دوختۇرخانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالا

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

يېقىندا فۇجيەنلىك بەش ياشلىق قىز-ماۋ ماۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ قان سالدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىق ئىشى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ قىزچاق مەملىكەت ئىچىدە دوكلات قىلىنغان يېشى ئەڭ كىچىك ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىدى. ماۋ ماۋنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، ئۆيدىكىلىرى ئۇنى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن خەجلەپ داۋالاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئاستا ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانىدى، لېكىن ئويمىلىغان يەردىن تەقدىرنىڭ قارا قىسمىتى ئۇنىڭغا يەنە قارا قولىنى سوزغانىدى. ماۋ ماۋنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ قۇبۇل قىلالمايدىغىنى شۇكى، باشقا كىشىلەر ھەتتا ئۇرۇغ-تۇغقانلار ماۋ ماۋنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلىغان. ماۋ ماۋ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۈندە ئۆزىنىڭ مۈشۈكئېيىق قونچىقىنى قۇچاقلاپ ئويناپ كەلگەن بولۇپ، ئۇمۇ باشقا نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دىمەتلىكلىرى بىلەن بىللە ئويناشقا نەقەدەر ئىنتىلەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە ماۋ ماۋلارنىڭ ئۆيدىكىلەر فۇجۇ شەھىرى جىنپىڭ رايونىدىكى 10 كىۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان كاتەكتەك ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسى توغرىلىق گەپ سورالغاندا ماۋ ماۋنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: ‹ مەن پەقەت قىزىمنىڭ ھايات قېلىشىنى، باشقا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن›.
ماۋ ماۋنىڭ ئاپىسى فۇجيەن لۇڭيەن لىيەنچېڭدىكى يېزىدىن بولۇپ، ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ يولدىشى بىلەن بىللە فۇجۇدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانىدى، ماۋ ماۋ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىزى بار بولۇپ، بۇ قىزى ئاللىقاچان 20 ياشقا كىرگەنىدى. سېڭ گۇيشىياڭنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلار كېيىن ئىزچىل ھالدا بالا ئالماي كەلگەن بولۇپ، ماۋ ماۋ ئاپىسى سېڭ گۇيشىياڭ 39 ياشقا كىرگەندە تۇغۇلغانىدى. ماۋ ماۋ تۇغۇلغان چاغدا ئۇلار دوختۇرخانىغىمۇ بارمىغان ھەتتا تۇغۇت ئانىسىمۇ تەكلىپ قىلمىغان بولۇپ، سېڭ گۇيشىياڭ ئۆزى يالغۇز بالىنى تۇغقان شۇنداقلا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بالا ھەمرىيىنىمۇ ئۆزى قايچا بىلەن كېسىۋەتكەنىدى.
ماۋ ماۋ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاپىسى خىزمىتىدىن ئېستىپا بېرىپ ئۆيدە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىغان، ماۋ ماۋ بەش ئايلىق بولغاندا بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا قاتتىق يۆتۈلۈپ كېتىپ توختىمىغان بولۇپ، ئاپىسى ئۇنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا دوختۇر ئۇنىڭغا :‹ بالاڭ ساقىيالمىغۇدەك› دېگەن، بۇ گەپنى ئاڭلىغان سېڭ گۇيشىياڭ ئەينى چاغدا ئورنىدىلا ئايلىنىپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاس قالغانىدى.
كېيىن فۇجۇ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى شىيې خې دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى كېلىپ دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن ماۋ ماۋنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا دوختۇر ئۇنىڭغا:‹ ئەنسىرىمەڭلار، بۇ دېگەن كىچىك ئوپراتسىيە، سىلەر پەقەت 30 مىڭ يۈەن پۇل تەقلەپ قويساڭلارلا بولدى› دېگەن. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 39-كۈنى، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنسى ماۋ ماۋنى شىيې خې دوختۇرخانىسىغا ئەكەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك ئوپراتسىيىسى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئەسلىدە ماۋ ماۋ خېلى بۇرۇنلا دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان بولۇپ، لېكىن ئوپراتسىيە قىلغاندىكى يارا ئېغىزى ياللۇغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنە دوختۇرخانىدا 40 كۈندەك يېتىپ قالغان ھەم داۋالىنىش ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل خەجلەپ كەتكەن. لېكىن قىزى-ماۋ ماۋنىڭ كېسىلى داۋالاپ ساقايتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى يەنىلا قاتتىق خۇش بولۇپ كەتكەنىدى.
لېكىن ئۇلار قارا قىسمەتنىڭ ئۆزلىرىگە يىراقتىن قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ماۋ ماۋ دۇفۇ قېتىقى يېگەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈپ، قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيدىكىلىرى ئۇنى شىيې خې دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ ئاسما ئۇكۇل سالدۇرغاندىن كېيىنلا ئاندىن ناھايىتى تەستە قىزىتمىسى يانغان. 2014-يىلى 9-ئايدا، ماۋ ماۋ يەنە قايتىدىن قاتتىق قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيدىكىلىرى ئۇنى شىيې خې دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندە ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى دەرھال ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرتكەن بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى بايقالغان. ئۇلار ماۋ ماۋنى فۇجۇ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى مېڭچاۋ جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بىر مەزگىل داۋالاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ كېسىلىدە سەل ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. لېكىن ماۋ ماۋنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ يىغىپ تۈگكەن پۇللىرىنىڭ ھەممىسى پاك پاكىزە خەجلىنىپ تۈگىگەن.
ئاپىسى قىزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، شۇ ئارقىلىق قىزىنىڭ يەكلەشكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن، ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ‹ ئانا تەرەپنىڭ ئۆيدىكىلىرى بۇ ئىشقا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ›كەن، لېكىن ماۋ ماۋنىڭ دادىسى بىر قېتىم يۇرتى لۇڭيەنگە قايتىپ ماۋ ماۋنىڭ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا، ئۇ تاماق يېگەن ۋە ياتقاندا ئىشلەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاچىقىپ تاشلىۋىتىلگەنىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى ھەتتا ئۇلارغا:‹ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلمەڭلار› دېگەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر