كېسەللىك بىشارىتى ۋە ئالامەتلىرىنى كۈزىتىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03


ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى ئېممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سالامەتلىك ئۆزگىرىشلىرىنى قانداق كۈزىتىشنى بىلىۋېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قانداق كېسەلگە ۋاقتىدا داۋا ئىزدەپ، ئېممۇنىتېتېت سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قانچە بالدۇر دىئاگنوز قويۇلسا، ئۈنۈملۈك داۋالىنىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، قانداق كېسەل بولۇشتىن قەتئىنەزەر دوختۇرنى ئېنىق ۋە تەپسىلى بولغان كىسەللىك دوكلاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ ئارقىلىق توغرا بولغان داۋالاش ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
دېققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئالامەتلەر:
قىزىتما:
قىزىتما بولسا بەدەننىڭ يۇقۇملىنىش بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن، يۇقىرى گرادوسلۇق قىزىتما بىلەن بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قىزىتمىلارنىڭ ھەممىسى دېققەت ئېتىبارىنى قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە ھېساپلىنىدۇ.
خاتىرىلەش زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار:
1. قىزىغان ۋاقتىڭىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ھەپتە؟
2. قانداق قىزىدىڭىز؟ يۇقىرى قىزىتمىمۇ ياكى تۆۋەن گرادوسلۇق قىزىتمىمۇ؟ داۋاملىق قىزامسىز ياكى بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم قىزامسىز؟
3 . سىزدە قىزىشتىن باشقا ئالامەتلەر بارمۇ؟ مەسلەن: يۆتۈلۈش، ئىچ سۈرۈش، باش ئاغرىش قاتارلىقلار؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، دەرھال دوختۇرنى ئىزدەڭ.
4 . بىر پارچە قىزىتما خاتىرىسى يېزىڭ. بۇ خاتىرە دوختۇرنىڭ قىزىش سەۋەبىڭىزنى ئېنىقلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
بەلكىم بەزى دوختۇرلار سىزنىڭ قىزىتما خاتىرىڭىزگە ئىتبار بەرمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭ،
داۋاملىق خاتىرىلەڭ:
مەسىلەن:
چىسلا∕ ۋاقىت تېمپېراتۇرا داۋالاش
2006-يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى 8:30 ، 38.3 ، ئىككى تال گەنكاڭ، 13:00 37.6 سۇ ئىچتىم.
2006- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى 13:10 ، 37 كۆپ مىقداردا سۇ ئىچتىم.
2006- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى 10:00 ، 39 ئىككى تال گەنكاڭ
يۆتەل:
كىشىلەر دائىم يۆتىلىش ئارقىلىق ئۆپكىدىكى غەيرى ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا يۆتەل بولسا ئۆپكە ياكى كانايدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغانلىقنىڭ ئالامىتى.
خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ئۇچۇرلار
1 . يۆتەل قۇرۇق يۆتەلمۇ ياكى بەلغەم ئارىلاشمۇ؟
2 . بەلغەمنىڭ رەڭگى قانداق؟ سېرىقمۇ، يىشىلمۇ، ياكى ئاقمۇ؟
3 . يۆتەلگەنگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
4 . يۆتەل بىلەن بىرگە، قىزىتما بارمۇ- يوقمۇ؟
نەپەس قىينىلىش (دەم سىقىلىش ۋە تېزلىشىش)
نەپەس تېزلىشش:
خاتىرلەشگە تېگىشلىك ئۇچۇرلار:
1 . نەپەس قىينىلىش يۆتەلگەندىن كىيىن يۈز بىرەمدۇ ياكى ئايرىم يۈز بىرەمدۇ؟
2 . نەپەس قىينىلىش قانچە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ؟
3 . نەپەس يولى كېسەللىك تارىخى بارمۇ؟ مەسىلەن: زىققا، تاماكا چىكىش، يۆتەل قاتارلىقلار؟
4 . سىزنىڭ كالپۇك، قول - پۇت تىرناقلىرىڭىزدا كۆكىرىش ئالامەتلىرى بارمۇ؟
5 . ئەگەردە يۇقارىقى ئالامەتلەر بولسا، دەرھال دوختۇرنى ئىزدەڭ.
ئاغرىش:
خاتىرىلەشگە تېگىشلىك ئۇچۇرلار:
1 . قايسى ئورۇن ئاغرىيدۇ؟
2 . سىزنىڭ ئاغرىقىڭىزنى قانداق تەسۋىرلەشگە بولىدۇ؟ مەسىلەن: لوقۇلداپ ئاغرىمدۇ ياكى سانجىپ ئاغرىمدۇ؟
3 . ئاغرىۋاتقىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
4 . دائىم ئاغرىمدۇ؟
5 . ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولدىمۇ؟
باش ئاغرىش:
بىر قىسىم باش ئاغرىقى سىزنىڭ نېرۋا سېستىمىڭىزدا مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.
ئادەتتە باش ئاغرىش ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تولۇقلاش زۆرۈر:
1. باش ئاغرىشنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى بارغانسىرى كۈچىيىپ بارامدۇ؟
2. ئاغرىق توختىتىش تابلىتكىسى باش ئاغرىقىڭىزنى يىنىكلىتەمدۇ؟
3. باشقا ئەگەشمە ئالامەتلەر بارمۇ؟ مەسىلەن: بويۇن قىسمى قېتىۋىلىش، قىزىش ۋە پۈركۈپ قۇسۇش دېگەندەك.
4. ئەس-ھۇشى ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئۆزگىرىش بارمۇ؟
5. سىزنىڭ كۆرۈش سېزىمىڭىزدە ئۆزگىرىش بارمۇ؟ مەسىلەن: ئېنىق كۆرەلمەسلىك، قوش كۆرۈنۈش قاتارلىقلار.
ئىچ سۈرۈش:
ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ئىچ سۈرۈش بار
ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش: ئادەتتە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل ئىچ سۈرۈش بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش: ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. سەۋەبى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: بەزى دورىلار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىچ سۈرۈش ئۈچەي ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان بولسا، ئاجرالما ماددىلارنىڭ ئىچىدىن قانسىمان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى بايقايمىز. بەزى ئىچ سۈرۈشلەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. بەزىلىرىگە پەقەت ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.
تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى خاتىرلەپ، دوختۇرىڭىزغا ئېيتىپ بېرىڭ:
1. ئىچىڭىز سۈرگەنگە قانچە كۈن بولدى؟
2. ھەر كۈنى قانچە قېتىم ئىچىڭىز سۈرىدۇ؟
3. چوڭ تەرەتتە قان ياكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بارمۇ؟
تۆۋەندىكى ئالامەتلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشىمىز كېرەك:
(كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاشنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە نىسبەتەن پايدىسى بار)
يۇقىرى قىزىتما ۋە قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەمدە ئېغىر دەرىجىدىكى كۆڭلى ئېلىشىش ۋە ياندۇرۇش. ئۈچەي تارتىشىۋىلىش ۋە قانلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇش.
داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنمۇ ئىچ سۈرۈشتە ياخشىلىنىش بولمىسا، ھەمدە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا.
تىل، كالپۇك ۋە تېرىلەر قۇرغاقلىشىش، ئۇسساش، كۆز ئەتراپى ئولتۇرۇشۇش ۋە سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.
دورا ئەكىس تەسىرى:
ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىر بولسا دورىنى ئىچكەندىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا ئەسۋە ۋە داغ پەيدا بولۇش.
ئېغىر بولغان دورا ئەكىس تەسىرى: ئەگەر ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىر كۆرۈلسە، پۈتۈن بەدەندە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما ۋە يېرىلغان ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ. كالپۇك ۋە ئېغىز ئىششىپ، تېرە تاشلاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا قىزىش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىرلەر كۆرۈلگەندە، دەرھال دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش كېرەك
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر