ئېرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەيدىز ئايال

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: شىنجاڭ ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2017/11/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەھەت ئارقا-ئارقىدىن ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغاچقا، زۆھرە تۇغۇلغاندا ئالامچە خۇشاللىققا چۆمگەن ئىدى. «ئاتا قىزغا ئامراق كېلىدۇ» دېگەن گەپ راستمۇ نېمە، ئەھەت قىزى ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرەتتى. زۆھرە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىمىدى، ئەھەت ئارزۇلۇق قىزىنىڭ رايىغا باقتى. 18 ياشقا توشقاندا، ئەھەت ئۇنى ياتلىق قىلدى. زۆھرە ياتلىق بولۇپ بىر مەزگىل ئېرى بىلەن ياخشى ئۆتتى. بىر پەرزەنتىلىك بولغاندىن كېيىن ئىككىسى تولا جىدەللىشىپ، ئاخىر ئاجىرشىپ كەتتى. زۆھرە قىزى نازاكەتنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەھەت قىزى زۆھرە بىلەن نەۋرىسى نازاكەتنى بېقىپ كەلدى.
شۇ مەزگىللەردە قاسىم بىر نەچچە قېتىم ئەلچى كىرگۈزدى. ئەھەت ھەممە تەرەپتىن قاسىمنى زۆھرەگە ماس كېلىدىكەن، دەپ ئويلاپ، باشقىلار ئارقىلىق قىزىغا گەپ قىلدى. زۆھرە قاسىم بىلەن بىر مەزگىل ئارلاشتى. ئۇ قاسىمنىڭ مۈجەزىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، توي قىلىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇلار نىكاھ تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ، توي خېتى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. رامىزان ئېيى بولغاچقا، ئۆيدىكىلەر چوڭ توي قىلمايلا زۆھرەنى قاسىمغا قېتىپ قويدى. ئىككىيلەن قاسىم ئىجارە ئالغان ئۆيدە تۇرمۇشنى باشلىدى.
بۇلتۇر 27-ئىيۇن زۆھرە بىلەن قاسىم ئەھەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئەھەت ئەر-خوتۇن بۇ يېڭى كۈيۈ ئوغۇلىدىن خېلى رازى بولغانىدى.
قاسىم بىلەن زۆھرە ھېيتتىن كېيىن چوڭلارنى ئۆيىگە چاقىرىۋالىدىغان بولۇپ قايتىپ كېتىشتى. 29-ئىيۇل روزى ھېيىت بولدى. قاسىم نامازدىن كىرگەندە، زۆھرە ئۆيلەرنى يىغىتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
ــ قورساق ئېچىپ كەتتى نىمە يەيمىز؟ ـــ دېدى قاسىم. زۆھرە تاماقنى چوڭ ئۆيگە بېرىپلا يېيىشنى ئېيتتى، لېكن قاسىم خىجىل بولۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قورۇما قورۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن جىدەللىشىپ قالدى.
قاسىم ئاچچىقىدا سىرتقا چىقتى ھەمدە نان، ئۈزۈم ئېلىپ ئۆيگە كىردى. بۇ چاغدىمۇ زۆھرەنىڭ ئاچچىقى يانمىغاندى. قاسىم زۆھرەنىڭ قورىما قورىۋاتقىنىنى كۆرۈپ:
ـــ قورسۇقۇم ئېچىپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپلا تۇرىدۇ،ـــ دېدى. زۆھرە :
ـــ ھەئە، يەيدىغان ۋاقىتتا شۇنداق بولۇپ كېتىسەن، ـــ دەپ تەنە قىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن خېلى قاتتىق جىدەللەشتى.
زۆھرە ئاجىرشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قاسىم ئاجىرىشىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇيقۇ چاچلىرى تىك تۇردى ھەمدە: ـــ مەن نىمە قىلغانغا ئاجىرىشىمەن دەيسەن؟ـــ دېدى.
ـــ مەن ئەيدىز ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغىنىمنى بىلگەندىن بۇيان ئەر كىشىگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم،ـــ دېدى زۆھرە.
ـــ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغىنىڭغا مەن سەۋەپچى بولمىسام، نىمە سەۋەپتىن ماڭا ئۆچ بولۇپ قالىسەن؟...
زۆھرە قاسىمنىڭ ئاغىنىسى ياسىنغا تېلىفون بېرىپ دەردلىرىنى ئېيتتى. ياسىن زۆھرەگە نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، قاسىمغا تېلىفون بېرىپ:
ـــ ئايال كىشى چېچىلىپ قالسا شۇنداق كۆپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سەن يا جىم يېتىۋال، يا سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىر،ـــ دېدى.
قاسىم ياسىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ زۆھرە بىلەن تاكاللاشماي، كەينىنى قىلىپلا يېتىۋالدى. قاسىم بىر كەمدە ئاغرىق ئازابىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى. ئۇ ئويغۇنۇپ قارىسا، زۆھرە ئۇنىڭ بېشىدا پىچاق تۇتۇپ ئولتۇراتتى. قاسىم شۇندىلا زۆھرەنىڭ پىچاق تىقىۋەتكەنلىكىنى بىلدى ھەمدە تېزلىكتە ئاشخانىغا كىرىپ، پىچاقنى ئاچىقىپ زۆھرەنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تىقتى. قاسىم زۆھرەنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگىمۇ پىچاق تىقتى.
ياسىن قاسىم بىلەن ئىككىسىنى ئەپلىشىپ قالدىمۇــ قانداق، دەپ ئويلاپ، چۈشتىن كېيىن ئۇلارغا تېلىفون بەردى. ھەر ئىككىسى تېلىفوننى ئالمىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر دەسسەپ ــ ئىككى دەسسەپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشىك ئىچىدىن تاقالغان بولۇپ، جىمجىت ئىدى. ياسىن بىر نەچچە قېتىم چاقىرىپ باقتى، لېكىن ھېچ كىم ئىشىكنى ئاچمىدى. ياسىن دېرىزىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە قارىدى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا زۆھرە قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. قاسىم بولسا تامغا يۆلەنگىنىچە جىمجىت تۇراتتى. ياسىن شۇ ھامان قاسىمنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى. ساقچىلار شۇ ھامان ناق مەيدانغا يېتىپ كەلدى ھەمدە دېلونى جىنايى ئىشلار رازۋىدكا چوڭ ئەتىرتىدىكىلەرنىڭ بىر تەرپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. رازۋېدكىچىلار زۆھرەنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، قاسىمنىڭ تىنىقىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، قاسىمنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاسىمنىڭ زۆھرەنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.
ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبىسى جاۋاپكار قاسىمنى قەستەن قاتىللىق دىلوسى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلىدى. سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2013-يىلى 13-مارت قەشقەر شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ زۆھرەنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى خاتىرلىگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.
سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 22-ئىيۇن جاۋاپكار قاسىمغا قەستەن قاتىللىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. ( كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر