ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىپىك ئالامەتلىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 ئەيدىز − دۇنيا خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان كېسەللىك، نۆۋەتتە ئەيدىزنى تۈپتىن ساقايتىدىغان داۋالاش تەدبىرى تېخى يوق، شۇڭا ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىملەرنى بىلىۋېلىش، كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق. تۆۋەندە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
   1. ئۈزۈكسىز تۆۋەن قىزىتما
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر پۈتۈن ئەيدىز ئالامەتلىرى ئىچىدە، قىزىتما ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئەيدىز خەتىرى بولغان جىنسىي پائالىيەت يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 2 − 4 ھەپتىدە، ئانتىبىيوتىك، ھورمۇن شۇنداقلا تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىقمۇ بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولغان ئۈزۈكسىز تۆۋەن قىزىتما كۆرۈلىدۇ.
   2. چارچاش
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىمار دائىم چارچاش ھېس قىلىدۇ، بۇمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، يەنە كېلىپ داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، ئەمما، ھازىرقى زاماندىكى ئۇچقاندەك تېز تۇرمۇش رىتىمى، خىزمەت بېسىمى، ئۇيقۇنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشى، ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى قاتارلىقلارمۇ ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز خەتىرى بولغان جىنسىي پائالىيەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، چارچاش ئالامىتى كۆرۈلسە، زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەي، راست يۇقۇملانغان - يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش لازىم، ئەيدىزنى تەكشۈرۈش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
   3. سەۋەبى ئېنىقسىز بولغان يۇتقۇنچاق ياللۇغى
يۇتقۇنچاق ياللۇغى يۇتقۇنچاق قىسىمدىكى يېپىشقاق پەردە ئاستىدىكى توقۇلمىلار ياللۇغى بولۇپ، كۆپىنچە ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ. كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغى، سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. %80 − %40 كىچە بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدا، يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىق ئۆتكۈر مەزگىللىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
   4. بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز %10 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ كېتىش
بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەشنىڭ سەۋەبى شۇكى، HIV ۋىرۇسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئىچى سۈرۈش، ئۈزۈكسىز تۆۋەن قىزىتما، بەدەن ئېغىرلىقى تېزلىكتە تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
   5. باش ئاغرىش
باش ئاغرىش، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، باشقا ئالاھىدىلىكى يوق، گەرچە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىچىدە بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلسىمۇ، ئەمما بۇنى چوقۇم ئەيدىزگە باغلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ناۋادا ئەيدىزدىن گۇمان قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ئەيدىز سىناق قەغىزى ئارقىلىق ئەيدىزنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
   6. كۆڭۈل ئىلىشىش
ئادەم بەدىنى HIV بىلەن ياللۇغلانغاندىن كېيىن، سىستېمىدا سىرتقى دۇنيادىكى ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغان بىر يۈرۈش ئىچكى بەدەن ئىنكاسى يۈز بېرىدۇ، ئورگانىك گەۋدە سىرتتىن كىرگەن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىدە كۆڭۈل ئىلىشىش ياكى ياندۇرۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
  7. مۇسكۇل ۋە بوغۇم ئاغرىقى
پەقەت مۇسكۇل، بوغۇملار سۇس ئاغرىسا، بۇ ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئالامەت، بەك ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
   8. قارا تەرگە چۆمۈش
ئەيدىزدىن كېلىپچىققان قارا تەرگە چۆمۈش، سوغۇق تەرلەش قاتارلىقلار ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن، ۋىرۇسلۇق ياللۇغدىن كېلىپچىقىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش لازىم، كۈنگە قاقلىنىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ خىل ئالامەتلەرنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
  9. ئۈزۈكسىز ئىچ سۈرۈش
ئىچ سۈرۈش، ئەيدىز بىمارىنىڭ ئاشقازان - ئۈچىيىدىكى ئاساسلىق ئالامەت، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىدا ئىچ سۈرۈشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %91 كە يېتىدۇ، بۇ ئانتىگېننىڭ يوشۇرۇن ئىسپورىلىق قۇرت، ئاميوبا، باكتېرىيە خاراكتېرلىك تولغاق، سالمونېللا باكتېرىيەسى، زور ھۈجەيرە ۋىرۇسى، زەمبۇرۇغ قاتارلىقلاردىن ياللۇغلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  10. تاشما
ئەيدىز تاشمىسى، بىر خىل تېرە كېسىلى بولۇپ، تېرىنىڭ ساپ رەڭگى ئۆزگىرىپ، تېرە يۈزى بۆرتۈپ چىقىش ياكى سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش قاتارلىق ھەر خىل ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بار.
يۇقىرىدا كۆپچىلىككە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك ئالامەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما يەنىلا كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى جايىدا ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم، ياللۇغلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر