ، ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي ئۆزى خوتۇن قىلىپ يۈرگەن ئەرلەرگە خوتۇن بولۇپ بېقىپ، ئاقىۋەت بۇ يولغا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ.
4.زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلارنىڭ زەھەر چەككەندە جىنسى ئىستىگى كۈچىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ھەم زەھەر چېكىدىغانغا پۇل تېپىش ئۈچۈن، زەھەر چېكىدىغانلار ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ قۇيۇپ ئاسان پۇل تاپىدىغان يولغا كىرىۋالىدۇ. شۇنداقلا، زەھەر چېكىدىغانلار نەپسىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بىرىدىغانلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا زەھەر چېكىپ جىنسىي ئىستىگى كۈچىيىپ كەتكەندە باشقا ئەرلەرگە زورلۇق قىلىپ، ھەمجىنىس ئەرلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5.جەمئىيىتىمىزدە قىز-ئاياللار ئەرلەر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئەرز قىلىدىغان ئىشلار بولغان بىلەن، ئەمما يىگىت-ئەرلەر باشقا ئەرلەر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىسا، يۈزى تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى مەخپى ساقلاپ ئاساسەن ئەرز-داۋا قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
6.ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوغۇللارنىڭ، ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيىنىشىدىن ئايرىلالماي چوڭ بولغان ئوغۇللارنىڭ، ئەرلىك غۇرۇر-ئىپتىخارى يىتىلمىگەن ئوغۇللارنىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرگە بىرەر قېتىم خوتۇن بولۇپ بولۇپ باققانغا نېمە بولاتتى دەپ ئويلايدىغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئىختىيارسىز ھەمجىنىسلار توپىغا قېتىلىپ قالىدىغانلارنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز.
دېمەك، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەر بەچچىۋازلاردىن نەپسىنى قاندۇرىشقا خۇددى خۇمار بولغاندەك ئۆگىنىپ قېلىشى، ئەسلىدىن ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ قىلمىش بولۇپ، نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت يات جىنىسلار ئارا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كۆپەيتىۋەتكەندەك، ھەمجىنىسلارنىڭ ئەرلەر ئارا قالايمىقان ھالەتتىكى ئاتالمىش "جىنسىي" مۇناسىۋىتىمۇ ئەيدىزنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپلەپ تارقىلىشىغا مۇھىم سەۋەپ بولۇپ قالماقتا. شۇنداقلا، زەھەر چېكىدىغانلار خۇمارى تۇتۇپ كەتكەندە، زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان ئىشپىرىسنى ئالماشتۇرۇشقا ساقلاپ تۇرالماي، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك، ئەر ھەمجىنىسلارمۇ نەپسىنى قاندۇرۇش ئىستىگىدە ئالدىراپ، ھەم ئاران تاپقان ئەر خېرىدارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، گاندۇم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمەسلىقى ئېنىق بولۇشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانمايدىغان ھەمجىنىسلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ھەم ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى تىزلەشمەي قالمايدۇ.
ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكى جەمئىيەتتە ئەر-ئاياللار ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، ئەر ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتىقى قاتارلىق شارائىتلاردىن قولايلىق پايدىلىنىش ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاۋات شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەيخانا-تاماشا سورۇنلىرىمۇ ئۇلارنىڭ يىغىلىش-مۇناسىۋەتلىشىش مەركەزلىرىگە ئايلانغان.
قىسقى، ئوغۇلبالا-ئەركىشى ئەگەر باشقا ئەرلەر تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن بىلەن ياكى مەست-كەيپلىكتە بىر ۋە بىرنەچچە قېتىم باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ كەتسىلا، خۇددى زەھەرگە خۇمار بولغاندەك نىرۋا خارەكتېرلىك ھالدا ھەمجىنىسلىققا ئادەتلىنىپ ئۆگىنىپ قالىدىغان بولۇپ، شۇڭا، ئوغۇلبالا-يىگىتلەرگە بولغان تەربىيە-قوغداشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ كۈچەيتىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر