بىر قىزنىڭ ئەيدىز ۋەھىمىسىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى | ۋاقتى: 2012/05/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇخبىرى ئاينۇر مۇھەممەد

ئەيدىز بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى، ئۆمۈر بوستانىنى غازاڭ قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مەڭگۈلۈك ھەسرەتتە قويدى. ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ئۇلارنىڭ كۈيۈمچان ئاتا-ئانىلىرى، بىگۇناھ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشقا ئىنتىلگەن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇردى.  بىردەملىك ھاۋايى ھەۋەس، ئېزىقتۇرۇشلار ياكى ئېھتىياتسىزلىق تۈپەيلىدىن ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكۈچىلەر رەھىمسىز كېسەل ئازابى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى ئەگىپ يۈرگەن ئۆلۈم ۋەھىمىسىگىلا ئەمەس، يەنە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن سەسكىنىشى ۋە كەمسىتىشىگىمۇ دۇچار بولماقتا.  ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس.  ئەيدىزنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى سايە تاشلىغان بۇ ئائىلىدىكىلەرمۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشى، كەمسىتىشىگە ئۇچرىماقتا.  ئۇلار كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئەيدىزنىڭ ۋەھىمىسىدە كۈنلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە.  ئەمەلىيەتتە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلار ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا، ياردىمىگە ۋە چۈشىنىشىگە بەكرەك مۇھتاج.

كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى

- ئەگەر زەھەر چېكىش ياكى باشقا يامان يوللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان بولسام: «ئۆزۈم تېرىغان بالا بولغاندىن كېيىن دەردىنى تارتتىم.» دەپ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلار ئىدىم.  لېكىن مەن تاھازىرغىچە پاك-دىيانەتلىك ياشاپ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋېلىپ ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتىم.  پات ئارىدا ۋاپادار يولدىشىم، ئوماق پەرزەنتىم، بەختلىك ئائىلەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كېتىدىغىنىمىنى ئويلىغىنىمدا، ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باسىدۇ.  ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىپ قالساممۇ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىم بىلەن كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى....
-ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتالمىغان ئالمىرە ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلرىنى ئەنە شۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىدى.

ئالمىرە نىجىس كېسەل ___ ئەيدىزنى زادى قانداق يۇقتۇرىۋالغاندۇ؟ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز تېما داۋامىدا بولسۇن!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر