ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرى ۋە ئەيدىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە قارىتا، مۇئەييەن نىسبەتتە سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايمەن. بەزى كىشىلەر ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار دەپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن. 《چىراقپاي تۇۋى قاراڭغۇ》دېگەندەك، مۇشۇنداق ھەيران قالىدىغان ئىشلار نەزەردىن يىراقتا قېلىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. دېمىسىمۇ، ئاز بولمىغان كىشىلەر ئويۇن-تاماشىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالىدۇ. ئۇلاردا ئىچ پۇشۇقى، دەرت-ئەلەم، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئويۇن-تاماشا ئارقىلىق ئۇنتۇپ كېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەت مايىللىقى بار. كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىنى ئالدىن ھېس قىلىپ يەتكەن ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى كىشىلەرگە ھوزۇرلىنىش پۇرسەتلىرىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا تەييارلاپ قۇيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيۇن ئېلىپ كەلگەن خوشاللىق بىلەن ھاياجانلىنىپ، قىزغىنلىقىنى باشقۇرالماي، ئەخلاق ۋە ئەقىلنى ئېسىدىن چىقىرىپ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان سورۇنلاردا ئىچ-پەش تارتىشىشقا دۈم چۈشۈپ، شات كۆڭۈلگە مەينەتچىلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ، خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ھالدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقان كىشىلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرسى تەييار بولۇپ يۈرىشىۋاتىدۇ.

 


ئەيدىز ۋىروسىنى تارقىتىشقا تەييار بولۇپ تۇرغان شەيتانلار

بۇ خۇددى، «ئۇسۇرغاققا ئارپا نېنى بانا» دېگەندەك گەپ ئەمەس بولۇپ، يۇرتىمىزدا، خەلقىمىزدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ باشقا يۇرت-خەلقلەرگە سېلىشتۇرغاندا، نىسبەتەن كۆپ ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەت ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىمىزنىڭ پىسخىك-ئادەتلىرىنى تەھلىل-مۇھاكىمە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمىسىمۇ، ئۇيۇن-تاماشا ئارقىلىق ھەممە كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ناچار ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چېكىدىن ئاشقان ئۇيۇنخۇمارلىق پەرۋاسىزلىقنى، بىغەملىكنى، ھورۇنلۇقنى، شۇنداقلا، ھەر خىل قىيىنچىلىق ئالدىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنى، ئامال قالمىغاندەك ھالەتتىكى چۈشكۈنلۈكنى، ئاقىۋەت «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دەيدىغان بىرتەرەپلىمە قىممەت قارىشىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئىدىيە-قاراش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پىسخىك ئاجىزلىق بىلەن ھەممىدىن قاخشايدىغان، ئاغرىنىدىغان ئادەتلىك قاراشنى كېڭەيتىۋېتىپ، بىر-بىرسىنى ياراتمايدىغان، ئىتتىپاقسىز ھالەتكە يول ئېچىپ قۇيىدۇ. ئىتتىپاقسىز مۇھىتتا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بارلىققا كېلەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلغىسى كەلسە قىلىپ باققىسى كېلىدىغان، خاتالىق-ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى ئەيىپلىنىش، توسۇلۇشقا ئۇچرىمايدىغان، ئاقىۋەت باشقىلار «يامانغا يانتاياق بولۇپ» يامان ئىش قىلىۋاتقۇچىلاردىن ئەگىشىدىغان، بارا-بارا كىشىلەرنىڭ توغرا-خاتالىق ئېڭى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان مۇھىت بارلىققا كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خاتا ئىشلار ئەۋىج ئالىدۇ. «بۇرنىغا سۇ كىرمەيدىغان» كىشىلەر تۈگۈمەيدۇ. ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى ھەم ئويۇن-تاماشىدا كۆڭۈل ئېچىشقا ھەمرا بولغۇچىلارنىڭ پۇلدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ خالىغانچە شەخسى ئەركىنلىكى بىلەن كارى بولمايدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، شۇنداقلا بۇنداق سورۇنلاردا يۈرگەن ئاياللارنىڭ جىنىس سودىسى قىلىپ كۆپلىگەن ئەرلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ھەم ئاتالمىش تاماشىغا ئامراق بەزى ئەرلەرنىڭ كۆپلىگەن ئاياللار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەت قىلىدىغان ، شۇنداقلا بەچچىۋازلارنىڭ خېرىدار ئىزدەيدىغان قىلمىشلىرى نامەلۇم بولمىغاچقا، مۇشۇنداق سورۇنلاردىن ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرگەن كىشىلەرنى ئەلۋەتتە، ئويۇن-تاماشىنىڭ ئەيدىزدىن ئىبارەت قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەملىرى دېمەي تۇرالمايمىز.

 

 


ئەيدىز ۋىروسىنى ئىزدەپ يۈرگەنلەرنى ساقلاپ كۈتۈپ تۇرغانلار

ھەددىدىن زىيادە ئۇيۇنخۇمارلىق بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش بولۇپ، خوشاللىقنىڭ، ھاياتنىڭ سەھنىسى ئۇيۇن-تاماشىدا دېگەن قاراشقا يۈزلىنىۋالغانلار باشقا ساھەلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان بولغاچقا، جان بېقىشتىمۇ، كۆڭۈل ئېچىشتىمۇ تاماشىغا مايىللىشىش كۆز ئ ئالدىدىكى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئۇيۇن-تاماشىنى چوڭ بىلىدىغان تونۇش شەكىللىنىپ قېلىپ، نېمە ئىش قىلسا ئۇيۇن-تاماشىنى ئارىلاشتۇرىۋالىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ئەھۋالغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيۇن-تاماشا ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. بەلكى، ئۇيۇن-تاماشىدىن توغرا ئۇسۇلدا پايدىلىنىشنى بىلمەسلىك بىلەن، ئۇيۇن-تاماشا ئادەمنىڭ پىسخىكىسىغا ھەم پائالىيەتلىرىگە پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، ئۇيۇن-تاماشىغا مايىل كىشىلەردە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى، دەم ئېلىش، ھېيت-بايرام كۈنلىرى، دوست-ئاغىينىلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى كۈتىۋېلىش دېگەندەك پائالىيەتلىرىنى، ئۇيۇن-تاماشا ئارىلاشقان سورۇنلاردا ئۆتكۈزۈشنى مۇھىم بىلىش ئادەتلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ئويۇن-تاماشىغا دۈم چۈشۈدىغان قىلمىشلىرى ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىپ، باشقىلارنى ھەم ئۆزلىرىنى ئويۇن-تاماشا ئارقىلىق خوشال قىلىش ئىستەكلىرى ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەل مەرەزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى، نۇقۇل ئويۇن-تاماشىنى كۆزلىگەن ھايات كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئىلەشتۈرۈپ قۇيىدۇ، قەلبىنى قالايمىقان قىلىدۇ، روھىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ، تەغدىرىنى ئوساللاشتۇرىۋېتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيۇن-تاماشىغا كۈنۈپ قېلىش كىشىلەرنى راھەتپەرەسلىككە ئامراق قىلىپ قۇيىدۇ. راھەتپەرەسلىك كىشىلەرنى ھوزۇر-ھالاۋەتنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيۇن-تاماشىدىن باشقىغا قىزىقمايدىغان بىغەملىك ھەم ئاچكۆزلۈك كىشىلەرنى ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. ئاقىۋەت، ئەيدىزنىڭ نەلەردە قانداق يۇقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلمايدىغان نادان باتۇرلار بارلىققا كېلىپ، "نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك" ھالەتتە، كىيىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغاندا، يۈزى قىزارماي تۇرۇپ گۇناھنى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىغا دۆڭگەيدۇ. دېمىسىمۇ، ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرىنىڭ ماگنىتتەك تارتىپ جەلپ قىلىشىنىڭ ئۆزىنى ئاسراشنى بىلمىگەنلەرگە ئادەملەر ئارا يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزدەك تارتۇقلىرىمۇ تەييار بولۇپ تۇرىدۇ.

 


مۇشۇنداقلاردىن ئەيدىز ۋىروسى تارقالمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ!

دېمەك، ئادەمنىڭ ئۆز ئىدىيەسى ئارقىلىق تاللىغان يولى ئۇنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ. يەنى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئادەمنىڭ ھەرقانچە پۇشايمان قىلسىمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ناھايىتى ئازابلىق تەغدىرىدۇر. چۈنكى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزلىرى كونتىرۇل قىلالمايدىغان ھالەتتە ئىچى-تاشقى جەھەتتىن ھەر خىل بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقىلار ئۇۋال بولۇپتۇ دېمەيدۇ، بەلكى خوپ بولۇپ دەيدۇ. ھاياتتا چەكسىز ئەركىنلىك بولمايدۇ، ھوزۇر-ھالاۋەتنىڭ پېيىدىلا يۈرۈش ئېغىر بەدەل تۆلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئادەمنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا نىسبەتەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بەدەل تۆلەش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر