ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئۈمۈد نۇرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئۈمۈد نۇرى ئېھتىمال پات ئارىدا يىتىپ كېلىدۇ
ئون نەچچە يىل بولماستىن بەلكى كەلگۈسىدىكى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە.
بۈگۈن ياۋرو-ئامېرىكا ھەمجىنىسلار تورىنىڭ باش تېمىسى ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشتىكى ئىلگىرلەشكە مۇناسىۋەتلىك خوش خەۋەر بۇلۇپ، نۆۋەتتە يەنىلا سىناق قىلىش ۋە دەلىللەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇ نەتىجە بولسا ئەنگىلىيەدىكى بىرنەچچە داۋالاش ئاپاراتلىرى بىرلىشىپ ئىجرا قىلغان داۋالاش نەتىجىسى،بۇنەتىجە بىزنىڭ ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشقا يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشقىنىمىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىمال ئەيدىزنى «پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتىش» ئۇسۇلىنى تاپقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق تەجرىبىگە لوندون خانلىق ئىنىستىتۇتى،لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنىستىتۇتى،ئەنگىلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شاھلىق ئىنىستىتۇتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى،كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرغان،ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە خەلق ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئورگىنى NHS ياردەمگە قاتناشقان.
بۇقېتىملىق تەجرىبىگە 50 نەپەر بىمار قاتناشتۇرۇلغان،ئارىسىدىكى بىر بىمار نەچچە ئەيلىق داۋالاشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بەدىنىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى چىقمىغان. بۇيىل 44 ياشقا كىرگەن بۇ يۇقۇملانغۇچى لوندوندىكى جەمىئەت مۇلازىمەتچىسى بۇلۇپ،ئۇ تىمېس گېزىتىدە:«ئەگەردى بۇخىلكېسەلنى داۋالاپ ساقايتالىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى، مىنىڭ بەدىنىمدىكى ۋىرۇسنى نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا تەكشۈرگەندە بايقالمىدى.»
تەجرىبە مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ تەتقىقاتچىلار يەنىلا ھۇشيارلىقنى ساقلىماقتا.
مەزكۇر بىمارنىڭ ئېيتىشىچە:« بەلكىم بۇ ناچار شارائىتقا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ داۋالاشنىڭ پايدىسى بۇلسا كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەنە كۈتىشىمىز كېرەك،يەنە بىر نەچچە ۋاقىتلىق كۈزۈتۈش ئارقىلىق ئاخىرقى يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ،مەن بۇقېتىملىق تەجرىبىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن،بۇ ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئۆزۈمگىمۇ ياردەم قىلالايمەن.ئەگەر بۇقېتىم غەلبىلىك بولسا ، بۇ بىرقېتىملىق زور غەلبە بولىدۇ، شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ، بىز ئاخىرى داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتۇق. مەنمۇ قاتناشقانلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىمەن،ئىشەنگىم كەلمەيدۇ»دىدى ئۇ تۇلۇقلاپ.
بۇقېتىملىق يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى دائىمى قائىدىدىكى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى دورابىلەن بىرلىكتە ئۇنۇم كۆرسۈتۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ رولى بولسا تەتقىقاتچىلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويغان توسالغۇنى يەنى-ھۆجەيرىگە بۆسۈپ كىرىپ، ۋىرۇسنى تازىلاش توسالغۇسىنى يېڭىش بولدى. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ناچار شارائىتقا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنى تەلتۆكۈس يوقۇتالمايدۇ،چۈنكى ۋىرۇس بەدەندىكى ئىمۇنىتىت ھۆجەيرىسى T ھۆجەيرىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرنىۋالالايدۇ،دورىنى توختاتقان ھامان قايتا قوزغىلىدۇ.
يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى بولسا،يېڭى تىپتىكى ۋاكسىنا ئارقىلىق، يۇقۇملانغان T ھۆجەيرىسى تېپىشقا ياردىم قىلىدۇ، ئاندىن Vorinostat/ ۋورىنوستاتنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيقۇدىكى T ھۆجەيرىسى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى كونا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئويغۇتۇپ،ئۇنى ئىمۇنىتىت سېستىمىسىدا ئىزقوغلاپ ئەيدىز ۋىرۇسىغا ھۇجۇم قىلىشقا «يىتەكلىگۈچى» قىلىپ، kick and kill” ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈپ ،يۇشۇرنۇش ئىمكانىيىتى يوق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر