بۇزىلىۋاتقان ئەخلاق، يامراۋاتقان ئەيدىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/10/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: تاھىرجان يۈسۈپ (ئوغۇز) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: تاھىرجان يۈسۈپ (ئوغۇز)

ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا، ماڭا ھەممە نەرسە يېڭىلىق تۇيۇلغان، يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەي كۆپ قىينالغان، بۇ شەھەردىكى نۇرغۇن نەرسىلەردىن بىزار بولغان، يېزامنى سەھرايىمنى، مېھرىبان ئانامنى قېرىنداشلىرىمنى سېغىنىپ غېرىپسىنغان، لېكىن ۋاقىت ھەممىگە كۆندۈرىدىغان، ھىس تۇيغۇلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان ئۈنۈملۈك دورا ئىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەن بۇ شەھەردىكى ھەممە نەرسىگە كۆنۈپ قالدىم، ئېگىز بىنالار، ھەيۋەتلىك كۆرۈكلەر، بىر بىرىدىن كۆركەم ماشىنىلار، كۆز ئالدىمدىكى ھەممە نەرسىدىن بەخىتنى ھېس قىلالايدىغان بولدۇم، مېنىڭ بۇرۇنقى زېرىكىشىمنىڭ ئورنىنى ئەمدى قايناق شەھەر تۇرمىشىنىڭ قايناملىرىغا سىڭىپ كىرىشكە بولغان ئۈمىدلەر ئېگەللىدى.
ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ بۇ شەھەرگە كەلگىنىمگە بىر نەچچە يىل بولۇپ قاپتۇ، ئۆتكەن يىلى قايتىپ، ئانامنىىڭ ھەم يۇرتۇمنىڭ باغرىغا قېنىپ كېلىش نېيىتىم بار ئېدى، لېكىن، خوجايىنىم بۇ تەلپىمگە قوشۇلماي، كېلەر يىلى رۇخسەت بېرەي دەپ تۇرۋالدى، ئۇنىڭ قوشۇلماسلىقىمۇ بىر ھېسابتا توغرا ئېدى، چۈنكى مېنىڭ يۇرتقا بېرىپ كېلىشىمگە ھېچ بولمىغاندا بىر ئاي رۇخسەت بەرمىسە يېتىشمەيدۇدە. مانا ئەمدى خوجايىن بىكىتكەن مۇددەتمۇ توشۇپ قالدى، ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا رۇخسەت بېرىشىنى كۈتۈپلا قالدىم. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا بۇ يىلقى ماي بايرىمىدىمۇ ماڭا ھېچ ئېغىز ئاچىدىغاندەك قىلمايۋاتاتتى.
-خوجايىن، ماڭا بېرىدىغان ھېلىقى رۇخسەتنىڭ ئىشىنى-تاقىتىم توشقاندەك ماي بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى ئۆزۈملا ئېغىز ئېچىۋەردىم.
-مەنمۇ ئويلاشقان ساڭا ئېيتاي دەپ تۇراتتىم، بوپتۇ ساڭا بىر ئاي دەم ئېلىش بېرەيلى، يۇرتۇڭغا بېرىپ ئاناڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەل، ئاناڭغا بېرىدىغان سوۋغۇتۇم بار كەچتە ئۆيگە بېرىپ ئېلىۋال، ئەسلىدە كەچتە تۇيۇقسىز دەپلا خوش قىلىۋېتەي دەپ ئويلىغان، ئۆزۈڭ سوراپ قالدىڭ -خوجايىن سۆزۈمنى دەپ بولغاندىن كېيىن، بىردەم قاپىقىنى تۈرىۋېتىپ ، مېنى ئەندىشىگە سېلىۋەتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا چىرايىنى ئېچىپ شۇنداق دېدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن بىزنىڭ خوجايىننىڭ كۆڭلى بەك ياخشى جۇمۇ ،بىزگە بەكلا كۆيىنىدۇ،ھەممە ئادەم بىزنىڭ خوجايىندەك ئاقكۆڭۈل بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى،ھە.
كەچتە خوجايىننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ ئانامغا تەييارلاپ قويغان، بىر كېيىملىك ئەتلەسنى قولۇمغا ئېلىپ، تەسىرلەنگىنىمدىن يىغلاپ كەتتىم .ھاياجان بىلەن كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى ئەتىگەندە تەييارلىقىمنى تەق قىلىپ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئىش ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم.
-ئوبدان كەلدىڭ نۇرمۇھەممەت، بىز تېخى سېنى ئىزدەي دەپ تۇراتتۇق، شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن بېجىرىدىغان بىر رەسمىيەت باركەنتۇق، شۇنىڭغا بارلىق خىزمەتچىلەرنى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىشىمىز كېرەككەن، سېنى ئىزدەي دەپ تۇراتتۇق، تەكشۈرتۈپ بولۇپ ماڭساڭ قانداق -مەسئۇل يېتەكچىم مېنى كۆرۈپلا زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك، ئاغزى بېسىقماي سۆزلەپلا كەتتى.
بوپتۇلا چىداي ھېلىمۇ ئىككى يىل چىداپتىمەن، يەنە ئىككى كۈن چىدىسام نېمە بوپتۇ، ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ تەسەللى بېرىپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن تەييارلانغانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ دوختۇرخانىغا ماڭدىم.
ئەتىگەندىن چۈشكىچە نەچچە كۆزنەكتىن ئۆتۈپ، تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ ، نەتىجىنى چۈشتىن كېيىن ئېلىۋالدىغان بولۇپ، پۈتۈن خىزمەتچىلەر يېقىن ئەتىراپتىكى بىر تاماقخانىغا چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن يىغىلدۇق، شۇ تاپتا ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى شۇنداق خۇشال ئىدى. خىزمەتداشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر-بىرىمىز بىلەن دوس بۇرادەرلەردىن بولۇپ كەتكەن يېقىن دوسلاردىن ئېدۇق، بىزنىڭ سىرىتلارغا چىقىپ ،بىر يەرگە يىغىلىپ بۇنداق بىر ۋاق تاماق يېمىكىمىزمۇ ئاسانغا توختىمايتى .
ھەممىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ، دېگەندەك بىر ۋاق تاماقنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك يەپ ، نەتىجىنى ئېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدۇق.
ئاۋال مەسئۇلىمىز دوختۇر بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ ھەممىمىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى
-ئابدۇرۇسۇل بۇياققا كېلە-مەسئۇلىمىز چىققاندىن كېيىن ئابدۇرۇسۇلنى چاقىرىپ باشقا بىر تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، باشلىقنىڭ ئابدۇرۇسۇلغا قاراپ سەت ئالىيىپ دۆشكەلەشلرىدىن ئۇنىڭ ئابدۇرۇسغا خاپا بولىۋاتقانلىقىنى ، گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىساقمۇ ھەممىمىز بىلىپ بولدۇق.
-قاراڭلا ئابدۇرسۇلنى يىغلىتىۋەتتى ئا ئادەم، نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟-بىر ئاغىنىمىز ئابدۇرسۇلغا ئىچى ئاغرىغاندەك ھەممىمىزگە ئابدۇرسۇلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
-شۇنى دەيمەن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ ، سالامەتلىكىدىن بىرەر مەسىلە چىقىپ قالغانمىدۇ يا.
-سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىققان تەقدىردىمۇ ، يا ئۇ ئۆزى كېسەل بولىمەن دەپ بولىۋالالمىسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا خاپولايدۇ،4
-توغرا، توغرا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس، يۈرۈڭلار بىزمۇ يېنىغا بارايلى، قانداق گەپ بۇ.
ھەممىمىز بىر -ئىككى ئېغىزدىن گەپ قوشۇپ يۈرۈپ ئابدۇرۇسۇل بىلەن مەسئۇلىمىزنىڭ يېنىغا يوپۇرۇلۇپ كەلدۇق.
ئابدۇرۇسۇل بىزنى كۆرۈپلا سىرىتقا قاراپ يۈگىرەپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئازابنى، قوبۇل قىلماق ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر رېئاللىقنىڭ ئۇنى قىسىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالغىلى بولاتتى.
-باشلىق ئۇنى نېمە قىلدىڭىز، سىز بۇنداق ئەمەستىڭىز ، نېمە ئىش بولسا چىرايلىق دېسىڭىز بولمىدىمۇ، ئۇنى نېمىشقا يىغلىتىسىز .
-چوپچوڭ ئوغۇلبالىنىمۇ يىغلىتالىغاندىكىن سىز خېلى قاتتىق گەپ قىلغان ئوخشايسىز ئۇنىڭغا، ئىشلەمچى بولغان گۇناھمۇ ئەمدى.
باشلىقىمىز بىر دەمدىلا بىزنىڭ تەنقىدلىرىمىزگە كۆمۈلۈپ كەتتى .
-نېمىشقا خاپا بولغىنىمنى بېرىپ ئۆزىدىن ياكى دوختۇردىن سوراڭلار ، ئەسلىدە سىلەرگىمۇ دېمەي دېگەن ، بىراق سىلەرمۇ، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ياش بالىلار شۇڭا دېمىسەم بولمايدۇ، ئابدۇرۇسۇل ئەيدىز كېسەلكەن، ئەمدى ئۇنىڭدىن ئامال بار يىراقراق تۇرۇڭلار ، سىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئىبىرەت ئېلىپ ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇپ يۈرۈڭلار يولدىن چىققانلارغا بېرىلىدىغان جازا بۇ.
يېتەكچىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .
بۇ شەھەرگە كەلمىگەن چاغلىرىمدا ، راك دېگەن ساقايماس كېسەلنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ لېكىن ئەيدىز دەيدىغان بىر كېسەللىكنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ قەۋمىمىزنىڭ ئىچىدىلا بارلىقىدىن بىخەۋەر ئىدىم.
زاۋۇت بىر قېتىم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق تەشۋىقات پائالىيتى ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن بۇ كېسەللىكنىڭ خەتىرى، زىيىنى ھەم تارقىلىش يوللىرىدىن خېلى ئەتىراپلىق خەۋەردار بولدۇم.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوقۇمى ئۆتكۈر بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا يالغۇز قالدۇرىشىغا ھەم كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدىم.
باشلىقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئابدۇرۇسۇلنىڭ كەينىدىن يۈگىرەپ چىقماقچى بولغان بىر نەچچەيلەنمۇ ئىزىدا توختاپ قالدى. بىراق مەن ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ، ئابدۇرۇسۇلنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، قېرىندىشىم، دىندىشىم ھەم قەۋمىم ، ئۇنىڭغا بۇ كېسەل مەيلى قايسى يول بىلەن يۇققان بولسۇن، مەن ئۇنى تاشلىۋەتسەم بولمايدۇ، ئانام بۇرۇن دەيدىغان -ئات سەپەردە سېنىلىدۇ، ھەقىقى دوست باشقا كۈن چۈشكەندە، دوستۇڭنى بېشىغان كۈن چۈشكەندە يالغۇز قويما ، بېشىغا كۈن چۈشكەن دوستىنى يالغۇز قويۇش ئەركەكلىكنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس -دەپ، ئابدۇرۇسۇلغا مەيلى نېمە ئىش بولغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشىم يېنىدا بولىشىم ھەم ئۈمىد، ئىشەنىچ بېغىشلىشىم كېرەك.
ئابدۇرۇسۇل شۇ يۈگۈرگىنىچە ياتاققا بېرىپ توختىدى. ئۇ ياتاققا كىرىپلا نەرسە كېرەلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ،كېتىشكە تەييارلىق قىلدى.
-ئابدۇرۇسۇل، ساڭا زادى نېمە ئىش بولدى، نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىپ، ئالدىرىماي بىر ئىش قىلغىن بولامدۇ؟-مەن ئابدۇرۇسۇلغا تەسەللى بېرىشكە ئورۇندۇم. ئابدۇرۇسۇل گەپ سۆزسىز ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردى .
-ساڭا زادى نېمە ئىش بولدى ،دەپ بەرسەڭچۇ ئاداش-مەن ئابدۇرسۇلنىڭ قولىغا ئېسىلدىم .
-نېرى تۇرغۇن ، ساڭا يۇقۇپ قالمىسۇن، ئاڭلىغانسەن باشلىقىڭدىن -ئابدۇرسۇل شۇنداق دەپلا مېنى ئىتتىرىۋەتتى.
-ئاڭلىدىم ، لېكىن بىز ئەيدىز توغرۇلۇق بىلىملەرنى نەچچە كۈن ئۆگەندۇققۇ، سېنى تۇتقانغا ، دوس بولغانغا ، ياكى بىللە ياشىغانغا بىزگە بۇ كېسەل يوقۇم قالمايدۇ، كەتسەڭ نەگە بارىسەن ئاداش، ئەڭ ياخشىسى تۇرۇپتۇرغىن، باشقا ئاغىنىلەرمۇ سېنى چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ.
-توغرا چۈشەنمەيدۇ ئاداش، ھەرگىز توغرا چۈشەنمەيدۇ-ئابدۇرۇسۇل چامدىنىنى تاشلاپ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى-مەن ئازدىم، ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلدىم، پەقەت بىر قېتىم ئېزىپ خاتا ئىش قىلغىنىم ئۈچۈن ئاللا ماڭا مۇشۇ جازانى بەردى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ بىر قەدەمنى خاتا باسقىنىم ئۈچۈن ، مېنىڭ مۇشۇنداق جازالىنىشىم توغرىمۇ ؟ مەن تېخى ئەمدىلا 18 ياشقا كىردىمغۇ ئاداش-ئابدۇرۇسۇل ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى .
-يىغلىۋال ئاداش، تازا يىغلىۋالغىن، يىغلىساڭ ئىچىڭ بوشاپ قالار-ئابدۇرسۇلغا مەدەت بېرىشكە تىرىشاتتىم-يىغلاپ بولۇپ ماڭا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگىن.
ئەيدىز يۈز قارىمايدۇ
بۇ مەن ئۈرۈمچىگە يېڭىلا كەلگەن چاغلىرىم ئېدى-ئابدۇرسۇل بىر ھازا يىغلىۋەتكەندىن كېيىن سۆز باشلىدى-سەن ئۇقىسەن ئاداش ، مەن تاماكا چەكمەيمەن ، ھاراق ئىچمەيمەن، چىرايلىق بىر ۋاق بولسىمۇ نامزىمنى ئوقۇپ، يۈرىدىغان ئادەم.
ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا ، دەماللىققا قىلغۇدەك ئىش تاپالماي، ئۆيدىن ئېلىپ چىققان پۇللارنى خەجلەپ بولاي دەپ قالدىم، كېچىلەرنى سىرىتلاردا، باغچىلاردا تۈنەپ يۈرۈپ ئۆتكۈزدۈم، شۇ كۈنلەردە بىر كۈنى ياشلار بارغچىسىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتساپ، بىر ئاپاش چاقىردى، نېمە گېپى باركىن دەپ توختىسام،_خالىيراق يەرگە بارايلى سىزگە دەيدىغان گېپىم بار -دېدى. ئانامدەك ئايالكەن ماڭا نېمە يامانلىق تېگەر دەپ كەينىدىن ماڭسام-سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى ، بىزنىڭ ئۆيگە بارايلىمۇ -دەپ، ئۇيان، بۇيانلىرىمنى سىلغىلى تۇردى، نېمىلا دېگەن بىلەن چوڭ بولسىمۇ ئاتقا ئايال كىشىكەن، ئۇنداق قىلسا چىداپ تۇرغىلى بولمايدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرسام، سىزگە پۇل بېرىمەن قانچە پۇل دېسىڭىز مەيلى -دېدى.
خەجلەيدىغانغا پۇل يوق، يانچۇقۇم قۇرۇقدۇلۇپ قالغان چاغدا ، ئۇ ئايالنىڭ دېگەن سۆزلىرى قىزىقىشىمنى قوزغاپ كەينىمگە يېنىپ توختاپ-ماڭا 500 كوي بېرەلەمسىز -دېدىم، ئۇ ئايال دەرھال ماقۇل بولدى.
بۇرۇنلاردا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا پۇل بېرىدىغىنىنى ئاڭلىغاچقا ، بۇ ئايالنىڭ ماڭا پۇل بېرىمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ ، كۆز ئالدىمدىكى قىينچلىقتىن قۇتۇلىۋېلىش ئۈچۈن ، ھەيرانلىق بىلەن كەينىدىن ماڭدىم.
ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئايال راس دېگەندەك 500 كوي بەردى ، لېكىن مەن قىلغان ئىشىمغا بەكلا پۇشايمان قىلدىم ، ھەم ئۆز -ئۆزۈمگە ئىككىنچى بۇنداق ئىش قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ، ئايالنىڭ سىزگە تېلىفون ئەپ بېرەي، مېنى يەنە ئىزدەپ كىلىڭ، دېيىشلىرىنىمۇ ئاڭلىماسلىققا سېلىپ،ھە-دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتىم. كېيىن بۇ زاۋۇتتىن ئىش تاپتىم . سىلەر بىلەن تونۇشتىم، گۇناھىمغا خېلى كۆپ تۆۋە قىلدىم. تەشۋىقاتچىلار كەلگەن ھېلىقى كۈنى ، ئۆزۈمدە بۇ كېسەلنىڭ بەزىبىر ئالامەتلىرى كۆرىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئەنسىرىگەن بولساممۇ، لېكىن بىر قېتىم قىلغانغا ھېچئىش بولماس دەپ، ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى بارا-بارا ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم بىراق بۈگۈن تەكشۈرۈشتە قوققىنىم بېشىمغا كەلدى.
ئابدۇرۇسۇل كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ ماڭا دەرتلىرىنى ئېيتتى . ئابدۇرۇسۇلنىڭ سۆزلى تۈگەپ بولغۇچە باشقا بالىلارمۇ قايتىپ كەلدى.
-تېخى كەتمەپتىغۇ ما ئاداش-ئەرشىدىننىڭ كىرىپلا قىلغان توڭ سۆزى بىلەن باشقا بالىلارمۇ قارا قوچقاچنىڭ باللىرىدەك ئەگىشىپ سۆزلەپ كەتتى .
-شۇنى دەيمەن ،نىمىگە كەتمەيدىكىنە ،يۈزىنىڭ قېلىنلىقىنى.
-قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، ئەمدى كېسىلىنى بىزگە يۇقتۇراي دەمدىكىن بۇ بايقۇش .
ئابدۇرۇسۇل بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي بايا چالا قالغان نەرسىللىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا كىرىشتى.
-بالىلار ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى، بىز دىگەن بۇرادەر ، ئۇ كەتسە نەگە بارىدۇ، بىر نەچچە كۈن تۇرغانغا كېسىلى يوقۇپ قالماس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىكادىن بىكار يۇقىدىغان كېسەل ئەمەسقۇ بۇ؟-مەن ئابدۇرۇسۇلغا قاراپ ئىچىپ سىيرىلىپ بالىلارنى باسماقچى بولدۇم.
-يۇقۇش يۇقماسلىقىنى سەن نەدىن بىلىسەن ئاداش، سەن يۇرتۇڭغا كېتىسەن شۇڭا مۇشۇنداق گەپ قىلىۋاتىسەن ، سەن كەتسەڭ ، بۇ ياتاقتا ئۇنىڭ بىلەن قالىدىغىنى يەنىلا بىز، يۇقۇملۇق كېسەل دېگەننى يۇقىدۇ-يۇقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئىچى يامانلىق قىلىپ ،كېسىلىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويغان ئەيدىزلەرنىمۇ كۆپ ئاڭلىغانمەن، ئەڭ ياخشى كەتكىنى ياخشىمىكىن، بەك ئىچىڭ ئاغرىپ كەتكەن بولسا سەن يۇرتۇڭغىلا ئېلىپ كەتكىن بولمىسا -ئەرشىدىن مېنىڭ سۆزۈمگە دەرھاللا رەدىيە بېرىپ ، ئاغزىمنى تۇۋاقلىدى ، مەنمۇ ئەمدى ئۇلارغا باشقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى بىلىپ ، ئاغزىمنى يۇمدۇم.
ئابدۇرۇسۇل نەرسە كېرەكلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ، ھېچنىمە دېمەستىن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدىم .
-ئاداش كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن،سەن تېخى ئۇزاق ياشايسەن، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى روھىي كەيپىياتىڭ بىلەن باغلىنىشلىق كەيپىياتىڭنى خۇشال تۇتۇپ، ۋاقتىدا دورا يەپ، ياخشى ئوزۇقلانساڭلا چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن-ئابدورۇسۇلدىن خاتىرجەم بولالماي ئۇنىڭ كەينىدىن تاكى بىر ياتاققا كىرىپ ئورۇنلاشقانغا قەدەر ئەگىشىپ مېڭىپ، شۇ سۆزلەرنى دەپ ، ئەتە ئەتىگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش ئورنىغا بارىدىغانغا دېيىشىپ قويۇپ، ياتاققا قايتىپ كەلدىم.
باشقا بالىلارنىڭ-شاپائەتچى جىگۇڭ بىگىم كەلدى -دېيىشلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي، ياتاققا كىرىپلا ئورنۇمغا چىقىپ ياتتىم، شۇ تاپتا ئابدۇرۇسۇلنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر يۈرىكىمنى ئېزىۋاتاتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئابدۇرۇسۇل چۈشكەن ياتاققا قاراپ ماڭدىم، لېكىن مەن كەلگەندە ،ئابدۇرۇسۇل ئاللىقاچان ياتاقنى قايتۇرىۋېتىپ كېتىپ بولغان ئېدى، ئۇنى بىر كۈن كەچكىچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ ھېچيەردىن تاپالمىدىم ، ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ،ئۇ زادى قەيەرگە غايىپ بولغاندۇ؟ ئۇنېمە ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولىدۇ ؟ئەيدىزنىڭ قەۋمىمىز ئىچىدە شۇنچە تېز ھەم بېمالال تارقىلالىشىدىكى سەۋەبلەر ھەم يوللار قايسى؟
-ئوھوي ،ئىشقىمۇ بارماي ،يۇرتقىمۇ قايتماي ئاغىنىسىنىڭ كەينىدىن يۈرگەن ئوخشىمامدۇ ،ماۋۇ پىداكار-ياتاققا قايتىپ كىرىشىمگە ئەرشىدىننىڭ قوپال ئەيىپلەشلىرىگە ئۇچۇرۇدۇم، ئەرشىدىن بىلەن بىر ئاۋال قول بېرىشىپ جانجىگەر دوسلاردىن بولۇشقا ئەنىت ئىچكىنىم ھېلىمۇ يادىمدا، مەن ئۇنى جىگەرلىك ۋېجدانلىق، باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان ، ھەممە ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلىيالايدىغان ياخشى بالا دەپ ئويلايتتىم، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەگە تولىمۇ ئېچىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە نەچچە ئايغىچە دەرت تارتىپ يۈرگەن ئېدىم، بېراق ئۇنىڭ تۆنۈگۈندىن بېرى ئابدۇرۇسۇلغا تۇتىۋاتقان پوزىتسىيەسى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قاراشلىرىم بىلەن سوقۇشۇپ قېلىۋاتاتتى.
-ئەرشىدىن يۈرە بۇياققا ، ساڭا دەيدىغان گەپ بار-مەن ئەرشىدىنگە ئايرىم ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىسام بولمايدىغاندەك ھېس قىلىپ ،ئۇنىڭ دولىدىن تارتىپ ماڭدىم .
-نېمە گەپ ، نېمە گەپ مۇشۇ يەردە دېسەڭ بولمامدىكەن-باشقا بالىلار غۇلغۇلا قىلىشىپ كەتتى ، مەن گەپ سۆز قىلماي ئەرشىدىننى باشلاپ بىنانىڭ ئالدىغا چۈشتۈم.
-ئەرشىدىن سېنى خېلى ۋېجدانلىق جىگىرى بار ئوغۇلبالا دەپ يۈرسەم نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىسەن، ئەگەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولسا مېنىمۇ تاشلىۋېتىدىغان ئوخشىمامسەن؟
-سەن ئۇنداق قىلمايسەن ، مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن-ئەرشىدىن سۆزۈمگە رەدىيە بەردى-مەنمۇ سېنى ئويلاپ ئاشۇنداق دەۋاتىمەن ، ئابدۇرۇسۇلدىن يىراق تۇر ، يۇقۇپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئاڭلىسام ئەيدىز ئادەملەر ئىچى يامانلىشىپ كېتىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە كېسىلىنى يۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشى قالمايدىكەن.
-كېم كېسەل بولىمەن دەپ ئويلىيالايدۇ،ھەرقانداق كېسەلنى ئاللا بېرىدۇ،مەيلى شۇ كېسەلگە لايىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن،بۇ گەپنى ناھايىتى ياخشى دېدىڭ، شۇ كىشىلەر نېمىشقا باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ سەن بۇنى بىلەمسەن، دەل سەندەك ،مەندەك دوسلىرى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى بىلىپلا دوسلۇقتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن، خوجايىنغا ئوخشاشلار خىزمىتىدىن ئايرىغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىدىكىلەر كەمسىتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كېسىلىدىن يىرگىنىپ ،باشقا كېسەللەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ياشاشقا ئامالسىز قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر ئاشۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ ھاياتىغا ئىشەنىچ بېغىشلىساق ، تاشلىۋەتمەي يېرىم كۆڭلىگە تەسەللى بېرەلىسەك، دوسلۇقىمىزنى ماقامىغا يەتكۈزۈپ داۋام ئېتەلىسەك ،شۇلار بىزگە ئۆچ بولارمىدى، ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىمىغان بولساق، بىزگە زىيانكەشلىك قىلارمىدى. ساڭا دېسەم ئابدۇرۇسۇلنى تاپالمىدىم، ئۇ كېتىپتۇ، سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن گەپ ئويلاپ باقە ، ئۇنىڭ ئورنىدا سەن بولۇپ قالغان بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى ئاداش-سۆزلىرىمنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتەلمەي يىغلاپ كەتتىم-بىچارە ئابدۇرۇسۇل شۇتاپتا نەلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرىۋاتقاندۇ؟
-ئاداش خاپا بولمىغىن مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن-ئەرشىدىننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ پىكرىدىن يانغان چېغى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم .
-لېكىن-ئەرشىدىننىڭ لېكىن دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدىم .
-بۇ كېسەل ئاللاھنىڭ گۇناھكار بەندىللىرىگە بەرگەن جازاسى ،ئابدۇرۇسۇلمۇ چوقۇم شۇ كېسەلگە لايىق بىر ئىش قىلمىغان بولسا بۇنداق بولۇپ قالماس بولغىيتى ،سەن قانداق قىلساڭ ئارلاشمايمەن،لېكىن ئەمدى مەن ئۇنىڭ بىلەن دوس بولالمايمەن.ئەرشىدىنگە سۆزلىرىم تەسىر قىلمىغاندەك ،گەپ سۆز قىلماي ياتاققا چىقىپ كەتتى،مەن پەستە خىيالغا پاتقانچە تۇرۇپ قالدىم.توۋا،شۇنچە ئۈمۈت كۈتكەن ،ئىشەنگەن دوسلىرىمنىڭ ئەھۋالى بۇ،ئەي ئاللاھىم،ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنىدىن پاناھ تىلەپ ئۆزۈڭگە سېغىنىمەن،بەندىللىرىڭنىڭ ئالدىدا خار بولىدىغان كۈنگە قويمىغىن.
شۇ كۈنى يۇرتقا قايتماقچى بولغان بولساممۇ ،ئابدۇرۇسۇلدىن ئەنسىرەپ ،يەنە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ئاندىن قايتماقچى بولدۇم.كېچىچە كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەي خېيال بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇم.ئەتىسى سەھەر ئىشقا ماڭايلى دەپ تۇرساق،ئىشىك چېكىلدى،مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
تېخىچە ماڭمىدىڭىزما-ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ كۆزەينەكلىك يېتەكچىمىز تۇراتتى.
-ياق تېخى ئابدۇرسۇلدىن خەۋەر يوق، ئەنسىرەپ قالدىم، خەۋىرى بولغاندىن كېيىن ماڭايمىكىن دەپ ، تۇرۇپ قالدىم-ئىشىكنى ئېچىپ باشلىقنى ياتاققا باشلىدىم-قېنى كىرىڭ،بالىلارمۇ ئەمدى ئىشقا ماڭاي دەپ تۇرغان،مېنىڭ بىر ئايلىق دەم ئېلىشىم بولغاچقا سىرىتقا چىقىپ ئابدۇرۇسۇلنىڭ خەۋىرىنى قىلىپ باقايمىكىن دەپ تۇراتتىم.
بولدى چىقماڭ ،ئەمدى چىقىشىڭىز ھاجەتسىز.
-ئابدۇرۇسۇل زاۋۇتقا كەپتىما-باشلىقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدىم.
-ياق قايتىپ كەلگىنى يوق،لېكىن ئۆلگىلى تاسلا قالغان ئوخشايدۇ-باشلىقىمىز كارۋاتقا كېلىپ ئېغىر ئولتۇرۇپ كېتىپ گەپ باشلىدى-بايا زاۋۇتقا تېلىفون كەلدى ،ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش تەشۋىقات ئەترىتى دەيدۇ،ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ،ئابدۇرۇسۇل قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپتا،كېتىۋاتقان ماشىنىغا ئۆزىنى ئاتقان ئوخشايدۇ،لېكىن باشقىلار ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئامان قاپتۇ،ئۇلار ئۇنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئېگەللەش ھەم زاۋۇتتا تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كەلمەكچىكەن،بىكادىن بېشىمىزغا ئىش تېپىۋالمايلى،قايسى كۈننىڭ ياقى يۈزبەرگەن ئىشلارنى سەل مەخپىيرەك تۇتۇپ تۇراسىلەر، ئۇلار جەزمەن ھەممىڭلاردىن ئەھۋال ئېگەللەيدۇ.
-ماشىنا سوقىۋەتكەن بولسا قان چىققاندۇ، قۇتقۇزۋالغان ئادەمگە كېسىلى يۇقۇپ قالماپتىمۇ؟-ئارىمىزدىكى بىرەيلەننىڭ سوئالىنى ئاڭلاپ نېرۋام قىرىق گەز ئۆرلىدى.
-توۋا دەڭلار قېرىنداشلىرىم توۋا،ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن دەپ سورىساڭلار بولمامدۇ، ئاۋال، نېمىلا دېگەن بىلەن ئابدۇرۇسۇل بىز بىلەن بىر يىل بىر ياتاقتا يېتىپ،بىر ناننى بۆلۈشۈپ يىگەن جان قېرىندىشىمىزغۇ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيدىغان بىرەسىڭلار يوقمۇ ؟-باشلىقنىڭ سۆزلىشىنى كۈتمەيلا ئىچىمدىكى غەزەپنى تىلىمغا چىقاردىم.
-ئۇنى مەن بىلمىدىم، ھېلى كەلگەنلەردىن سوراپ باقاسىلەر -باشلىق شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى.
-ئۇ قايسى دوختۇرخانىدىكەن، مەن بېرىپ كېلەي-مەن باشلىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ سورىدۇم.
-مەن بىلمىدىم، ئۇلار ماڭا مۇشۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىنىلا ئېيتتى، باشقا گەپلەرنى مەنمۇ سورىماپتىمەن-باشلىق شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ، مەندىمۇ ئەمدى ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال قالمىغانلىقىنى بىلىپ باشقىلارغا ئەگىشىپ زاۋۇتقا چىقتىم .
ئارىدىن بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئاق رەڭلىك ئاپتۇبۇس زاۋۇت قورۇسىغا كىرىپ، ئونغا يېقىن مەيدىسىگە قىزىل لىنتا تاقىغان قىز ئوغۇللار كىرىپ كەلدى ، باشلىقلىىرمىز ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بىزنى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى توختۇتۇپ يىغىن زالىغا كىرىپ تەرتىپلىك ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى.
-بالىلار تېخى ئاخشاملا بىر سەپدىشىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغىنى تاس قالدىڭلار،بەلكىم ئۇ بۇرۇن سىلەرنىڭ سەپدىشىڭلار بولغىيدى ۋە ياكى يېقىن دوستۇڭلار قېرىندىشىڭلار بولغىيدى ،بىراق دەل سىلەر ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىنى تاسلا قالدىڭلار،بەلكىم بۇنداق دېسەم سىلەر -بىزدە نېمە گۇناھ بار دەپ ئۆزۈڭلارنى ئاقلىشىڭلار مۇمكىن،لېكىن سىلەر ئۇنى كەمسىتمىگەن بولساڭلار ،ئاراڭلاردىن سىقىپ چىقىرىۋەتمىگەن بولساڭلار بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنى ماشنىنىڭ ئالدىغا ئاتماس بولغىيدى .ئاخشام كەچ بىز دوختۇرخانىدىن بىر ئەيدىز بېمارىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ،دەرھال بېرىپ، ئابدۇرۇسۇل ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى كېتىۋاتقان ماشنىغا ئاتقانلىقىنى ،ھېلىمۇ ياخشى ماشىنا شوپۇرى چاققان كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئابدۇرۇسۇلنىڭ يىنىك يارىلانغانلىقى ،لېكىن نەچچە كۈن ئوزۇقلانمىغاچقا ئاچلىقتىن ھوشىسىزلانغانلىقىنى شوپۇرنىڭ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگەندىن كېيىن ،بۇ يېگىتنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلىپ، ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، مەلۇم ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولدۇق.ئۇنى نەچچە كۈن ئاچ يۈرۈشكە ،ھاياتتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغان كۈچ زادى نېمە؟ تۆۋەندە بىزنىڭ تەشۋىقات گورۇپپىمىزنىڭ بىر نەچچە نەپەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئەزالىرىنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىپ باقايلى.
بىز ئولتۇرۇپ تەق بولغاندىن كېيىن، ياشقىنا كەلگەن كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر يىگىت شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ ،گۈلمىرە ئىسىملىك بىر قىزنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى .
-بەلكىم سىلەر بىزدەك ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى يولدىن چىققانلار جازاسىنى تارتقانلار دەپ كەمسىتىشىڭلار مۇمكىن،لېكىن بىزنىڭ مۇشۇنداق يولدىن چىقىشىمىزغىمۇ سەۋەپچى بولغان مەلئۇن ئىنسانلار بىزنىڭ ئارىمىزدا بار-گۈلمىھرە دېگەن قىز شۇنداق دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى-بۇرۇن مەنمۇ ئەيدىز دېگەن بۇ كېسەلنىڭ ،ئىسمىنى ئاڭلىغان چېغىمدا ئىنتايىن يىرگىنىپ كېتەتتىم،كىچىكىمدىن ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان ،ئاتا-ئانامنىڭ ئەركە قىزى ئىدىم،ھەممە ئىش، مەن تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتاپلاردە ياخشى ئوقۇپ، چوڭ شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ياخشى نەتىجەن بىلەن ئۆتكەن شۇ كۈنلەردىن باشلاندى.
ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا ،چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، ئاتا-ئانامغا شەرەپ كەلتۈرىمەن دېگەن بىرلا ئويۇم بار دەپ ئويلاپ شۇ ئويۇمنى ئۆزۈمگە نىشان ھەم ۋەزىپە قىلىپ بېكىتۋالغانتىم، لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە ،مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ،بىر يىگىتنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدىم،شۇ كۈنلەردىن باشلاپ ،ئۆزۈمنى بەخىتكە چۆمۈلدۈم دەپ ئويلاپ ،ئۇ يىگىتنى بارلىقىم بىلەن ياخشى كۆردۈم،بىر كۈنى بەزمىخانىدىن قايىتقاندا رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ ئىچىدە مۇھەببەتنىڭ شىرىن قاينىمىدا مەس بولغان شۇ دەملەردە خۇدۇمنى يوقىتىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بېغىشلىدىم،مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن بىر يىگىتنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىلەر ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ،ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشپ،ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ مەندىمۇ ئەگىشىپ كۆرۈلىشىكە باشلىدى، گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ، تەكشۈرۈتۈپ،ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلدىم.
شۇنداق قىلىپ،ئۆزۈم سۆيگەن ھەم ئىشەنگەن ئادەم ماڭا زېيانكەشلىك قىلدى،ئەمدى ھايات ياشاشقا سالاھىيتىم توشمايدۇ دەپ ئويلايتتىم،لېكىن ھاياتىمنى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ چىدىمايتتىم.بوپتۇ ھەر ئىككىلىمىز شۇ كىسەلكەنمىز بىللە تۇرمۇش قۇرۇپ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرەيلى دەپ ئويلاپ ،ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئەڭ ئۆچلۈك قىلىدىغان بۇ ئىنسان بىلەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى نىيەت قىلدىم ،
بىراق ئۇ زەھەر چېكىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزاققا بارمايلا ھاياتىدىن ئايرىلدى،ئۇنىڭ ئۆلىمى بىلەن تەڭلا مېنىڭ كېسىلىممۇ ئاشكارلىنىپ مەكتەپتىن ھەيدەلدىم.
تەسەللىگە مۇھتاج بولۇپ زور ئىشەنىچ بىلەن ئۆيگە قايتىپ بارغىنىمدا،تۈگىمەس تىل تاياقلارغا ئۇچىراپ ،بوسۇغىدىنمۇ ئاتلىيالماي،مېھرىبان ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلىرى بىلەن دىدارلىشىپلا قوغلاندى قىلىندىم.ئۆلمەكچى بولۇپ دەريا بويىغا باردىم،لېكىن غايىپتىن كەلگەن -بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسەڭ قانداق بولىدۇ،سېنى سىغدۇرمىغان شۇ ئىنسانلاردىن قىساس ئالغىن،سېنى پاتقۇزمىغان ،گۈل باھارىڭنى خازان ئەيلىگەن شۇ باغرى تاش ئەرلەردىن يىگىتلەردىن قىساس ئالغىن-دېگەن بىر خىيالنىڭ كۈچى بىلەن بۇ نىيتىمدىن يېنىپ،ھاياتىم خازان بولغان ھېلىقى شەھەرگە قاراپ ماڭدىم.بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،مەن ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر قىزغا ئايلاندىم،چىرايىمغا تايىنىپ،پۇلى بار ،شەھۋەتپەرەس ئەرلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى مەسچىلىكتە،مەن ئەيدىز دېيىشلىرىمگە قارىماستىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،ماڭا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ،ئۆزىنى يوقاتتى،بەزىللىرىنىڭ ئائىلسى توغرۇلۇق سوراپ بېقىپ،ئاياللىرىغا ئىچىپ ئاغرىپ گاندۇن ئىشلىتىشنى ئېيتتىم،لېكىن مېنىڭ تەۋسىيەمنى ئاڭلىمغانلارغا مەيلىڭ ئۆلگۈڭ كەلگەن بولسا ئۆزۈڭنىڭ ئىشىڭ دەپ كارىم بولمىدى .
شۇنداق ۋاقىتلاردا بىر تاكسى شوپۇرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم،ئۇ باشقا ئەرلەرگە ئوخشاش ھەۋىسىنى قاندۇرۇپلا قالماي،يەنە مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،مەن بىلەن ئارلىشىش نېيىتى بارلىقىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى،ئۇنىڭ ئايالى باللىرى بارلىقىنى بىلەتتىم،شۇڭا ھەر قېتىمدا ئۇنىمىغىنغا ئۇنىماي گاندون ئىشلەتكۈزەتتىم.لېكىن كىم ئويلىغان دەيسىز؟
تاكسى شۇپۇرى بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ خېلى تۈز ھەم ئاقكۆڭۈل ئادەملىكىنى ھېس قىلدىم،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھازىرقى ئايالى بىلەن بىرنەۋرە ئاكا سىڭىللاردىن بولغاچقا ئۆيىدىكىلەرنىڭ زورى بىلەنلا توي قىلغان بولغاچقا ،كۆڭلى ئۇنىڭدىن سۇ ئىچمەيدىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن تالاغا قاراپ قاپتۇدەك،مېنىڭ -ئايالىڭنى قويىۋېتىپ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلساڭ بولمامدۇ ؟دېگەن سوئالىمغا،باشتا شۇنداق قىلالماپتىكەنمەن ئەمدى نەچچە بالا بولغاندا تەس باللىرىمنى يېتىم قىلغۇم كەلمەيدىكەن -دەپلا جاۋاپ بەردى،ئۇنىڭ بۇ باھانىلىرىنىڭ جىڭغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن،لېكىن ،كۆڭلى چۈشمىگەن بىر ئىنسان بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنىمۇ چۈشىنىمەن،باشقا سەۋەبلەرنى ئويلاپ ئاۋارە بولۇشنى خالىمايمەن،چۈنكى بىر بىىرگە بۇھەببىتى سۇسلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بەزى سەۋەبلەردىن يەنىلا باغلىنىپ ياشاۋاتقان ئەر-ئاياللار ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيۈمدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى دەپ تالاغا قارىسۇنمۇ؟
ئارىدىن ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇنىڭدىمۇ مەن يېڭىدىن يۇقۇملانغاندا بولغاندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى،ھەر قېتىم ئۇ زۇكامداپ نەچچە كۈنگىچە ساقايماي يۈرگەن چاغلىرىدا ،تېرىللىرىنىڭ ئۇياق،بۇياقلىرىغا بىر نەرسىلەر چىقىپ يىرىڭداپ قالغان ۋاقىتلاردا،ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلىقىنى سېزىپ تۇرغان بولساممۇ ئاغزىمدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.
بىر كۈنى ئۇ يېنىمغا غەزەپ بىلەن كېلىپ-ئېيتە سەن ماڭا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويدۇڭمۇ -دەپ ئاچچىقلاپ مېنى ئۇرۇپ ،تېپىپ كەتتى.
ئوينىغان چاغدا ،سورىماي ئوينايسەن،ئەمدى بولغاندا مەندىن سورىساڭ مەن كىمدىن سورايمەن،بۇنداق بولىشىنى ،مەن گاندۇن تاقا دېگەن چاغدىلا بىلىشىڭ كېرەكتى ھەممىسىنى ئۆزۈڭنىڭ دۆتلىكىڭدىن كۆر -مەنمۇ بوش كەلمەي تازا ۋارقىرىدىم.
-ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن،بىگۇناھ ئايالىمغىمۇ بۇ كېسەل يۇقۇپ بولغاندۇ،ئۇنىڭ قورسىقىدىكى تۇغۇلاي دەپ قالغان بالام قانداق بولۇپ كېتەر، مەن ھەممىنى تۈگەتتىم ،ئۆزۈمنىمۇ،ئائىلەمنىمۇ ھەممە نەرسەمنى تۈگەتتىم،ئەمدى مەن ئاتا-ئانامغا قانداق قارايمەن ،بالىلىرىمغا قانداق يۈز كېلەلەيمەن-ئۇنىڭ ئاھ زارلىرىنى،داد-پەريادلىرىنى كۆرۈپ،ئىچىم ئاغرىپ قالدى.ھەممىدىن بەك قورساقتىكى بالا دېگەن گەپنى ئاڭلاپ،ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى بىگۇناھ ئىنساننىڭ قاتىلىغا ئايلانغانلىقىمنى بىلىپ قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپ ،شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويغانلىقىمنى چۈشىنىپ يېېتىپ ،گۇناھلىرىمغا تۆۋە قىلىش قارارىغا كەلدىم.
ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇۋېلىپ تازا يىغلىۋالغاندىن كېيىن گەپ سۆز قىلماي چىقىپ كەتتى،ئەمدى ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئېدىم،بىراق ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك يېنىمغا كېلىۋەردى ،كېسىلىنى ماڭا ئوخشاشلا مەخپىي تۇتۇپ،يوشۇرۇن دورا يەپ،ياشاۋەردى،لېكىن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كېسىلىدىن خەۋىرى يوق،ھەم دورا يەپ ئالدىنى ئالمىغاچقا كېسىلى تېز ئېغىرلىشىپ،تۇغۇتىدا ئاجىزلىشىپ،ئۆلۈپ كەتتى.ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر بوۋاق ،ئەيدىز دېگەن نامنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ،تۇغۇلدى .
ئايالىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن شوپۇرنىڭ كېسىلى ھەممە ئەھۋال بىلەن بىللە ئوتتۇرغا چىقتى.ئۇ ئەمدى بۇ شەھەردە ياشىغۇدەك يۈزۈم قالمىدى دەپ ،مەن بىلەن بىرگە ئىچكىىرىگە كىرىپ كەتمەكچى بولدى،چۈنكى ئاتا-ئانىسى ئاللىقاچان ساق بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىپ،ئۇنىڭدىن كېچىپ،ھەممە كىشىنىڭ نەپىرەت ئوبىكتى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئىچكىرىدە بىر نەچچە يىل ئۇششاق چۈشەك ئىشلارنى قىلىپ كۈن كەچۈردۇق،مېنىڭ كېسىلىم ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇزاق تارىخقا ئېگە بولغان بولسىمۇ ،ئۇ مەندىن بالدۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى.بىز بىلەن بىرگە كىرگەن ئەيدىز بىلەن يوقۇملانغان ئىككى ياشلىق پەرزەنتى ماڭا قاراشلىق بولۇپ قالدى،ئۇنىڭ ئەمدىلا چىقىۋاتقان ئاچچىق تىللىرىنى ئاڭلىغان چېغىمدا ،ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قاتىلى ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ قاتتىق تولغۇنۇپ كېتەتتىم.ئۇنىڭغا ئوخشاش قانچىلىغان بالىنىڭ مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق ئازابلىناتتىم.شۇ ۋاقىتلاردا بۇرۇنقى ھېكايىلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئۆيدىن يېڭىلا چىقىپ كەتكەن چاغلىرىم ئېدى، يىراق ئۈرۈمچىگە كەتكۈدەك پۇلمۇ يوق ئېدى شۇ ۋاقىتلاردا ، بۇرۇن باشقىلاردىن ئاڭلىغان ناھىيمىزدىكى ، تەن ساتىدىغان بازار بولىدىغان بىر دوقمۇشقا كېلىپ تۇردۇم، نەپسى تاقىلداپ كەتكەن بىر نەچچىسىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ ، ھەم ئۆچ ئېلىش مەخسىدىمگە ھەم پۇل تېپىش مەخسىدىمگە يەتتىم ، يەنە ئازىراقلا پۇل كەملەپ قالغان ئېدى، تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغاندەك 16 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا يېنىمغا كېلىپ، ماڭا قاش ئوينۇتۇپ نەچچە پۇل دېدى 100 دېيىشىمگە يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ،50 نەچچە يۈەن پۇلنى چقىرىپ ، مانىڭغا بولامدۇ ، دېدى،-ياق دېسەم باشقا بىر ئايالنىڭ يېنىغا بارماقچى بولدى. چىرايىغا قارىسام سەبىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ بالىغا بىر قاراپلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، بۇ يەردىكىلەرنىڭ قايسىبىرىنى مەندەك كېسلى يوق دەپ ئېيىتقىلى بولسۇن، ئۇنى چاقىرىپ ، جايغا ئاپارغاندىن كېيىن گاندون بېرىپ نەپسىنى قاندۇرۇپ يولغا سالدىم، قايتىپ چىقاشىمدا ، مۇشۇ بالىغا ئوخشاش ماراپ تۇرغان نۇرغۇن بالىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.
شۇ ئىشلار شۇ سەبىيلىكى كەتمىگەن بالىلار، ئۆزىنىڭ كېسىلىنى بىلمەي يۈرىۋاتقان نادان قېرىنداشلىرىمنى ئويلاپ، يۇرتقا قايتىپ، ئۆزۈم ئارقىلىق ئۇلارغا ئېبىرەت بېرىش نېيتىدە 2 ياشلىق نارسىدە بالىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ،مۇشۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىردىم.
مېنىڭ ھېكايەم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، مېنى نېمە دەپ ئەيىپلىسەڭلار مەيلى، مەن شۇ ئەيىپلەرگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، لېكىن سىلەرمۇ ئويلاپ بېقىڭلار، قايسى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەندەك مۇھەببەت كەچمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان،
ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاشىقىڭمەن دەپ يۈرگەن يىگىتلەرگە ئۆزىنىڭ باھارىنى تەقدىم قىلىۋاتقان قىزلار ئەتراپىمىزدا ئازمۇ؟ مەن سۆيگەن يىگىتنىڭ ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن مەن ئۇلاردىن پەرىقلىقمۇ؟ يالغۇز مەنلا كەمسىتىلىشىم، ئەيىپلىنىشىم كېرەكمۇ؟ مېنىڭ كېيىنكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان گۇناھلارنى قىلىشىمنىڭ سەۋەبكارى زادى كىم؟ دەل ئەتراپىمدىكى يېقىنلىرىم، سىلەردەك ئويلايدىغان كىشىلەر ھەم مېنىڭ جەمىيەتتە تەنھا قالدۇرۇلۇشۇم، مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى،
بۇرۇن مەندىمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش مېھرى -مۇھەببەتلىك بىر يۈرەك بار ئىدى، سىلەرنىڭ باغرى تاشلىقىڭلار ، مېنىڭمۇ باغرىمنى تاش بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. مېنى ئەيىپلىسەڭلار ، تىللىساڭلار مەيلى، لېكىن ئەيدىز كېسلىگە گىرىپتار بولغان ھەممە ئادەمنى تىللاۋەرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىزدەك ئازغانلار ئەمەس، مانا بۇ ئىككى ياشلىق بالىدا نېمە گۇناھ بار، ئەجىبا ئۇمۇ يامان ئىش قىلىپ يۇقۇملانغانمۇ؟-قىز شۇنداق دەپ ئىككى ياشلىق بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆرسەتتى.
نۇرغۇن كىشىلەر بار ، ئەيدىز كېسىلى بولغانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولماي تۇرۇپ يۇقۇملانغان، نۇرغۇن ئاياللار بار، ئەرلىرى سىرىتتىن يۇقتۇرۇپ كېلىپ يۇقۇملانغان، نۇرغۇن ئادەملەر بار ئۆزىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيدىغان، ئەيدىز بىمارلىرىمۇ روھى جەھەتتىن ئېغىر زىيانلانغۇچىلاردۇر، ئۇلارمۇ سىلەرنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزىشىڭلارغا مۇھتاج.
مېنىڭ سۆزۈم تۈگىدى.
قىزنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ، زادى كىمگە غەزەپلىنىشنى، كىمدىن نەپىرەتلىنىشىمنى بىلەلمەي، بېگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن ھېلىقى ئاچىمىزغا ، ھېچنىمىدىن غەمسىز كۈلۈپ ئولتۇرغان نارسىدە بالىغا ئىچىم ئاغرىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.
-ئەمدى، گورۇپپىمىزنىڭ ئەزاسى، مۇخپۇلجاننى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى-كۆزەينەكلىك يىگىت يەنە بىرەيلەننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. كېسەللىك سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟ ئېنتايىن ئورۇقلاپ كەتكەن 40ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىرەيلەن سۆزگە چىقتى.
-ئىسمىم مۇخپۇلجان بۇ يىل 41 ياش، يۇرتۇم ئاقسۇدىن، تۇرۇشلۇق ئورنۇم ئۈرۈمچىدە، مېنىڭ ھېكايەمنى ئۈچ يىل ئاۋالقى بىر ۋەقەدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇ ۋاقىتلاردە مەن ئىنتايىن بەخىتلىك ئېدىم، ئىككى بالام، ھەم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايالىم بار دەپ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم، شۇ چاغلاردا ئايالىم ھامىلدار ئىدى، ئېغىرلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن يەڭگىش ئۈچۈن يۇرتقا قايتىشى كېرەك بولۇپ قالدى، ئۈرۈمچىدىكى تىجارەت جىددى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتالمىدىم، ئارىدىن بىر ئايدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى،تۇرمۇشۇمنى بىر خىل رېتىمدا چىرايلىق ئۆتكۈزىۋاتاتتىم، بىر كۈنى دۇكاننى تاقاپ ماشنا بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتسام ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان گۈزەل بىر قىز ماشنامنى توسۇدى،-كەچ بولغاندا يىراقراق يەرگەن بېرىپ قالسا ،ئاپىرىپ قويۇپ 50-60 كويىنى خەجلىمەيمەنمۇ دەپ ئويلاپ، توختۇدۇم.
-باچاڭغا ئاپىرىپ قويامسىز -دېدى قىز.
-60 يۈەن بەرسىڭىز ئاپىرىپ قوياي -دېدىم ئەتراپقا بىر قاراپ قويۇپ، مەن دۇكاننى ئېنتايىن كەچ تاقايدىغان بولغاچقا بۇ ۋاقىتتا سائەت 11 دىن ئاشقان ئىدى،ئۇنداق يىراق يەرگە تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئاپىرىپ قويۇشىمۇ بۇ كەچتە تەسكە توختايتتى.
قىز بىلەن ئۇنى بۇنى دېيىشىپ يۈرۈپ 50 يۈەنگە سۆزلىشىپ باچاڭ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. باچاڭغا كېلىشكە ئازلا قالغان بىر يەرگە كەلگەندە ،قىز ماشنىنى توختۇتۇپ تۇرۇشۇمنى ، پەسكە چۈشۈپ ، ئالدىمىزدىكىلا ماگزىندىن بىر نەرسە ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەنمۇ گەپ سۆزسىزلا توختۇدۇم، قىز ماشنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقىدىن قاراپ تۇردۇم، قىز ماگزىنغا كىرىپ خېلى ئۇزاققىچە يوقاپ كېتىپ، ماشنىدىن چۈشۈپ قاراپ باقاي ، دەپ تۇرۇشۇمغا قايتىپ چىقتى.
ماشنىنى يەنە قوزغۇدۇم، ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ غەلىتە بىر نەرسىنى ئاغزىغا سېلىپ، ھوزۇرلانغاندەك قىياپەتتە ئولتۇراتتى.
-نېمە ئۇ-قىزىقىپ سورىدىم.
بەك ياخشى نەرسە ،بىر تال يەپ قويسىڭىز چارچاشنى تۈگىتىدۇ-قىز كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.
-خۇمار قىلىدىغان نەرسە ئوخشىمامدۇ-دېدىم مەن بۇ نەرسە ماڭا ماس كەلمەيدىكەن دېگەندەك تەلەپپۇزدا.
-خۇمار قىلمايدۇ، بىر تال شوراپ باقامسىز-قىز ماڭا بىرتال ئۇزاتتى-بەك يەڭگىللەپ قالىسىز. يۇمىلاق كەلگەن كومىلاچنى قىزنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئاغزىمغا سالدىم، بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن تېنىمدە غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ ماشىنىنى ھەيدەشكە ئامالسىز قېلىپ بىر چەتكە تارتىپ توختىدۇم،
ھېسىياتىم كونتىرول قىلغۇسىز دەرىجىدە، قوزغۇلۇپ، ئۆزۈمنى بېسىشقا ئامالسىز قېلىپ، قىزغا ئېسىلدىم.
-قولىڭىزنى تارتىپ تۇرۇڭ ،ئاۋال باھادا كېلىشىۋالايلى-دېدى قىز قولۇمنى ئىتتىرىۋېتىپ.
-قانچە پۇل-شۇ تاپتا ئۆزۈمنى زادىلا باسالماي قالغان ئېدىم.-500 قىز بىلەن ئۇنى بۇنى دېيىشىپ يۈرۈپ 250 يۈەنگە كېلىشتىم، ماشنىنى ئامالىمنىڭ بېرىچە ھەيدەپ، ئۇ باشلىغان ئادىرىس بويىچە ياتىقىنىڭ ئالدىغا باردىم.
ئىشتىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك تويۇلۇپ قاتتىق ۋېجدان ئازابى تارتتىم. ھەم ئىككىنچى بۇنداق ئىش قىلماسلىققا نىيەت باغلاپ، ئۆيگە بېرىپ ، پاكىز يۇيۇنۇپ، ئىككى رەكئەت تۆۋە نامىزى ئوقۇدۇم.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بارا بارا بۇ ئىشلارمۇ كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپ، ئايالىمنىمۇ ئەكىلۋېلىپ، يەنە بۇرۇنقى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنى باشلىۋالدىم ،لېكىن كىم ئويلىغان دەيسىز ، شۇ بىر قېتىملىق ئازغۇنلۇقۇم، مېنى مۇدھىش كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ ھەممە شادلىقىمدىن ئايرىدى .
بىر قېتىملىق ئەيدىز كۈنىدىكى پائالىيەتتە، سۆزلەنگەن كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئالامەتلەرنىڭ مەندە كۆرىلىشىگە ئەگىشىپ، گۇمان قىلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتىم. نەتىجىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىم مەلۇم بولدى.
شۇتاپتا ئايالىمنىڭمۇ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى، چۈنكى ئاللىقاچان ئىككىمىزنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىمىز ئوخشىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئايالىمنىڭ ئۆزىگە قاراپ، گۇمانسىراشلىرىغا قاراپ، قاتتىق ئازابلىناتتىم، لېكىن ھازىر مۇھىم بولغىنى ئۇنى ئېمىۋاتقان بىر ياشقىمۇ توشمىغان سەبى بالامنىڭمۇ مۇشۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك ئېدى، بالامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئانىسىنى ئېمىۋەرسە كېسەللىك تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدىم، ئەمدى ئايالىمدىن يوشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم.
قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئاخشامدا بۇ ئىشلارنى ئايالىمغا دېدىم،ئۇ ئاۋال مېنى قانغۇچە تىللىدى،ئۇرۇپ،تاتىلىدى،ئاندىن جىمىپ كەتتى،شۇ جىمىغىنىچە،بىر ئاي ۋاقىتقىچە بىر ئېغىر گەپمۇ قىلماي،يىگەن بىر نەرسىسىنىڭ تايىنى يوق،بالىلار بىلەنمۇ كارى بولماي تامغا قاراپ ئولتۇردى.
بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى، مەن دۇكاندا ئولتۇرۇپ، ئايالىمنىڭ 6-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلىۋالغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرىۋالدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن ،بۇ ئىشلاردىن ئاتا-ئانىللىرىمدىن تارتىپ خەۋەر تاپتى، ئانام بىلەن دادام ، بالىلىرىمنى ئېلىپ، يۈزۈمگىمۇ قارىماستىن كېتىپ قالدى، بالام ئۈچ ياشقا كىرىپ قالغاندۇ، لېكىن ئۇنى بىر كۆرىۋالغۇدەك يۈزۈممۇ يوق، مېنىڭ ھېكايەم باشقىلارغا ئېبىرەت بولسۇن دەپ، مۇشۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، سىلەرگە ھېكايەمنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن، سىلەر ياش بالىلاركەنسىلەر، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇشنى بىلىپ ھاياتىڭلارنى قەدىرلەپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەمدى قۇلۇقۇمغا ھېچقانداق گەپ سۆز كىرىپ چىقمايتتى ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم، نادان خەلىقىم، نادان خەلىقىم-ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىغاچ زالدىن چىقىپ كەتتىم، ئەمدى ئاڭلىغۇچىلىكىم ، چىدىغۇچىلىكىم قالمىغان ئىدى، نارسىدە ئىككى بالا، بىگۇناھ ئىككى ئايال-نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق-ھە.
بۇ گورۇپپىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ ياكى، نومۇس قىلىپ قالدىمۇ، ئەتىسى زاۋۇت باشلىقلىرى ئابدۇرۇسۇلنى قايتۇرۇپ كەلدى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا يېتىشنى خالىمىدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن،مەن ئابدۇرۇسلغا ھەمراھ بولۇپ،مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش مەخسۇس بۆلىمىگە كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىتىپ،مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈم باردىم.
بۇ يەردىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېچىنىشلىق، بىر نەچچەيلەن بىلەن، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئەيدىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا لەيلەپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ھەربىر جەمىيەت ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيتى بارلىقىنى ھېس قىلىدىم.
تېخى ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەيدىزنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان قەۋمىمىزنىڭ ئىچىدە ،ئەيدىز نېمە ئۈچۈن بۇنچە تېز ھەم بىمالال يامرىيالىدى، ئەيدىز بېمارلىرىنىڭ كەچۈرمىشى ھەم ئەتراپىمىزدىكى تۇرمۇش مۇھىتى ماڭا بۇنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئەيدىزنىڭ بۇنچە تېز يامىراپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەرنى مۇنداق بىر قانچە تۈرگە ئىخچاملاپ چۈشەندۈرىمەن.
1-ئېتىقادنىڭ سۇسلىشى.
بەزىلەر ئەيدىزنى ئاللانىڭ ئازغان بەندىلىرىگە بەرگەن بېداۋا كېسەل دەپ چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئېيتىلغان سۆزلەر ئەمەس، ئېتىقاد بىر ئىنساننىڭ كىملىكىنىڭ ئىپادىسى، مېڭىش يولىنىڭ يۆلىنىشى، مەيلى دىنىي ئېتىقاد، ياكى مىللىي ئېتىقاد بولسۇن ھەممىسىلا بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ئېتىقاد يۆلىنىشىنىڭ بېكىتىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. دېنىي ئېتىقاد بىلەن مىللىي ئېتىقاد بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ، ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىش بىر ئىنساننىڭ تۇرمىشىنىڭ رېتىمىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئەدەپ-ئەخلاقىغا ھەم كىشىلىك قىممەت قارىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، خۇددى بىر كومپاسقا تايىنىپ يۆلىنىشنى بېكىتىپ يول يۈرىۋاتقان بىر توپ ئادەم كومپاسنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، يولدىن ئېزىپ ئېغىر مۈشكىلاتلارغا دۇچ كەلگەندەك، ئېتىقادى سۇسلاشقان، ئېتىقادىنى يوقاتقان ئادەمنىڭ روھىيىتى خىرىسقا ئۇچىراپ، ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، يولدىن ئېزىپ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
بۇ يەردىكى ئېتىقادنىڭ سۇسلۇشىشى ھەرگىزمۇ بىر ئادەمگىلا قارىتىلغان سۆز ئەمەس بەلكى پۈتۈن جەمىيەت ئەزالىرىغا قارىتىلغان سۆزدۇر، چۈنكى ئەيدىزنىڭ بۇنچىلىك بېمالال تارقىلالىشىدا ،ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىدا ، ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتىمىز بار، چۈنكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدكى بۇ بوشلۇقنى بىز بەرپا قىلغان جەمىيەت ھازىرلاپ بەرگەن.
مەن دوختۇرخانىدا مەكىتتىن كەلگەن 17 ياشلىق بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇچىراتتىم، خەۋەردار بولىشىمچە ،ئۇلار ئوقۇيدىغان مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىدىغان يولدا، لەي-لەيخانىلار كۆپكەن ،ئۇ شۇ لەي-لەيلەرگە ئېزىپ مۇشۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالغانلارنىڭ بىرىكەن، دېمەك ئەيدىز قەۋمىمىزدە ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياش، ياشلارغا تارقىلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ياش ئۆسمۈرلەرگە ھوجۇم قىلىش باسقۇچىغا بېرىپ بولغان، 15 ياشتىن،18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بۇنداق بالدۇر يېتىلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ئېتىقاد تەربىيەسىنىڭ يېتەرلىل بولمىغانلىقىدىدۇر، ئەتراپىدىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىدىغان، جىنسى ھېكايىلەر ھەم سېرىق فىلىملەر كەڭ تارقالغان مۇھىتنىڭ زەھەرلىشىمۇ بۇنىڭدىكى بىر سەۋەبتۇر.
شۇ تاپتا ئانامنىڭ بىر سۆزى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ: ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۇنۇتمىشىن،ئەدەپلىك ئادەم ھەر جايدا قىممىتىنى يوقاتمايدۇ، ئەخلاق سېنى يامان ئوي، يامان ھەۋەسلەردىن توسۇيدۇ، ئىچىملىككە، ئىشقى ھەۋەسكە ،چېكىملىككە بېرىلگەن ئەركەك ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ،شۇڭا بۇ نەرسىلەرگە بېرىلىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.
بۇ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر ھە،
مەن ھېس قىلغان يەنە بىر رېئاللىق، ئېتىقادى بىر قەدەر مۇستەھكەم ئائىلىلەردە، ئەتىراپلىق ئۆرۈپ-ئادەت سىڭدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغان ئوغۇل قىزلارنىڭ ،كىشىلىك قىممەت قارىشى، ھايا،ئەدەپ-ئەخلاق ،كىشىلىك ئېتىقادىنى ساقلىشى بىر قەدەر مۇستەھكەم بولىدىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدكى بىرىنچى ئوبىكىت، ئېتىقادى سۇسلاشقان، ئەخلاقى بۇزۇلغان ئادەملەردۇر، مۇستەھكەم ئېتىقادنى ساقلاش، ئەنئەنىۋى ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنىڭ بۇ كېسەلنىڭ تىزگىنلىنىشىگە ھەم كەلگۈسىمىزگە بولغان پايدىلىق تەسىرى ھەقىقەتەن زوردۇر.
2-بالدۇر مۇھەببەتلىشىش، مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتنىڭ سۇسلىشى:
بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھازىر ئاللىقاچان بۇ جەمىيەتنىڭ مۇقامىغا ئايلىنىپ كەتكەن،بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئوغۇل قىزلارنى شەرمىي ھايادىن ئايرىپ،قىز-ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدكى ئاساسى سەۋەب بولۇپ قالغان، مۇشۇنداق تەقدىرگە يولۇققان بەزى قىزلىرىمىز ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ كېسەلنىڭ چاپلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە. توغرا مۇھەببەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھايا ھەم قوغداشنى مۇھەببەتكە بولغان ساداقەت بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرگەندە بەلكىم كېسەللىكنىڭ تىزگىنلىنىشگە ھەم ئەدەپ-ئەخلاق ئېتىقادىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
خۇددى يۇقارقى ھېكايىدە سۆزلەنگەندەك، ئائىلىگە بولغان ساداقەت سۇسلاشقان ئەرلەرمۇ كېسەللىكلەرنىڭ بىگۇناھلارغا يۇقىشىدىكى ئاساسلىق يولدۇر، ئەرلەرنىڭ شاللاقلىشىش يالغۇز ئۆزىگىلا خەتەر ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن بىر ئائىلىنى زەھەرلەپ، بېگۇناھلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا بولغان ئەركەكلىك ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇپ، ئەرلەرنىڭ ئائىلىسى ئالدىدىكى بۇرچىغا ئەمەل قىلىپ، جۆرىسىگە ساداقەتمەن بولۇپ، ناشايان ئىشلاردىن ھەم زىنادىن ئۆزىنى كونتىرول قىلىشىنىڭمۇ كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش ھەم بەخىتلىك ئائىلىلەرنىنىڭ بەرپا بولىشىغا بولغان پايدىسى كۆپتۇر.
3-ئوغۇللارنى ۋاقتىدا ئۆيلىمەسلىك ھەم تويلۇقنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرىغا ئۆرلەپ كېتىشى. ئوغۇللار 18 ياشتىن ئۆرلىگەندىن كېيىن، نورمال جىنسى تەلىپى يۇقىرىغا ئۆرلەپ بارىدۇ، بويىغا يەتكەن ئوغۇللارنى ۋاقتىدا ئۆيلەپ قويماسلىق، ھەم ئۆيلىيەلمەسلىك، كېسەللىكنىڭ ئوچىقى بولغان مەينەت خانىلارنىڭ شۇ خىلدىكى ياشلار بىلەن ئاۋاتلىشىشپ كېتىشىدىكى ئاساسى سەۋەبتۇر. ئوغۇللارنى ۋاقتىدا ئۆيلەندۈرۈشكە سەل قاراشتىن باشقا يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەب، تويلۇقنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىدۇر، بۇ مەسىلىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلاردا يۇقىرى تويلۇق 10 مىڭ يۈەندىن، شەھەرلەردە 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنتى، ھازىر يېزىلاردە 30 مىڭدىن، شەھەرلەردە 50 مىڭغىچە يېقىنلىشىپ باردى، تويلۇقنىڭ ئەھۋالىلا شۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، توي قىلىشقا كېتىدىغان باشقا چىقىملار بىلەن قوشۇلۇپ، بىر ئوغۇلنى ئۆيلەش ئۈچۈن ئازكەم 100مىڭ يۈەن پۇل جۇغلىمسا قازان ئاسقىلى بولمايدىغان ھالغا بېرىپ يەتتى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەن نۇرغۇن يىگىتلىرىمىزنىڭ يېشى،25 تىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئىقتىسادنى كۆزدە تۇتۇپ ،يەنە ساقلاشقا مەجبۇر بولدى ، ھەتتا بەزىللىرى 30 ياشقا كىرگۈچىمۇ ئۆيلىنەلمەيدىغان ھالغا بېرىپ يەتتى، ئوغۇللارنىڭ يېشىنىڭ چوڭۇيۇپ كېتىپ، ۋاقتىدا ئۆيلىنەلمەسلىكى ئۇلارنى ناشاياندىن ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ،كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى يۇقۇرى كۆتۈرىۋەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مۇھىم بولغىنى يۇقۇرى كۆتۈرىلىۋاتقان تويلۇقنى ئىزىغا چۈشۈرۈپ، ئۆيلىنەلمەيۋاتقانلارغا ئاسانلىق يارىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن، يۈزلۈك ئابرويلۇق، ئۆلىمالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ تويلۇققا باھا بېكىتىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. ئىشىنىمەنكى ئوغۇللارنىڭ ئۆيلىنىش مەسلىسى ھەل قىلىنسا ناشايان ئىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، كېسەللىكنىڭ كونتىرول قىلىنىشىغا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن.
4-تەشۋىقات -تەربىيە ھەم ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى.
رايونىمىز ،جۈملىدىن يېزىللىرىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، تەشۋىقات تەربىيە جەھەتتە ،كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالغان، شۇ سەۋەبتىن ،كېسەللىكنىڭ يۇقۇش يوللىرىدىن بېخەۋەر، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلمەيدىغان ساددا دېھقان ياشلىرىنىڭ بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېغىر بولماقتا، ھەتتا بۇلاردىن باشقا ئۆزىنىڭ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ بىلمەي، ۋاقتىدا بايقىيالماي، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىش ھەم ئەتراپىدىكىلەرنى زىيانغا ئۇچىرىتىش خەۋپىمۇ كۆرۈلمەكتە.
مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ تەلىم تەربىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە كېسەللىك ئوچاقلىرىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىشىغا مۇھتاج بولماقتىمىز ،بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىىشى بۇ كېسەللىكنىڭ يامىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.
1- رادىئو تېلىۋېزىيەدىكى ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئېلان تەشۋىقاتنى يولا قويۇش ۋە كۈچەيتىش، ھازىرغىچە تېخى رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئالسدىنى ئېلىش بىلىملىرى، ھەم كەلگۈسى خەتىرىنى توسۇشقا دائىر سېستىمىلاشقان كونكىرىت بىر ئېلان پىروگىراممىسى ئىشلىنىپ، تېلىۋېزىيەدە تەشۋىق قىلىنغىنى يوق، مېنىڭچە تېلىۋېزىيەدە تەشۋىق قىلىشنىڭ، كېسەللىكنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ھەم ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىغا بولغان رولى زور. ئۇندىن باشقا ناھىيە يېزا كەنىتلەر ،يىلدا بىرقانچە مەيدان تەشۋىقات ئويۇشتۇرۇپ ،ياشلارغا نىسبەتەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى كونكىرىت تەشۋىقات قىلىشىمۇ، ئاساسى قاتلامدا تىزگىنلەشتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.
2-قىزىل چىراق رايونلىرىنى مەركەزلىك تۈزەپ، ئەيدىزنىڭ بۆشۈكلىرىنى تولۇق ئوجۇقتۇرۇش كېرەك. پايىشخانىلارنىڭ ئەركىن ئازادە تىجارەت قىلىشى،كېسەللىكنىڭ يۇقۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبتۇر، بۇ مەينەتخانىلارغا كىرىدىغانلار ئارىسىدا ،تۆۋەن كىرىملىكلەر، ياشلار ئۆسمۈرلەر ئاساسى سالماقنى ئېگەللەيدىغان بولۇپ، تولۇق،ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىمۇ بار. مۇشۇنداق مەينەت خانىلار تاقالمايدىكەن، كېسەللىكنىڭ يامىرىشى تېخىمۇ تىزلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئارلىشىپ مەينەت خانىلارنى تاقاپ، تەرتىپكە سېلىپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش بوشلۇقىنى تارايتىشىغا مۇھتاج بولماقتىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا قەرەللىك ھالدا كوچىغا چىقىپ ، خېرىدا ئىزدىگۈچىلەرنى يىغىپ تەربىيە بىلەن جازانى بىرلەشتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ يەنە بىر يوقۇش يولىنى يوقۇتۇش كېرەك.
دوسلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى ساڭنا، مېھمانخانا، ك ت ۋ قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزلىرىنى شۇ نام بىلەن پەردازلاپ، بۇزۇقچىلىققا يول ئاچىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بولغان .ئۇندىن باشقا باغچا، ياكى مەلۇم ئويۇنلار مەركەزلەشكەن كوچىلاردا كچىچە كوچىدىن كىرمەيدىغان تېنىنى ساتقۇچىلارنىمۇ ئۇچرىتىش ئىنتايىن ئاسانكەن.
يۇقارقىدەك ئورۇنلار تاقالماي تۇرۇپ، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولماس.
ئابدۇرۇسۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەكىرەم ئىسىلىك بىر ئىشدېشىمىز، قەشقەردە كېرەمباغ كەچلىك بازار دەيدىغان بىر يەردە بىر ياتاقنىڭ بارلىقىنى، بۇ ياتاققا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغدا بىر قېتىم ساۋاقداشلىرىنىڭ شۇ ياتاققا كىرىشكە زورلىغاندا كىرمىگەنلىكىنى، باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ 50 يۈەندىن پۇل يىغىشىپ كىرىپ چىقىشقانلىقىنى ئېيتىپ ،ئۇھسىنىپ قويدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈرىكىمدىكى ئەندىشەمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ، ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە قەشقەردە يەنە نۇڭسەنشى دەيدىغان بىر كوچا بارلىقىنى شۇ كوچىدىكى مېھمانخانا، مەيخانا، مۇنچا ، ساڭنا قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان چاغدا تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى.
يالغۇز قولدىن چاۋاك چىقماس، ھەممىمىز بىرلىكتە ھۆكۈمەتتىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلايلى، ياشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا قەۋمىمىزنى تۈزەشكە ئازىراق ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
3-ئەيدىز بىمارلىرىنى تىىزملاپ ھەم پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئۇلاردا ئىشەنىچ تۇرغۇزۇپ،ئۆزىنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالايدىغان پىسخىكىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرۈتكە بولۇپ ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن ئېقىش يوللىرىنى تۈگىتىش كېرەك.
نۇرغۇن ئەيدىز بېمارلىرى ئۆزىنىڭ كېسىلىنى بىلمەيدۇ ياكى بىلسىمۇ، ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن بېخەۋەر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ زايانكەشلىككە ئۇچىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تەشۋىقات بىلەن تەلىم تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ساغلام ئادەملەرگە ئوخشاش پىسخىكىغا ئېگە قىلىپ، كېسەللىك قارىغىنى تۇرغۇزۇپ، مېھرى -مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇشنىڭ ھەم ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇپ، بېگۇناھ ئاممىغا كېسەل يۇقتۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ كېسەللىكنىڭ يامىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى زور دەپ ئويلايمەن.
4-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەمسىتىلىشى، چەتكە قېقىلىشى ھەم ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىنىڭ پەيدا بولىشى.
ئەيدىز بىمارلىرىمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر، ئۇلارمۇ خۇددى باشقا ئاغرىقلارغا ئوخشاش جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھەم غەمخورلۇقىغا مۇھتاج بولغۇچىلاردۇر، چەتكە قېقىلىش، زاڭلىق قىلىشقا ئۇچراش، ھەم كەمسىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسنى شەكىللەندۈرۈپ ، كېسلىنى باشقىلارغا ئاشىكارلىماسلىق، نورمال ئادەملەر بىلەن جىنسى ئالاقە ياكى قان ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ كېسىلىنى يۇقتۇرۇپ ،ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىكنىڭ يامرىشىدىكى يەنە بىر ئاساسلىق ئامىلنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
5-پۈتۈن جەمىيەت سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، توغرا بولغان كېسەللىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەيدىز كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بېمارلارغا غەمخورلۇق قىلىشنىڭ، ئۇلاردا مېھرىى-مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنى قوغداپ قېلىشقا بولغان رولى زور دەپ ئويلىدۇم.
يۇقارقى بەش خىل سەۋەب مېنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيان ئويلاپ چىقارغان يەكۈنلۈرۈم. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ كەتتى،گەرچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن،بالىلارنىڭ ئابدۇرۇسۇلغا بولغان قاراشلىرى سەل ئۆزگەرگەندەك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشلىرى مېنى يەنىلا بېئارام قىلىۋاتاتتى،شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، يۇرتقا بېرىپ، مېنىڭ كېلىشىمنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان مېھرىبان ئانامنىڭ باغرىغا قېنىشىم كېرەكتە،
شۇ خىياللار بىلەن تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ، ئىشداشلىرىم بىلەن خوشلۇشۇپ، ئابدۇرۇسۇلغا تەسەللى بېرىپ، بېكەتكە ماڭدىم، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ قوزغۇلىشىغا ئەگىشىپ، خىيال كارۋانلىرىم، ئابدۇرۇسۇلدىن گۈزەل يۇرتۇمغا قاراپ يۆتكەلدى.
بەلكىم تورداشلار يۇقارقى ھېكايدىكى ۋەقەلەرنى راسمۇ يالغانمۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن: ئەلۋەتتە راس ۋەقەلەر بۇ،،،،،،،بىرىنچى ھېكايدىكى قىزنىڭ ھېكايىلىرى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھەم ئېچىنىشلىق، بىراق مەن رەزىللىكلەرنى يۇمشۇتۇپ، ئاخىرىدا قىزنى گۇناھىغا تۆۋە قىلغان قىلىپ ،يازدىم. دېمىسىمۇ قىز ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قىلغان يامانلىقلىرىنى تونۇيدۇ . لېكىن ياخشى بىر ئىشنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي جان ئۈزىدۇ.
ئىككىنچى ھېكايىدىكى ئادەمنىڭ ھېكايىسىمۇ راس ۋەقە، بەلكىم تورغا چىقىدىغان قېرىنداشلار بولسا بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن شۇ ئاكاشنىڭ ھېكايىلىرىنى مۇنبەرلەردىن ئوۇقاغان بولشى مۇمكىن، مەن بۇ ئىككى ۋەقەلىكنى ھېكايەمگە باغلاپ يازدىم، چۈنكى بۇ ئىككى ھېكايە بىزگە ئەيدىزنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تونۇتالايدۇ .
مېنىڭ ھېكايەمنىىڭ بۇ بۆلىكىنى يېزىشمقا سەۋەب بولغىنى ئەيدىز ئەتراپىمىزدىلا چۆگۈلەپ يۈرىۋاتقان بولسىمۇ ، بەخەرامان يۈرىۋاتقان خەلقىم، ھەم بارغانسىرى سۇسلىشىۋاتقان بۇزىلىۋاتقان ئەدەپ ئەخلاقىمىزدۇر.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ شالاڭ رايونلارنىڭ بىرى لېكىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى جەھەتتە ئاللىقاچان ئالدىنقى نەچچە ئورۇنغا كىرىپ بولدى.ئاپتونۇم رايونىمىزدا نوپۇس نىسبىتى جەھەتتە ئۇيغۇرلار 45.9 پىرسەنىتنى تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ،لېكىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى جەھەتتە 80 پىرسەنلىك نىسبەتتىن ئېشىپ كەتكەن.بۇ ئەھۋال مۇشۇ قەۋىمنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى چۆچۈتۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ.
ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مۆلچەرى ئاشكارلانغان سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئۆتكەن يىلقى مەلۇماتلاردىن ئاشكارلىنىپ بولدى،لېكىن بۇنىڭ پەقەت ئەمەلىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 60 پىرسەنتىنىلا ئىگىلەيدىغانلىقى، يەنە 40 پىرسەنىت يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن بىخەۋەر ياكى،ئاشكارلاشنى خالىماي يوشۇرۇن ھالدا كېسەللىك يۇقۇمىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ئىكەنلىكى ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دېمەك ئاپتونۇم رايونىمىزدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىمار بار بۇنىڭ 70-80 مىڭى بىزنىڭ قەۋىمىمىزدىن دېگەن گەپ، بۇ سان بىزنىڭ 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىمىز ئۈچۈن ئاز سان ئەمەس.
مۇشۇنداق مەلۇماتلاردىن بۇ كېسەلنىڭ بىزگە قانچىلىك تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەي مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن شۇم تەقدىردىن بېخەۋەردەك بەخەرامان ياشاۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالماي مەزكۇر تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
تۆۋەندە ئەيدىز توغرۇلۇق ئۆزۈم خەۋەردا بولغان ساۋاتلارنى سۆزلەپ ئۆتەي ،قېرىنداشلىرىمغا ئازىراق بولسىمۇ پايدىسى يەتسە ئەجەپ ئەمەس.
ئەيدىز كېسىلى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئامىرىكىدا بايقالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا دائىرىسە شىددەت بىلەن يامرىغان، ئاپتونۇم رايونىمىزغا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن بىر يولداشتىن تۇنجى بولۇپ بايقالغان، تەرەققىيات ھەم ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققى قىلغان. دەسلەپتە زەھەر چەككۈچىلەرنى ئاساسى تارقىلىش يولى قىلغان بولسا ئەمدىلىكتە، جىنسى مۇناسىۋەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلىنىپ قالغان.
جۆرىسىگە سادىق بولماسلىق، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرمى -ھايانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئانىدىن بالىغا يوقۇش يوللىرىنى ئاساسلىق يوقۇش يولى قىلغان.
قانداق ئادەملەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە ئۇچىرايدۇ؟
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىنسان بىلەن جىنسى مۇناسىۋىتى بارلار، ئەيدىز كېسىلى بار يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن جىنسى ئالاقە قىلغانلار، زەھەرنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان زەھەر چەككۈچىلەر، ئەرلەردىكى ھەمجىنىسلار، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن تۇغۇلغان بالىلار، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىسپىرمىسى ياكى قېنى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقۇچىلار .
ئەيدىز ۋېروسى، ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتىغا چىققان ھامان ئۆلىدىغان بىر مىنۇتمۇ ھايات تۇرالمايدىغان ئىنتايىل ئاجىز ۋېرۇس، شۇنىڭ ئۈچۈن نورمال ئالاقە جەريانىدا ،قاچا-قۇچا ،قازان -قۇمۇچنى ئورتاق ئىشلىتىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئادەتتىكىدە سۆيۈشكەندە ،ئادەتتىكىدەك ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئەيدىز ۋېروسى يۇقمايدۇ، ئەيدىز ۋېرۇسى قان بىلەن ئۇچرىشىش يولى ئارقىلىق يۇقىدۇ ياكى كۆپىيىپ تەرەققى قىلىدۇ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ جىنسى ئەزاسىدىكى سۇيۇقلۇق (ئاياللارنىڭ) ھەم جىنسى يولىدا ھەم ئىسپىرمىسىدا (ئەرلەرنىڭ)كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋېروسى بولۇپ، بېۋاستە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا، يۇقۇملىنىش خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارغا يۇقۇش نىسبىتى 100دە 99 لۇق يۇقىرى پىرسەنىت بىلەن رېكوېرىت يارىتىدۇ، ئەرلەرگە يۇقۇش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، جۆرىسىگە سادىن بولۇش گاندون ئىشلىتىشنىڭ بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان رولى ئىنتايىن زۇر بولۇپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كونتىرول قىلالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە ،ئاغزىدا يارا ئېغىزى بار بولغان كىشىلەر ئاغزى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ياكى سۆيۈشكەندە، شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئارقىلىقمۇ كېسەللىكنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا ئەيدىز بىمارلىرى يارىلانغن ۋاقىتتا بەدىنىدىكى قان بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشقان بەدىنىدە يارا ئېغىزى مەۋجۇت بولغان كىشىلەرنىڭمۇ يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممىمىزنىڭ جۆرىمىزگە سادىق بولۇش، بالىلىرىمىزغا ئېگە بولۇش، ناشايان زىنالاردىن ساقلىنىش، ئەيدىز كېسىلىگە دائىر بىلىملەرنى كۈچەيتىش، ياشلاردا ،شەرمىي -ھايانى كۈچەيتىپ، جەمىيەتتە ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى يولغا قويۇش ئارقىلىپ، ئەيدىزنىڭ تەھتىدىنى قۇتۇلۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە ،ئائىلىمىزگە ئېگە بولۇپ،قەۋمىمىزنى ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ھالاكەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقايلى. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر